شى جىنپىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى

时事   2024-12-12 19:07   新疆  

شى جىنپىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا «10 + 1» سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا «10 + 1» سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، ئۇلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. ئىنسانلار بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبر - جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ھەرقايسى دۆلەتلەر 190دىن ئارتۇق كىچىك كېمىدە ئولتۇرماستىن، بەلكى تەقدىرداش بولغان بىر چوڭ كېمىدە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى خىرىس ئەمەس، بەلكى پۇرسەت بىلىپ، قارشى تەرەپنى رەقىب ئەمەس، بەلكى ھەمراھ بىلىپ، «يەرشارىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش»، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسى قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار بىلەن كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئادىل دۇنيا قۇرۇشنى خالايدۇ.
يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى رۇسسېف، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى گېئورگىيېۋا، دۇنيا بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى پېڭ ئەنجيې، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىۋىرا چەت ئەل تەرەپكە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد باغلىدى، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، بولۇپمۇ نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدە ئىنسانىيەت مۆجىزىسى ياراتتى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەدە تۇردى، بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى چىڭ تۇرغان خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى، دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئىلھام بېرىش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچ، كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو ئىسلاھاتنى سىجىل، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانى، بولۇپمۇ يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى غايەت زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا چىقىشى، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرقى دۇنيا ئىقتىساد ۋەزىيىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىپ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر نەزەرىنى جۇڭگوغا قاراتتى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم موتورلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئىنسانلار تەقدىرداش بولغان كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم دۇنيا ئىقتىسادى، جۇڭگو ئىقتىسادى، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق قارشى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىش يولىغا مېڭىشىغا قانداق تۈرتكە بولۇش خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن زور تېما. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئالدىغا قىيىنچىلىقى بار، شۇڭا ھەمكارلىشىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا قاتارلىق مۇھىم پۇرسەتلەرنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىنى يارىتىپ، بىلىم، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ دۆلەت ھالقىپ يۆتكىلىشىنى قوللاش كېرەك. «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش»، «ئىلمەكنى ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» ھەم باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەم ئۆزىگىمۇ زىيانلىق. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا ئاندىن ياخشى بولىدۇ؛ دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادتا بىر - بىرىگە تايىنىشنى ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ئىش دەپ قارىشى، خەۋپ - خەتەر دەپ قارىماسلىقى كېرەك.
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى، بولۇپمۇ جۇڭگو يېقىندا ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: 40 نەچچە يىللىق سىجىل تېز تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30 ئەتراپىدا بولۇشنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ موتورلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان 1 - قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پايدىسىنى ھەمبەھرىلەيدۇ.
شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئىشلىگۈچى، ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، «مىخ قېقىش» روھى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ھەرقايسى خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ داۋاملىق تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالدى.
يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈملۈك، نەتىجىلىك يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋر ساداسى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىساد ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ جەھەتتە بىر قىسىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، ئاچقۇچلۇقى ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، جەزمەن ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكى، قائىدە باراۋەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىزچىل پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىشنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى، پەن - تېخنىكا ئۇرۇشى تارىخىي ئېقىم ۋە ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە خىلاپ، بۇنىڭدا غەلىبە قىلغۇچى يوق. جۇڭگو زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي ياخشى قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章