首页
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
更多
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن چىلاندىن مول
时事
2024-12-10 18:55
新疆
ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىندى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى
(مۇخبىرلار
شېن جىنخې، خـۇ لىجېڭ، شۈ شياۋلۇڭ
) 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتىگەندىلا، نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزا ئاچما كەنتىدىكى تاۋخۇاشى چىلانلىقىدىكى چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدا، سېخ مەسئۇلى چاڭ ۋېي ئىشچىلار بىلەن بىرگە چىلان خىللاش، ئوراش ـ قاچىلاش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چوقۇم سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىڭلار، بۇ ماللارنى بۈگۈن چوقۇم ماڭدۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ چىلاننى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلمىساق بولمايدۇ».
چاڭ ۋېي سېخنىڭ سىرتىدا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان چىلان قاچىلانغان يەشىكلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ھوسۇل يامان ئەمەس، زاكاز خېلى كۆپ. يېقىنقى مەزگىلدە، 50 - 40 نەپەر كەنت ئاھالىسى بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىدى، مۆلچەرىمچە ئۇلار باھار بايرىمىغىچە ئالدىراش ئىشلەيدۇ. يەشىككە قاچىلانغان چىلانلارنىڭ ھەممىسىنـى كونـا خېرىدارلىرىمىز سېتىۋالدى، تېزلا يولغا سالىمىز».
چاڭ ۋېـي خېنەن جـوۋكـوۋلۇق بـولۇپ، 16 يىل ئىلگىرى دوستلىرى بىلەن خـوتەنگە ساياھەتكە كەلگەندە، بۇ جايدىكى گۈزەل مەنزىرە ۋە سەھرا تۇرمۇشى ئۇلارنى چوڭقۇر جەلپ قىلغانىدى. يۇرتىغا قايتىپ قايتا ـ قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز خوتەنگە كېلىپ، نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى ئاچما كەنتىدە 1000 مو قۇملۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ چىلانلىق بەرپا قىلدى.
چاڭ ۋېينىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى، قۇم بارخانلىرىنى تۈزلەش، چۆنەك تارتىپ ئېتىز بىنا قىلىش، ئېرىق چېپىش، سۇ باشلاپ سۇغىرىش، چىلان دەرىخى تىكىش ... شۇ يىلىلا 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىندى. كېيىن ئۇ ئارقا -ئارقىدىن يەنە 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مۇستەھكەم ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا مۇھىت بەك ناچار ئىدى، بوران چىقسىلا، بەش مېتىر يىراقلىقتىكى نەرسىلەرنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. لېكىن قۇملۇقتا يېشىللىق بەرپا قىلىشنى تاللىغان ئىكەنمەن چېكىنىشكە بولمايدۇ».
قۇش جەلپ قىلىش ئارقىلىق ھاشاراتنى كونترول قىلىش، ئوت - چۆپ تېرىپ تۇپراقنى ياخشىلاش، ھەسەل ھەرىسى بېقىپ چاڭلاشتۇرۇش... ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئۇسۇلىدا، چىلاننىڭ ساپ، تەبىئىي، بۇلغانمىغان بولۇشىنى ساقلاش بىلەن بىللە، قۇم تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، ھاشارات زىيىنى تۈگىتىلىپ، 1000 مـو قـۇملۇق چىلانلىق بـاغقا ئايلاندۇرۇلدى.
چاڭ ۋېي 16 يىلدا، ئىزدىنىش ئارقىلىق بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان «قۇرغاق رايونلاردا چىلان دەرىخىنى ئېكولوگىيەلىك ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى»نى يەكۈنلەپ چىقتى ھەم دۆلەتنىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلدى. 2014 - يىلىدىن ئىلگىرىلا، ئۇ ئۆستۈرگەن چىلان دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورگانىك يېمەكلىك ئېتىراپنـامىسىگە ئېرىشكەن ئىدى.
بۇ يىل ئۆستۈرۈلگەن 700 مو چىلانلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. چاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «چىلانلىرىمىز ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجوۋغا سېتىلىدۇ، چىلانلىرىمىز ساپ، تەبىئىي، زىيانسىز بولۇپ، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ».
سېختا چىلان قاچىلاۋاتقان ليۇ سەيخۇ مۇنداق دېدى: «2019 - يىلى، بىز ئۆمەك تەشكىللەپ تاۋخۇاشى چىلانلىقىغا كېلىپ ئېكولوگىيەلىك ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى ئـۆگەندۇق. تېرىقچىلىق تەجرىبىسىنى ئـۆگىنىش ئۈچۈن مەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم. بۇ جايغا يېڭى كەلگەندە ھەقىقەتەن ھەيران قالغانىدىم، قۇملۇقتا چىلان ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈپىتى ناھايىتى ياخشىكەن».
