首页
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
更多
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
ئون ئالتە يىل جاپالىق ئىشلەپ قۇملۇقنى تۈزلەپ باغ بەرپا قىلىپ
时事
2024-12-13 18:58
新疆
16 يىل جاپالىق ئىشلەپ قۇملۇقنى تۈزلەپ باغ بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنى ئېكولوگىيە باغچىسىغا ئايلاندۇرۇش
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرلىرى
شېن جىنخې، خۇ لىجېڭ، شۈ شياۋلۇڭ
12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، يەنە بىر ھاۋا ئوچۇق كۈن بولدى، قۇياش نۇرى ئادەمگە ئىللىقلىق بېغىشلايتتى. مۇخبىرلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن 52 ياشلىق چاڭ ۋېي خۇشال ھالدا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بۇنداق ياخشى ھاۋانى كۆرگىلى بولمايتتى. خوتەنگە كەلگىنىمگە 16 يىل بولدى، تەلەپپۇزۇممۇ سەل ئۆزگىرىپ قـالدى». ئاددىيغىنە كىيىنگەن، مۇلايىم، گـەپلىرىدىن خېنەن تەلەپپۇزى چىـقىپ تۇرىدىغان بۇ كىشى نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزا ئاچما كەنتىدىكى تـاۋخۇاشى چىلانلىقىنىڭ ئىگىسى چاڭ ۋېي ئىدى.
مۇخبىرلار چاڭ ۋېيغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ 200 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان ھويلىسى بار تۇرالغۇسىغا كەلگەندە ، ئۆگزىدە توز، لەمپە ئاستىدا سېرىق قاشقا توز بارلىقىنى، يەردە بولسا توشقانلار ئوينىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. چاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «مانا بۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇم، سەل تۇرۇپ سىلەرنى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا باشلاپ بارىمەن».
ئارزۇسى ئۈچۈن قۇملۇقتا ماكانلاشتى
چاڭ ۋېي خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جوۋكوۋ شەھىرىدىن بولۇپ، خوتەنگە كېلىشتىن بۇرۇن بىناكارلىق قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئازراق پۇل تاپقانىدى، 2008 - يىلىنىڭ بېشىدا، چاڭ ۋېي دوستلىرى بىلەن خوتەننىڭ نىيە ناھىيەسىگە كېلىپ قارلىق تاغ، سۇلۇق يەر، چۆل - باياۋان، قۇملۇقنى ساياھەت قىلدى... گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ۋە قىزغىن خوتەن خەلقى ئۇنىڭدا خوتەندە قېلىپ ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئويىنى پەيدا قىلدى.
خېنەنگە قايتقاندىن كېيىن، چاڭ ۋېي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوتەنگە كېلىپ، قۇم تىزگىنلەپ چىلان ئۆستۈرۈشنى مەسلىھەتلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا، ئاتا - ئانام بىلەن خوتۇنۇم قوشۇلمىدى، ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراق بولۇشىدىن سىرت، ئەڭ ئاساسلىقى ئۇلار قۇملۇقتا چىلان ئۆستۈرەلمەسلىكتىن ئەنسىرەيتتى». چاڭ ۋېي ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىسىنى قايىل قىلىپ، ئاندىن خوتۇنىغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى. «سىزگە نەسىھەت قىلىپ توسىيالمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن، سىز بېرىۋېرىڭ، بۇرنىڭىزغا يېگەندىن كېيىن قايتىپ كېلەسىز» دېدى خوتۇنى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 36 ياشقا كىرگەن چاڭ ۋېي يۈك - تاقلىرىنى ئېلىپ پويىزغا چىقىپ ماڭدى، ئىككى قېتىم ئاپتوموبىل ئالماشقاندىن كېيىن ئاخىرى خوتەنگە كەلدى. شۇ كەلگىنىچە 16 يىل تۇرۇپ قالدى.
