ۋىلايىتىمىزدە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى

时事   2024-12-10 18:55   新疆  

ۋىلايىتىمىزدە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى قۇرۇلدى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (پىراكتىكانت مۇخبىر سۇڭ يۈلىن)  12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى،  خوتەن ۋىلايەتلىك تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ  1 - نۆۋەتلىك نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى  كەسپىي كومىتېتى ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قۇرۇلدى. بېيجىڭ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى، ۋىلايەتلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى، ۋىلايەتلىك تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى، ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ مۇھىم پەيتكە گۇۋاھ بولدى.

يىغىندا، ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تۇردىئالىم نىياز نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ۋىلايەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي مەمۇرىيەت بـۆلۈمىنىڭ بۆلۈم بـاشلىقى سۈن يۇڭچياڭ «ۋىلايەتلىك تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى قۇرۇش» توغرىسىدىكى تـەستىقىـي جاۋابىنى ئوقۇپ ئۆتتى.يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سايلامغا بىلەت تاشلاشقا پائال قاتناشتى، پۈتكۈل جەريان ئادىل، ئاشكارا، تەرتىپلىك بولدى. ئەستايىدىل ھېسابلاش تەرتىپى ئارقىلىق، نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتىنىڭ 1 - نـۆۋەتلىك ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى.

يېڭىدىن سايلانغان تۇنجى نۆۋەتلىك نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى تۇردىئالىم نىياز مۇنداق دېدى: «بىز نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كەسىپلەشكەن تەرەققىياتىغا ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كۈچ چىقىرىپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ھەمدە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي كوللېكتىپ بەرپا قىلىپ، داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىمارلارنى تېخىمۇ ئەلا داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرىمىز».

نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئومۇمىي داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كومىتېت ئەزالىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ كەسپىي سۇپا ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، يەنە ۋىلايىتىمىزنىڭ نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ سەندۇڭ مۇنداق دېدى: «نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئـۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章