شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش

时事   2024-12-13 18:58   新疆  

«شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش»

2024 - يىللىق شاڭخەي - خوتەن مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى شاڭخەيدە باشلاندى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ شاڭخەيدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى (ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر جاڭ ياخۇي) 12 - ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، «شاڭخەيدە ئۇچرىشىش   خوتەندە جەم بولۇش»  2024 - يىللىق شاڭخەي - خوتەن مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال پەسلى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى شاڭخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئـاپتونوم رايونلۇق رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈ، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رابىـيە ئـابدۇراخمـان، شاڭخەي  دوۋشى لېلىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شىنيى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

جۇشقۇن، قىزغىن «دولان ئۇسسۇلى» تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، «ئۈزۈم پىشتى» ناملىق ئۇسسۇل، «خوتەنگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل تاماشىبىنلارغا قويۇق شىنجاڭ پۇرىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ۋىلايىتىمىز ناخشا - ئۇسسۇلىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

مەملىكەتلىك رادىيو ـ تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شاڭخەي ۋە شىنجاڭدىكى رادىيو ـ تېلېۋىزىيە تارماقلىرى كەسىپ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، ئىككى تەرەپ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، «رادىيو ـ تېلېۋىزىيە + مەدەنىيەت ـ ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

جاڭ يۈ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: «شاڭخەي ۋە شىنجاڭدىكى رادىيو ـ تېلېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىنى، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ۋاڭ شىنيى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ شاڭخەيلىك دوستلارغا خوتەننىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رادىيو - تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خوتەننىڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، خوتەننىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى شاڭخەيدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزىمىز».

رابىيە ئابدۇراخمان نەق مەيداندىكى ئەزىز مېھمانلارنى ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ، قۇملۇق مەنزىرىسىدىن ھـۇزۇرلىنىپ، خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ۋە خوتەن قاشتېشىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كارخانا بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى يۇشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، سودا ئىدارىسى، يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مەدەنىيەت - ساياھەت، سودىگەر چاقىرىش بويىچە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى. خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، شاڭخەي رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى» ئىمزالىدى، شىنجاڭ سىلۇ مىڭجۇ سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شاڭخەي بەيشىتۇڭ تېلېۋىزىيە تارقىتىش چەكلىك شىركىتى «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاپ، شاڭخەي - شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنگۈل مەتتوختى مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، بىز ئاپتونوم رايون، شاڭخـەيدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى شاڭخەيگە يۈزلەندۈردۇق. بۇ قېتىمقى ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت -ساياھەت ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز شاڭخەيلىك دوستلارنى قەدىمىي خوتەنگە كېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە، يىپەك يولى ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز،گۈزەل خوتەن سىلەرنى قارشى ئالىدۇ.«

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章