بېيجىڭ شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە

时事   2024-12-16 18:31   新疆  

بېيجىڭ شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر ئابلىكىم) 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى خوتەندە ئۆتكۈزۈلدى. تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، بېيجىڭ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانا ۋەكىللىرى مۇنداق بىلدۈردى: كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش،  يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار، پەن - تېخنىكا، كاپىتال ئەۋزەللىكى بىلەن خوتەننىڭ بايلىقى، رايون ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنى ئورگـانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، خوتەننىڭ زامانىۋى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز.

نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانا بولغان شىنجاڭ جىڭخې توقۇمىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بەش چوڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ۋە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن 1000 (يۈرۈش)دىن ئارتۇقى بار.

شىنجاڭ جىڭخې توقۇمىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى   خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ زىياۋ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، شىركىتىمىزدە 700 دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى بار، ھازىر پۈتۈن كەسىپ بويىچە توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى. شىركىتىمىز بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دۆلەت كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خوتەن بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىمىز».

بېيجىڭ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئۇلار ئەۋزەل كەسىپلەرنى كىرگۈزۈش ۋە يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى ۋە زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بېيجىڭ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر چەي بىن مۇنداق دېدى: «قوماندانلىق ئىشتابى دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹ئون چوڭ كەسىپ توپى›غا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار، پەن - تېخنىكا، كاپىتال ئەۋزەللىكى بىلەن شىنجاڭنىڭ بايلىق، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يەككە يۆنىلىشلىك ياردەم بېرىشنى بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى بويىچە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا ئۆزگەرتىپ، بۇ ئارقىلىق ‹پايتەخت كارخانىلىرى + شىنجاڭ بايلىقى›، ‹پايتەخت بازىرى + شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى›، ‹پايتەخت باش ئىشتابى + شىنجاڭ بازىسى› ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ‹قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش› ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پايتەختنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچىنى قوشىدۇ».

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章