نىيە ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاران 30.5 مىللىمېتىر، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2756 مىللىمېتىر. قۇملىشىپ كېتىش كەنتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويۇپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
2008 - يىلى 5 - ئايدا، چاڭ ۋېي ئاچما كەنتىدە 1000 مو قۇملۇق يەرنى ھۆددىگە ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قۇمنى تىزگىنلەش كېرەك، قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى كۆچەت تىكىش. ئەينى چاغدا بۇ يەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز - پەس قۇم بارخانلىرى بولۇپ، قۇم تىزگىنلەش قىيىن ئىدى. دەسلەپتە، ناھىيە بازىرى بىلەن ئېتىزلىق ئارىلىقىدا يۈرەتتۈق، ھەر قېتىم ناھىيە بازىرىغا بېرىش ئۈچۈن 30 كىلومېتىر يول يۈرەتتۇق، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئېتىزلىقتىلا چېدىر تىكىپ، بىر تۇرغانچە يەتتە يىل تۇردۇم».
ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇملۇقتا يىلتىز تارتتى
چاڭ ۋېي يەتتە يىل جەريانىدا، قۇملۇقنى تۈزلىدى، ئېرىق چاپتى، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈپ يەرنى قۇۋەتلەندۈردى، سورتلارنى ئىنچىكە تاللىدى، چىلان دەرىخى تىكتى، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا ئاسانغا توختىمىدى. چاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ قىلىشىم كېرەك، چۈنكى بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم». شۇ يىلى ئۇ يېڭىدىن ئاچقان 300 مو قۇملۇققا جۈنزاۋ ۋە خۈيزاۋ چىلان كۆچىتى تىكىپ، يىغقان بارلىق پۇلىنى سەرپ قىلدى.
چاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «مەن يۇرتۇمدىكى ئۆيۈمنى سېتىۋەتتىم، لېكىن ئۆي ساتقان پۇلمۇ يەتمىدى. مەن قىلغان ئىشلىرىمنى ئىلگىرىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمغا سۆزلەپ بەردىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى بەك قوللىدى. نەچچە كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا 3 مىليون يۈەن غەملىدىم، بىراق يەنىلا يەتمىدى، يەنە ئارقا - ئارقىدىن 6 مىليون يۈەن قەرز ئالدىم».
چىلان ئۆستۈرۈش ئاسان ئەمەس ئىدى، قىيىنچىلىقلار كەينى - كەينىدىن كەلدى، سورتنى ئەلالاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ياۋا چىلانغا ئۇلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. چاڭ ۋېي بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن تېخنىكا ئۆگەندى، يەنە بىر تەرەپتىن ئېتىزدا تەجرىبە ئىشلىدى.
قۇملۇق تۈزلىنىپ ئېتىز بەرپا قىلىندى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئېرىگەن قار سۈيى باشلاپ كېلىنىپ سۇغىرىلدى. كۆپ مىقداردا ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈلۈپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە نەچچە ئونمىڭ تۈپ ئاق تېرەك ۋە جىگدە كۆچىتى تىكىلىپ، مۇستەھكەم ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلىندى؛ دانلىق زىرائەت تېرىش ئارقىلىق قۇشلار جەلپ قىلىنىپ ھاشاراتلار تىزگىنلىنىپ، كىچىك تىپتىكى ئېكولوگىيە زەنجىرى بەرپا قىلىندى؛ ھەسەل ھەرىسى بېقىلىپ چاڭلاشتۇرۇلۈپ، مېۋە بېرىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىققا نىسبەتەن چاڭ ۋېينىڭ چۈشەنچىسى خېلى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «چىلان ئۆستۈرۈشتە مەھسۇلات مىقدارىنى زىيادە قوغلاشماي، چىلاننىڭ تەبىئىي ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».
چاڭ ۋېي ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان «قۇرغاق رايونلاردا چىلان دەرىخىنى ئېكولوگىيەلىك ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى»نى يەكۈنلەپ چىقتى ھـەم دۆلـەتنىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلدى. قۇم تىزگىنلەشتىكى «يېڭى ياچى»دىن چىلان ئۆستۈرۈش مـۇتەخەسسىسى بـولۇشقىچە، چاڭ ۋېي خېلى كۆپ جاپا تارتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى قۇم بارخانلىرى مول ھوسۇللۇق باغچىغا ئايلاندى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدۇ».
چاڭ ۋېينىڭ داڭلىق ماركا قارىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بـولۇپ، 2014 - يىلى، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورگانىك يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى. ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، چاڭ ۋېي 2016 - يىلى يېڭى ئۆي سالدى، كىچىك چېدىردە يېتىپ -قوپىدىغان كۈنلەر بىلەن خوشلاشتى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ كېلىپ تۇرىدىغانغا جايى بار بولدى. 2022 - يىلى ئۇ بارلىق قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ بولدى.
ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى، ئاسمان كۆك، يەر يېشىل بولۇپ، قـۇشلار سايراشتى، كەسىپ جانلاندى
چاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «مەن ئېتىزىمغا ئەزەلدىن دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمەيمەن، ياۋا ئوت - چۆپ ۋە ھايۋانلارنىڭ قىغلىرىنى ئىشلىتىمەن، ئۇلار ئېچىغاندىن كېيىن، چىلان دەرەخلىرىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇرت ۋە قۇشلارمۇ ياۋا ئوت - چۆپلەر ئارىسىدىن ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يېيەلەيدۇ، بىر - بىرىنى چەكلەپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئىناق بىللە ياشىيالايدۇ».
تاۋخۇاشى چىلانلىقىدا ياۋا ئوت ـ چۆپلەر ئادەم بويى ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇنى باشقىلار چۈشەنمەيتتى، چاڭ ۋېينى چۈشەنمەيدىغانلار «ھەممە ئادەم ياۋا - ئوت چۆپلەرنى ئوتاپ تۇرسا، ئۇ ئۆسىشىگە قويۇپ بېرىپتۇ، ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلىدىكەن» دېيىشتى. بىراق ئەمەلىيەتتە، بۇ ياۋا ئوت - چۆپلەر چىلان دەرىخى بىلەن ئوغۇت تالاشماستىن، ئەكسىچە يەر يۈزىنى قاپلاپ، سۇ تېجەپ، نەملىكنى ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ قۇشنى بۇ يەردە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، چاڭ ۋېي يەنە تاۋخۇاشى چىلانلىقىدىكى بىر پارچە بوش يەرگە شاپتۇل، ئۆرۈك، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكتى. بۇ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئەزەلدىن خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمىدى، دېھقانچىلىق دورىسى چاچمىدى. چاڭ ۋېي چىلان دەرىخى ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن چىلاندىن بىرنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن گۈزەللىكنى قوغلاشمايمەن، ساغلاملىق ئەڭ مۇھىم. قېنى تېتىپ بېقىڭ، قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلەلەيسىز».
«ھەقىقەتەن بەك تاتلىق، ئەتلىك، يېيىشلىككەن.» بـۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەقىقىي باھاسى ئىدى.
16 يىل تىرىشىش ئارقىلىق 1000 مو قۇملۇق ھاياتىي كـۈچكە تـولغان چىلانلىققا ئايلاندى. ھازىر، چاڭ ۋېينىڭ دوستلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇنىڭ بېغىغا يىغىلىدۇ.
شامال چىققاندا، باغدىكى دەرەخلەر لىڭشىدى، بىراق ئازراقمۇ توپا - چاڭ كۆتۈرۈلمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ چىلانلىق بېغىدا تۆگە، مەرۋايىت خوراز، كۆك توز، كۈركە توخۇ، كەپتەر، توشقان، قوي قاتارلىق ھايۋانلار بار بولۇپ، ھەر يىلى 10 - ئايدا نۇرغۇنلىغان كۈل رەڭ تۇرنا بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدۇ.
مۇخبىرلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، بىر قاغا كېلىپ چاڭ ۋېيغا يېقىن يەرگە قـوندى، چاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ ياخشى دوستۇم، ئۇلار بولسىلا پۈتكۈل ئېكولوگىيە سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ».
ئېكولوگىيە ياخشى بولسا يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يېتىدۇ. بۇ يىل، چاڭ ۋېي ئۆستۈرگەن 700 مو چىلانلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، چىلانلارنىڭ چوڭلىقىدىن بىر قولىڭىزغا كۆپ بولغاندا تۆت تال چىلان پاتىدۇ. بۇ يىل ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك چىلاننىڭ ھەر كىلوگىرامى 40 - 30 يۈەندىن سېتىلدى، چاڭ ۋېينىڭ چىلانلىرىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكىلىرىمۇ ھەر كىلوگىرامى 130 يۈەن ئەتراپىدا سېتىلدى. «مەن چىلانلىرىمغا ئازراقمۇ دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمەيمەن، دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقلىرى يوق، ساپ ۋە تەبىئىي.» بـۇ، چـاڭ ۋېينىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان يېرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ چىلانلىرىنىڭ يۇقىرى باھادا سېتىلىشىنىڭ سەۋەبى.
