ما شىڭرۇي بىخەتەرلىك،مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا

时事   2024-12-09 19:53   新疆  

ما شىڭرۇي بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى، ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن ئورگانلىرى ۋە قاتناش ساقچى باش ئەترىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسىدە، ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش، زىددىيەت، ماجىرالارنى تۈگىتىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى، ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن ئورگانلىرى ۋە قاتناش ساقچى باش ئەترىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھازىرقى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇشقا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغداش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش، زىددىيەت، ماجىرالارنى تۈگىتىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىستېمىلىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن ئىسلاھاتىنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، يۈرۈشۈش مېخانىزمى، خادىملار قۇرۇلمىسى، خىزمەت ئەندىزىسى قاتارلىقلارنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ساقچى كۈچلىرىنى بىرىنچى سەپكە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا بايقاپ، ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش قاتارلىق شەكىلۋازلىق ئۇسۇللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ما شىڭرۇي بىرىنچى سەپتىكى خەلق ساقچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىككە مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە تورى ۋە مەھەللە كادىرلار قوشۇنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەۋەلىك رايونىدىكى زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى قاتارلىقلارغا قارىتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشنى تاپىلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي شىنجاڭ تاشيول غول لىنىيەلىرىنىڭ جايلىشىشى ۋە يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، قوماندانلىق مەركىزىگە كىرىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يول ئەمەلىي ئەھۋالىنى سىن ئارقىلىق كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش، ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، نۇقتىلىق يول، ئاچقۇچلۇق تۈگۈن ۋە ھادىسە ئاسان يۈزبېرىدىغان، كۆپ يۈزبېرىدىغان يول بۆلەكلىرىگە چىڭ قادىلىپ، ساقچى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بەلگە سېلىپ ئەسكەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يول بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ناچار ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، توسالغۇنى تۈگىتىپ راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش، ۋەقەدىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ قولايلىق، راۋان يول مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتى، يېتەكچىلىكىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يول بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە مەدەنىي قاتناش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي يەنە ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتىگە كېلىپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن پەخەس بولىدىغان ئېھتىياتچانلىق ۋە سەزگۈرلۈكنى ساقلاپ، «ئۆز جايىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش، ئۆز جايىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش»تىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەت - دىن، ئىدېئولوگىيە، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. «زىددىيەت، خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆيلىنىش، ئائىلە، قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا، قانۇنغا چېتىلىدىغان، دەۋاغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك زىددىيەت، ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، چېكىدىن ئاشقان دېلولارنىڭ يۈزبېرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. يىل ئاخىرى، يىل بېشىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۆمۈرلۈك، كان، يول قاتناش، ئوت مۇداپىئەسى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى قاتتىق، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، قېلىن قار، بوران قاتارلىق ناچار ھاۋارايى ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.
پەن شى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章