شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي

时事   2024-12-12 19:07   新疆  

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، چېگرا رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلىتىمىز تارىخىدىكى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشقا دائىر 18 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، چېگرا رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش لى گوچياڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىنى كۆزلەپ، «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش»، «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش»تىن ئىبارەت بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلار زور ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئورگانىك سىڭدۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. چېگرا رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى ھەم ھەر تۈرلۈك يىرىك پىلان، نىزام، سىياسەت، تۈرلەرنى كونكرېت پىلانلاش ۋە يولغا قويۇش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چېگرا رايونلارنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىغا كىرگۈزۈپ، رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلار زور ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئۆز شارائىتى ۋە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ دېڭىز بويىدا بولۇش، چېگرا بويىدا بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ دائىرىدە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىلىشىش شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنىڭ تۆۋەن چەك تەلىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، چېگرا رايونلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئومۇمىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش نەزەرىيە تىرىكىنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق. چېگرا رايون تارىخى ۋە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار كۆپ پەن تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان چېگرا رايون ئىلمى بىلىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك. چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشقا دائىر مۇھىم نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەسىر كۈچى، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. چېگرا رايون تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، نەزەرىيە ساپاسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسى جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تەتقىقات قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章