پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش

时事   2024-12-17 18:50   新疆  
«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا 
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 24 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلغاندا تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىش تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن بۆسۈپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، بىز ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە نەزەرىيە جەھەتتە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى يىلى بەرگەن «خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش» دېگەن بىرىنچى جاۋابى ئاساسىدا، ئىككىنچى جاۋابنى بەردۇق، ئۇ بولسىمۇ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىل پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى ۋە نەزەرىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا، بىز پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مول ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەمىز نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالايدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى قانداق ئالغا سىلجىتىدۇ قاتارلىق زور مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بەردۇق.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز ئىنتىلگەن غايە ئالىيجاناب ھەم مۇقەددەس، زىممىسىدىكى بۇرچ مۈشكۈل ھەم ئېغىر، پەقەت دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپى بويىچە ئۆزىنى كۆزىتىپ، كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭى بىلەن ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۆزىنى تاۋلاپ، رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەي، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەي، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەي، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ۋەزىيەت، ۋەزىپە، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ، پارتىيە ئىچىدە تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، جەزمەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بىلەن، تۈرلۈك پاسسىپ تەسىرلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ داۋلىسى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى ۋە ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىشىنى بەلگىلىگەن. شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمىگەندىلا، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىغا ئىگە بولغىلى، ئاساسنى كۆزلىگىلى، چوڭ مەنپەئەتنى كۆزلىگىلى بولىدۇ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغىلى، خاتالىقنى تۈزەتكىلى بولىدۇ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە جۈرئەت قىلغىلى، دائىم ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانغىلى بولىدۇ؛ كېسەلنى يوشۇرماي داۋالىنىپ، خاتالىقىنى يوشۇرماي، ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىغان ۋە ھەل قىلغاندىلا، بارلىق مەنپەئەت گۇرۇھى، ھوقۇقدار تەشكىلات، ئىمتىياز قاتلىمىنىڭ «قورشاپ ئوۋلاپ» چىرىتىشىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەرگىلى بولىدۇ. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر ئىلغارلىق، ساپلىقنى ساقلاشتىكى سىرى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىشەنچى.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا، ئەمەلىيەت داۋامىدا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تۈپ كاپالەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈپ قوللانما قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن ھالقىشنى ئىستراتېگىيەلىك نىشان قىلىش كېرەك. بەشىنچى، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك يول قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، كۈچلۈك تەشكىلات بەرپا قىلىش، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. سەككىزىنچى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىش كېرەك. توققۇزىنچى، ئۆزىنى نازارەت قىلىش بىلەن خەلق نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى بولمايدۇ. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى پىكىر يولى ۋە تەدبىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ھەربىر سەپ، ھەربىر ھالقىدىكى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى كونكرېت تۇتۇش، چوڭقۇر تۇتۇش كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章