ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى،كېلىشىم سوممىسى69مىليارد

时事   2024-12-12 19:07   新疆  

ئاپتونوم رايوننىڭ  4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مـەركەزلىك تـونۇشتۇرۇش يىغىنىدا

ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 69 مىليارد 727 مىليون يۈەنگە يەتتى

ۋىلايـەتلىك يـۇغۇرما تـاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ يۈنخەي، ئابلىكىم) 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مـەركەزلىك تـونۇشتۇرۇش  يىغىنى ۋىلايىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ، ئارقا سەپ ئورۇنلىرى، شۇنداقلا 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 69 مىليارد 727 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۇ قېتىمقى مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ۋىلايىتىمىز 29 تۈردە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 18 مىليارد 123 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ 27 تۈردە رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 51 مىليارد 604 مىليون يۈەنگە يەتتى، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر سودا ئەشيا ئوبوروتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دۆلەتنىڭ رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. كۆپ يىللاردىن بـۇيان، شىنجاڭغا يـاردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋىلايىتىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، مەبلەغ سېلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تېخنىكا كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىپ، كۆپ قاتلام بويىچە يۆلەپ - ياردەم بېرىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، تۈركۈم - تۈركۈملىگەن ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەر شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

لـۈجىخاڭ (شاڭخەي) يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جياڭ لىفېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق، خوتەننىڭ ئەۋزەل مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق. بىز خوتەنگە مەبلەغ سېلىشنى تاللىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن، خوتەننى يەر شارى بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خوتەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كـۆپ كـۈچ قوشۇشنى پىلانلىدۇق».

شىنجاڭ شاشيەنيى كەسپى ئالاقە تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇڭ مۇشىن لوپ ناھىيەسى بىلەن توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك بىر گەۋدىلەشكەن تۈر كېلىشىمى ئىمزالىدى، خۇڭ مۇشىن مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «باش كارخانا + سۇپا شىركىتى» ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش - قـۇرۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تـۈرنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2200 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章