ليۇ سەيخۇ سەككىز يىل بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن ئىشلەش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلىۋالدى. ليۇ سەيخۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزدە 30 مو يەردە مۇشۇ خىل ئەندىزىنى قوللىنىپ نەشپۈت ئۆستۈرگەنىدۇق، سۈپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئادەتتىكى نەشپۈتنىڭ بىر كىلوگىرامى بەش يۈەندىن سېتىلىدۇ، بىزنىڭ نەشپۈتنىڭ ھەر كىلوگىرامى 25 يۈەندىن سېتىلىدۇ. بۇ يەردە بىر تـەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەيمەن، ئايدا يەنە 10 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئـالالايمەن. مەن چاڭ ۋېي بىلەن تەڭتۇش، قىزىقىشىمىز ئوخشايدۇ ھەم بىر - بىرىمىزگە ھەمراھ بولىمىز».
ماھىنۇر ئىمىن قوشنا كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ھەر يىلى قىشتىكى بوش ۋاقىتلىرىدا تاۋخۇاشى چىلانلىقىغا كېلىپ چىلان خىللاپ، كۈنىگە 180 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەر ئۆيىمىزگە يېقىن، ئىش ھەققى يۇقىرى. ئىلگىرى بۇ يەردە گىياھمۇ ئۈنمەيتتى، بوران چىقسا يەر - جاھاننى چاڭ - توزان قاپلاپ كېتەتتى، ھېچكىم كېلىشنى خالىمايتتى. بۇ چىلانلىق باغ مۇھىتنى قوغدىغاچقا، تۇرمۇش مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى».
كەلگۈسى توغرىسىدا توختالغاندا چاڭ ۋېي قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن داۋاملىق ئىشلەيمەن، يېشىل ماكاننى قوغداش مېنىڭ ئارزۇيۇم».
(تەرجىمە قىلغۇچى:
سۇلتانمۇرات ئابلەت
)
مەنبە:
خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر:
نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى:
ئەرئەلى شىرئەلى
和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
最新文章
پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار
شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلارسىغىمچانلىقى
ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار،ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى چۇڭچىڭدا
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش خادىمى گۈزەل خوتەننى
تيەنجىن شەھىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى42-قىسىم
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا بېرىپ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ
دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى
دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئاچتى
ۋىلايىتىمىزدە«جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش.خوتەنگە رىشتە باغلاش
بېيجىڭ شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە
ئىسلاھات ـ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىش كېرەك
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
خوتەن سىزنى كوئېنلۇن تېغىغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا،
ۋىلايىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى 22 مىڭ مو قۇملۇق يەرنى تۈزلىدى
ئون ئالتە يىل جاپالىق ئىشلەپ قۇملۇقنى تۈزلەپ باغ بەرپا قىلىپ
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي
شى جىنپىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى
ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم
ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى،كېلىشىم سوممىسى69مىليارد
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى قۇرۇلۇشى
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى41-قىسىم
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى
يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى قىياپەتنى
گۇما ناھىيەسىنىڭ400مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق سىغىملىق
خوتەن ناھىيەسى تەييارلىغان ئۇسسۇل تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ
ۋىلايىتىمىزنىڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپـى جانلاندى
ئۇ مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا
يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى
تىيانشان ناملىق نۆۋەتچى پويىز بۇ يىل 12 مىليارد 500 مىليون
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنى قىش پەسىللىك
چېۋەر قوللار بىلەن «يېشىل شارپا»توقۇش
قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى ئاساسىي
ۋىلايىتىمىزدە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى
ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن چىلاندىن مول
شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
ما شىڭرۇي بىخەتەرلىك،مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا
ما شىڭرۇي فۇكاڭ، ۋۇجياچۈگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل ـ باياۋان
分类
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
原创标签
时事
社会
财经
军事
教育
体育
科技
汽车
科学
房产
搞笑
综艺
明星
音乐
动漫
游戏
时尚
健康
旅游
美食
生活
摄影
宠物
职场
育儿
情感
小说
曲艺
文化
历史
三农
文学
娱乐
电影
视频
图片
新闻
宗教
电视剧
纪录片
广告创意
壁纸头像
心灵鸡汤
星座命理
教育培训
艺术文化
金融财经
健康医疗
美妆时尚
餐饮美食
母婴育儿
社会新闻
工业农业
时事政治
星座占卜
幽默笑话
独立短篇
连载作品
文化历史
科技互联网
发布位置
广东
北京
山东
江苏
河南
浙江
山西
福建
河北
上海
四川
陕西
湖南
安徽
湖北
内蒙古
江西
云南
广西
甘肃
辽宁
黑龙江
贵州
新疆
重庆
吉林
天津
海南
青海
宁夏
西藏
香港
澳门
台湾
美国
加拿大
澳大利亚
日本
新加坡
英国
西班牙
新西兰
韩国
泰国
法国
德国
意大利
缅甸
菲律宾
马来西亚
越南
荷兰
柬埔寨
俄罗斯
巴西
智利
卢森堡
芬兰
瑞典
比利时
瑞士
土耳其
斐济
挪威
朝鲜
尼日利亚
阿根廷
匈牙利
爱尔兰
印度
老挝
葡萄牙
乌克兰
印度尼西亚
哈萨克斯坦
塔吉克斯坦
希腊
南非
蒙古
奥地利
肯尼亚
加纳
丹麦
津巴布韦
埃及
坦桑尼亚
捷克
阿联酋
安哥拉