«ئىسلاھات ـ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىش كېرەك»
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشتا توغرا ئىدىيە ۋە سىياسەت بولۇشى، توغرا خىزمەت تەدبىرى ۋە ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى مۇھىم نۇقتا بولدى.
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى، شۇنداقلا مۇقەررەر ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش داۋامىدا كەڭ ئىستىقبال ئاچىدۇ.» پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش شەرت» دەپ تەكىتلىدى.