چاڭ ۋېينىڭ تۈرتكىسىدە، ئون نەچچە ئادەم چىلانلىقتا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئايلىق كىرىمى 5000دىن 6000 يۈەنگىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە 50 تىن ئارتۇق كىشى پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كۈندىلىك كىرىمىنى 180 يۈەنگە يەتكۈزدى.
چاڭ ۋېي مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سەھرادىكى ئارزۇيۇم قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئېشىۋاتىدۇ، بۇ، ئېكولوگىيەنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكى، قۇم تىزگىنلەش پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، خوتەننىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىنـاق، گـۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش قەدىمى تېخىمۇ تېز بولىدۇ».
(تەرجىمە قىلغۇچى:
سۇلتانمۇرات ئابلەت
)
مەنبە:
خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر:
نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى:
ئەرئەلى شىرئەلى
和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
最新文章
پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار
شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلارسىغىمچانلىقى
ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار،ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى چۇڭچىڭدا
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش خادىمى گۈزەل خوتەننى
تيەنجىن شەھىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى42-قىسىم
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا بېرىپ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ
دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى
دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئاچتى
ۋىلايىتىمىزدە«جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش.خوتەنگە رىشتە باغلاش
بېيجىڭ شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە
ئىسلاھات ـ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىش كېرەك
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
خوتەن سىزنى كوئېنلۇن تېغىغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا،
ۋىلايىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى 22 مىڭ مو قۇملۇق يەرنى تۈزلىدى
ئون ئالتە يىل جاپالىق ئىشلەپ قۇملۇقنى تۈزلەپ باغ بەرپا قىلىپ
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي
شى جىنپىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى
ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم
ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى،كېلىشىم سوممىسى69مىليارد
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى قۇرۇلۇشى
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى41-قىسىم
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى
يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى قىياپەتنى
گۇما ناھىيەسىنىڭ400مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق سىغىملىق
خوتەن ناھىيەسى تەييارلىغان ئۇسسۇل تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ
ۋىلايىتىمىزنىڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپـى جانلاندى
ئۇ مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا
يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى
تىيانشان ناملىق نۆۋەتچى پويىز بۇ يىل 12 مىليارد 500 مىليون
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنى قىش پەسىللىك
چېۋەر قوللار بىلەن «يېشىل شارپا»توقۇش
قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى ئاساسىي
ۋىلايىتىمىزدە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى
ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن چىلاندىن مول
شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
ما شىڭرۇي بىخەتەرلىك،مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا
ما شىڭرۇي فۇكاڭ، ۋۇجياچۈگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل ـ باياۋان
分类
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
原创标签
时事
社会
财经
军事
教育
体育
科技
汽车
科学
房产
搞笑
综艺
明星
音乐
动漫
游戏
时尚
健康
旅游
美食
生活
摄影
宠物
职场
育儿
情感
小说
曲艺
文化
历史
三农
文学
娱乐
电影
视频
图片
新闻
宗教
电视剧
纪录片
广告创意
壁纸头像
心灵鸡汤
星座命理
教育培训
艺术文化
金融财经
健康医疗
美妆时尚
餐饮美食
母婴育儿
社会新闻
工业农业
时事政治
星座占卜
幽默笑话
独立短篇
连载作品
文化历史
科技互联网
发布位置
广东
北京
山东
江苏
河南
浙江
山西
福建
河北
上海
四川
陕西
湖南
安徽
湖北
内蒙古
江西
云南
广西
甘肃
辽宁
黑龙江
贵州
新疆
重庆
吉林
天津
海南
青海
宁夏
西藏
香港
澳门
台湾
美国
加拿大
澳大利亚
日本
新加坡
英国
西班牙
新西兰
韩国
泰国
法国
德国
意大利
缅甸
菲律宾
马来西亚
越南
荷兰
柬埔寨
俄罗斯
巴西
智利
卢森堡
芬兰
瑞典
比利时
瑞士
土耳其
斐济
挪威
朝鲜
尼日利亚
阿根廷
匈牙利
爱尔兰
印度
老挝
葡萄牙
乌克兰
印度尼西亚
哈萨克斯坦
塔吉克斯坦
希腊
南非
蒙古
奥地利
肯尼亚
加纳
丹麦
津巴布韦
埃及
坦桑尼亚
捷克
阿联酋
安哥拉