شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش

时事   2024-12-12 19:07   新疆  

«شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش»

ۋىلايىتىمىزنىڭ خاس يېزا - ئىگىلىك، مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى شاڭخەيدە ئالقىشقا ئېرىشتى

 ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ شاڭخەيدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى  (ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر جاڭ ياخۇي)  12 - ئاينىڭ  10 - كۈنى، شاڭخەينىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى شەرقتىكى مەرۋايىت مۇنارى ئاستىدا، قايناق ھېسسىياتقا تولغان خوتەن ناخشا ـ ئۇسسۇللىرى شاڭخەي شەھەر ئاھالىلىرى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، «شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش» 2024 - يىللىق شاڭخەي - خوتەن مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى بۇ يەردە قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى.

«بۇ چىلان بەك تەملىك ئىكەن، مەن ئۆيدىكىلەرگە ئازراق ئالغاچ كېتەي، تېتىپ باقسۇن». «بۇ شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول ئىكەن، مەن بالامغا سوۋغا قىلىمەن». ... خوتەننىڭ خاس يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا، ساياھەتچىلەر ھەرخىل مەھسۇلاتلارنى تېتىپ تاللاپ سېتىۋالدى، مال تونۇشتۇرۇۋاتقان ئاۋاز، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ۋىلايىتىمىز ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى بايلىق ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنى كۆپ خىل شەكىل، ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 2000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 12 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان، ۋىلايىتىمىزدىن كەلگەن 20دىن ئارتۇق كارخانا، 230 خىلدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت -تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ياخشى ماسلىشىپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش مەيدانى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار، نەق مـەيداندا تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ماسلاشتۇرغان. 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەيدىكى ئالاقىدار تاراتقۇلار يەنە مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇستا خوتەننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى تەشۋىقات فىلىمىنى قويدى. پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، شەرقتىكى مەرۋايىت مۇنارىنىڭ ئاستىدىكى ئالتۇن بۆلەكتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا خوتەننىڭ تەشۋىقات فىلىمى تەكرار قويۇلدى.

ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت -تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنگۈل مەتتوختى مـۇنداق دېدى: «خوتەننىڭ يېزا ئىگىلىك، مـەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بايلىقى مول، شاڭخەينىڭ ئىستېمال بازىرى كەڭ، خوتەننىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ شاڭخەي بازىرىغا كىرىشى ‹قوش پايدا ئېلىش›تىكى ياخشى تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك شاڭخەي ـ خوتەن ئىككى جاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

شاڭخەي شـەھەر ئـاھـالىسى ياڭ خانىم مۇنداق دېدى: «شاڭخەيدىن چىقمايلا خوتەننىڭ ناخشا ـ ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ خوتەننىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۇق، بۇ بەك قالتىس بولدى. مەن شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، ئېسىل تائاملىرىغا ئىزچىل ئىنتىلەتتىم، بولۇپمۇ خوتەنگە بەكلا قىزىقاتتىم، كېلەر يىلى باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى پىلانلاۋاتىمەن».

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章