قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى ئاساسىي

时事   2024-12-10 18:55   新疆  

«قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى» ئاساسىي يىغىن مەيدان پائالىيىتى باشلاندى

12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، 2024 ـ يىللىق «قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى» ئاساسىي يىغىن مەيدان پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى خوتەن تۇەنچېڭدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: تاماشىبىنلار خوتەن تۇەنچېڭدا سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ ياخۇي فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تـاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ ياخۇي، ئابابەكرى) 2024 - يىللىق «قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى» پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى   12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خوتەن تۇەنچېڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، خوتەننىڭ قىشلىق ساياھەت يوشۇرۇن كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلۇپ، ساياھەتچىلەر كۆپ مەنبەلىك چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى مەدەنىيەت -ساياھەت تەسىراتى بىلەن تەمىنلەندى.

باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ناغرا ـ سۇناي بىلەن ئورۇنلىغان «بايرام شادلىقى»، خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان «مەستۇرخان»، كوللېكتىپ مەشرەپ «ساراي مەشرىپى»، مۇزىكا «مول ھوسۇل شادلىقى»، يالغۇز كىشىلىك ناخشا «شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشۈش» قاتارلىق نادىر نومۇرلار قەھرىتان قىشتا، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

خوتەننىڭ داڭلىق كاۋاپ ماكانى دەيدىغان نامى بار، خوتەنلىكلەرنىڭ كاۋاپقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى قەلبىگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن. شۇ كۈنى، تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونىدىكى چوڭ كوچىدا، ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان پېتىر مانتا، ئەمدىلا پىشقان چوڭ قازان پولۇسى، كاۋاپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملار نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە خوتەننىڭ ھەقىقىي قىشلىق ئىستىراھەت تۇرمۇش شەكلىنى ھېس قىلدۇردى.

ياڭ جياڭفېڭ قارامايدىن كەلگەن ساياھەتچى بولۇپ، ئۇنىڭ خوتەنگە تۇنجى قېتىم كېلىشى، بۇ قېتىم ئۇ خوتەننىڭ قىشلىق ئىستىراھەت تۇرمۇش شەكلىگە نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خوتەن قاينام - تاشقىنلىققا تولغان شەھەر ئىكەن، نۇرغۇن مەززىلىك تائام بار ئىكەن، سەرخىل نومۇرلار ئورۇنلىنىدىكەن، مەززىلىك تائاملارنى يېيىش بىلەن بىللە، يەنە خوتەننىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەيپىياتى ۋە قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدىكەن».

تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدان پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، «شىنجاڭنىڭ تۆت تارىخى» كۆچمە كۆرگەزمىسى، «ساياھەتچىلەرنى خوتەنگە جەلپ قىلىش»، ئـۆزگىچە تەنتەربىيە، ياش ـ ئۆسمۈرلەر چاقلىق كانكى تېيىلىش، كوچا بوكس كـۆرگەزمىسى قـاتارلىق پائالىيەتلەر تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە قىشلىق ساياھەت تەسىراتى ھېس قىلدۇرۇلدى.

شۇ كۈنى، گۇما ناھىيە يېڭى شەھەر رايونى دەۋر مەيدانى كەچلىك بازىرى، قاراقاش كونا شەھەر مەنزىرە رايونى، خوتەن ناھىيەسىدىكى يوتقان قەدىمىي شەھىرى، لوپ ناھىيەسىدىكى يۈلۇڭۋەن مەنزىرە رايونى، لوپ ناھىيەسىدىكى يىپەك يولى قار تېيىلىش مەيدانى، چىرا ناھىيەسىدىكى قۇياش نۇرى كەچلىك بازىرى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى يېڭى دەۋر پىيادىلەر كوچىسى، نىيە ناھىيەسىدىكى نىياۋەن ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قاتارلىق جايلاردا ماس قەدەمدە كاۋاپ پەسلى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

خوتەن شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ يۈمېي مۇنداق دېدى: «‹قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى› پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشى خوتەننىڭ قىشلىق ساياھەت بازىرىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلەرنى ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ۋىلايىتىمىز قىشلىق ساياھەت بايلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ، رەڭدار ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ئـۇنتۇلغۇسىز ساياھەت تەسىراتى ئېلىپ كېلىدۇ».

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章