يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى

时事   2024-12-10 18:55   新疆  

يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى،  بېيجىڭ،  12 - ئاينىڭ  8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم قول يازمىلىرىدىن 37 پارچە كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قول يازمىلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، جۇڭگو تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم، ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيەت. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章