گۇما ناھىيەسىنىڭ400مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق سىغىملىق

时事   2024-12-11 19:09   新疆  

گۇما ناھىيەسىنىڭ 400 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق سىغىملىق تورلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 745مىليون كىلوۋات سائەت

12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، خۇارۈن يېڭـى ئېـنېرگىيە (گۇما) چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان گۇما ناھىيەسىنىڭ 400 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق سىغىملىق تورلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. سۈرەتتە: خىزمەتچى خادىملار ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى ئابلىمىت فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ئابلىمىت) 12 ـ ئاينىڭ  6 ـ كۈنى، خۇارۈن يېڭى ئېنېرگىيە (گۇما) چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان گۇما ناھىيەسىنىڭ 400 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق رەسمىي سىغىملىق تورلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ، ئەسلى پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتىدىن بىر ئاي بۇرۇن تاماملىنىپ، قىشتىكى ئىللىق قـۇياش نۇرىغا چۆمگەن گۇما ناھىيەسىگە «يېشىل سوۋغا» تەقدىم قىلىندى.

بۇ تۈرگە جەمئىي 1 مىليارد 479 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، گۇما ناھىيە بازىرىدىن تەخمىنەن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پايدىلىنىلمىغان چۆل ـ بـاياۋاندىن ئـورۇن تاللانغان، ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 8757.02 مو كېلىدۇ، بۇ تۈرنىڭ شىمالىي تەرىپى تۇرپان ـ خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسى بىلەن قوشنا بولۇپ، قاتنىشى قولايلىق، يەر شەكلى تەكشى، ئىنتايىن يـاخشى فـوتوۋولت تـۈر قـۇرۇلۇشـى شارائىتىنى ھازىرلىغان. بۇ تۈرنىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ قۇرۇلۇش سىغىمى 400 مېگاۋات، تۇراقلىق توك گېنېراتور سىغىمچانلىقى 480 مېگاۋات، ئۆزگىرىشچان توك سىغىمچانلىقى 400 مېگـاۋات بـولۇپ، يـەنە 40 مېگاۋات / 80 مېگاۋات سائەتلىك ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى سەپلىنىپ، يېڭىدىن 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئۆرلىتىپ يىغىش پونكىتى قۇرۇلغان. تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان 220 كىلوۋولتلۇق توك سىمى ئارقىلىق گۇما تىرانسفورموتور شىركىتىنىڭ 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئۆرلىتىش پونكىتىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇقىم چىقىرىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنغان. ھېسابلىنىشىچە، بۇ تۈرنىڭ لايىھەدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە تەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سائەت سانى 1581 سائەت بولۇپ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 745 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تۈر يەنە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان «ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىسى» ھېسابلىنىدىكەن.

جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇش گۇرۇھى خېبېي ئۆلكىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش - لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى جوۋ جەنلېي مۇنداق دېدى: «بۇ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان فوتوۋولت تۈرى بولۇپ، 2024 يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان، تۈر پۈتكەندىن كېيىن ھەر يىلى ئۆلچەملىك كۆمۈردىن 230 مىڭ توننا ئاز سەرپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇم - بوراننى ئۈنۈملۈك توسۇپ، قۇملىشىشنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلەپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك يېشىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك مەدەت بەرگىلى بولىدۇ.»

گۇما ناھىيەسىنىڭ 400 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنىڭ تورلاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى خۇارۈن يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يەنە بىر مول نەتىجىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى گۇما ناھىيەسى، ھەتتا پۈتكۈل رايوننىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. كەلگۈسىدە، بۇ تۈر سىجىل، مۇقىم يۈرۈشۈشكە ئەگىشىپ، شۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنىڭ بۇ زېمىندا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈشىگە تىرەك بولىدۇ.

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章