首页
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
更多
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى چۇڭچىڭدا
时事
2024-12-17 18:50
新疆
خوتەننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
چۇڭچىڭ خەلقى گۈزەل خوتەننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىندى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ چۇڭچىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى
(ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر
جاڭ ياخۇي
) «سىز خوتەنگە ئۈچ - تۆت كۈن ۋاقتىڭىزنى بەرسىڭىز، خوتەن سىزگە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى سۆزلەپ بېرىدۇ.» تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، «يىپەك يولىدىكى قـەدىمىي مۇڭ خوتەندە قاشتېشى بىلەن ئۇچرىشىش» تېمىسىدىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت -ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
چەكسىز كەتكەن تەكلىماكان قۇملۇقىدا، ئېگىز - پەس قۇم بارخانلىرى خۇددى ئالتۇن رەڭلىك تاۋار - دۇردۇنغا ئوخشاش، بۇ يەردە قەد كۆتۈرۈپ ئۆسكەن توغراق بىلەن بىرلىشىپ گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىپ، ئىككى قىرغاقتىكى بوستانلىقنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان بولۇپ، كىشىگە خۇددى جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىدىكى مەنزىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ يوتقان قەدىمىي شەھىرى ئىلگىرىكى ئاۋات مەنزىرە، قەدىمىي كوچا،خەلق ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى قايتا نامايان قىلغان بولۇپ، ھەر بىر قەدەمدىكى ھەر بىر مەنزىرىنىڭ ھېكايىسى سىزگە قەدىمىي خوتەننىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
چۇڭچىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كومىتېتى بازار كېڭەيتىش باشقارمىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تـەتقىق قىـلغۇچىسـى دۇڭ زېبىن مۇنداق دېدى:
«
مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ چېكى يوق، چۇڭچىڭ بىلەن خوتەن ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ زورايتىپ، سىياسەت جەھەتتە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، مەھسۇلاتلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇپ، خېرىدارلارنى ئۆزئارا يەتكۈزۈپ، بازاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ساياھەت بازىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن
»
.
ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنگۈل مەتتوختى مۇنداق بىلدۈردى: بىز چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، خوتەننىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىنى چۇڭچىڭدىكى ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دوستلارنى خوتەنگە كېلىپ، قۇملۇق مەنزىرىسىنى ھېس قىلىشقا، خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىدىن، خوتەننىڭ گۈزەل قاشتېشىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات فىلىمى، يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى. ۋىلايىتىمىزنىڭ ساياھەتكە دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرى «كوئېنلۇندا قاشتېشى ئىزدەش كوئېنلۇننىڭ سىرلىقلىقىنى ھېس قىلىش»، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش سەپىرى مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇددا دىنىدىن تەلىم بېرىلىۋاتقان، نوم ئوقۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆزئالدىغا كەلتۈرۈش»، «چـۈشىدە قەدىمىي شەھـەرگـە قايتىش مىڭ يىلنى كېسىپ ئۆتۈش»، «كېرىيە دەرياسى مەدەنىيىتىنىڭ ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «مىڭ يىللىق ئىزنانى كېسىپ ئۆتۈش قەھرىمانلار يولىنى ھېس قىلىش» قاتارلىق بەش سەرخىل ساياھەت لىنىيەسى تونۇشتۇرۇلدى. ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىككى نەپەر مەدەنىيەت ـ ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش خادىمى ئۆزگىچە مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى، يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.
تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى «دولان ئـۇسسۇلى»، «ئـۈزۈم پىشتى»، «شادىمان ئەر – خوتۇن» قاتارلىق سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
جۇڭگو ساياھەت كوپىراتىپى چۇڭچىڭ جيۇلۇڭپو شۆبە كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى لياڭ مۇنداق بىلدۈردى: خوتەننىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى مېنى جەلپ قىلدى، خوتەنگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدۇم. ساياھەت كوپىراتىپىمىز خوتەننىڭ مەدەنىيەت - ساياھىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ چۇڭچىڭلىق ساياھەتچىنىڭ خوتەندە كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنگۈل مەتتوختى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت - ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ۋىلايىتىمىزنىڭ غەربىي - جەنۇب ساياھەت بازىرىغا كېڭىيىشىدىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ، بۇ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپلا قالماي، چۇڭچىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خوتەننى چۈشىنىشىگە بىر كۆزنەك ئېچىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، ۋىلايىتىمىز چۇڭچىڭ ۋە ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە گۈزەل خوتەننىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».
تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە جۇڭگو ساياھەت خەۋەرلىرى، «چۇڭچىڭ گېزىتى»، چۇڭچىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، چۇڭچىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت - ھۆكۈمەت ئىشلىرى يېڭى تاراتقۇسى، ۋاڭيى چۇڭچىڭ قاتارلىق تاراتقۇلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى، جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى، چۇڭچىڭ سەپىرى، ئولىمپىك تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش ساياھىتى، مىياۋيەن مەدەنىيەت - ساياھىتى قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ساياھەت كوپىراتىپى، كارخانا قاتناشتى.
(تەرجىمە قىلغۇچى:
سۇلتانمۇرات ئابلەت
)
مەنبە:
خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر:
نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى:
ئەنۋەر ئابلىمىت
和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
最新文章
پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار
شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلارسىغىمچانلىقى
ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار،ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى چۇڭچىڭدا
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش خادىمى گۈزەل خوتەننى
تيەنجىن شەھىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى42-قىسىم
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا بېرىپ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ
دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى
دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئاچتى
ۋىلايىتىمىزدە«جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش.خوتەنگە رىشتە باغلاش
بېيجىڭ شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە
ئىسلاھات ـ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىش كېرەك
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
خوتەن سىزنى كوئېنلۇن تېغىغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا،
ۋىلايىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى 22 مىڭ مو قۇملۇق يەرنى تۈزلىدى
ئون ئالتە يىل جاپالىق ئىشلەپ قۇملۇقنى تۈزلەپ باغ بەرپا قىلىپ
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي
شى جىنپىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى
ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم
ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى،كېلىشىم سوممىسى69مىليارد
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى قۇرۇلۇشى
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى41-قىسىم
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى
يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى قىياپەتنى
گۇما ناھىيەسىنىڭ400مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق سىغىملىق
خوتەن ناھىيەسى تەييارلىغان ئۇسسۇل تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ
ۋىلايىتىمىزنىڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپـى جانلاندى
ئۇ مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا
يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى
تىيانشان ناملىق نۆۋەتچى پويىز بۇ يىل 12 مىليارد 500 مىليون
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنى قىش پەسىللىك
چېۋەر قوللار بىلەن «يېشىل شارپا»توقۇش
قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى ئاساسىي
ۋىلايىتىمىزدە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى
ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن چىلاندىن مول
شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
ما شىڭرۇي بىخەتەرلىك،مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا
ما شىڭرۇي فۇكاڭ، ۋۇجياچۈگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل ـ باياۋان
分类
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
原创标签
时事
社会
财经
军事
教育
体育
科技
汽车
科学
房产
搞笑
综艺
明星
音乐
动漫
游戏
时尚
健康
旅游
美食
生活
摄影
宠物
职场
育儿
情感
小说
曲艺
文化
历史
三农
文学
娱乐
电影
视频
图片
新闻
宗教
电视剧
纪录片
广告创意
壁纸头像
心灵鸡汤
星座命理
教育培训
艺术文化
金融财经
健康医疗
美妆时尚
餐饮美食
母婴育儿
社会新闻
工业农业
时事政治
星座占卜
幽默笑话
独立短篇
连载作品
文化历史
科技互联网
发布位置
广东
北京
山东
江苏
河南
浙江
山西
福建
河北
上海
四川
陕西
湖南
安徽
湖北
内蒙古
江西
云南
广西
甘肃
辽宁
黑龙江
贵州
新疆
重庆
吉林
天津
海南
青海
宁夏
西藏
香港
澳门
台湾
美国
加拿大
澳大利亚
日本
新加坡
英国
西班牙
新西兰
韩国
泰国
法国
德国
意大利
缅甸
菲律宾
马来西亚
越南
荷兰
柬埔寨
俄罗斯
巴西
智利
卢森堡
芬兰
瑞典
比利时
瑞士
土耳其
斐济
挪威
朝鲜
尼日利亚
阿根廷
匈牙利
爱尔兰
印度
老挝
葡萄牙
乌克兰
印度尼西亚
哈萨克斯坦
塔吉克斯坦
希腊
南非
蒙古
奥地利
肯尼亚
加纳
丹麦
津巴布韦
埃及
坦桑尼亚
捷克
阿联酋
安哥拉