ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولىمىز
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولىمىز.
«مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ھەم خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، ھەم ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىڭلېي.
ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، يىللىق تېرىلغۇ كۆلىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 مىليون مودىن ئېشىپ، ئومۇمىي ھوسۇلى 2 مىليون توننىدىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش بازىسى ۋە شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇن پىششىقلاش بازىسى بولۇپ قالدى.
«يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى مۇساپىدە تۇرۇپ، بىز ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ھالدا مۇنبەت ئېتىز ئاساسىنى ياخشى سېلىشنى چۆرىدەپ، مىليون مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز؛ ئەلا سورت يېتىشتۈرۈشنى يادرو قىلىشنى چۆرىدەپ، ئەسلىي ئۇرۇقلۇقنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىمىز؛ ياخشى ئۇسۇل، ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ، ئاشلىق، پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز؛ ياخشى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى تىرىكىنى ياخشى تۇتۇشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز؛ ياخشى تۈزۈم - تەدبىر كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىش ئارقىلىق بېيىش يېڭى پۇرسىتىنى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن سانجىنىڭ ياخشى ئاشلىق، ياغلىرىنى يارىتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سانجى لايىھەسىنى تەقدىم قىلىمىز» دېدى ۋاڭ شىڭلېي.
كونا - يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ روشەن سىگنالى قويۇپ بېرىلدى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما جىيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېتەكچى كەسىپلىرى ۋە خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى ئەۋزەللىكىنى توپلاپ كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بولۇپمۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، خاس ياسىمىچىلىق، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ساھەسىدە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرىمىز.
«يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، يېشىل ئىمارەت قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمىتىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كادىرى نۇرگۈزەل ئابدۇكېرىم.
11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە بوش قالغان رايوندا گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى قۇم تىزگىنلەش، قۇمدىن پايدىلىنىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى.» نۇرگۈزەل مۇنداق دېدى: «بىز بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈلگە قۇرۇلۇشلارنى پائال بەرپا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، يۇلغۇن، قىزىلگۈل، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ، قۇملۇق كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىمىز».
ھازىر، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۆت چوڭ قار تېيىلىش مەيدانى ئومۇميۈزلۈك ئېچىلدى، ھەر كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق قار تېيىلىش ھەۋەسكارى بۇ يەرگە كېلىپ بەھۇزۇر قار تېيىلىدۇ. ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بىلەن ئارىلىقى بىر كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ئالتاي شۈنشۆ . شىگۇاڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىدا، مېھمانخانا مەسئۇلى ماۋ نا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «11 - ئايدىن بۇيان، قار تېيىلىدىغان، مېھمانخانىدا قونىدىغان مېھمانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ مېھمان بىلەن تولۇش نىسبىتى %70تىن ئاشتى، بۇ يىل قىشتا كىرىمىمىز چوقۇم ياخشى بولىدۇ.» ماۋ نا مۇنداق دېدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قار - مۇز ئىقتىسادىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدىن ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.
ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دىلدار نەبى مۇنداق دېدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش» كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى توققۇز چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە ئىچىدە باش ئورۇنغا قويۇلۇپ، «كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش» تەلەپ قىلىندى. ئالتاي ۋىلايىتى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى سىجىل بېيىتىپ، قاتنىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان كۈندۈزلۈك تۈر مەھسۇلاتلىرىنى ئاچىدۇ، كېچىلىك قار تېيىلىش، كېچىلىك غىزالىنىش، كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش، كېچىلىك مال سېتىۋېلىش، كېچىلىك ساياھەت قاتارلىق كېچىلىك ئىقتىسادنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ساياھەت سۈپىتىنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى قېزىپ، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرۈشتىن ئويناشقىچە بولغان ھەر تەرەپلىمە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سەھەردە، جۇڭگو - قازاقىستان چېگراسىدىكى قورغاس تاشيول پورتىدا، نۇرغۇن تاۋار ئاپتوموبىل پورت تەكشۈرۈش مەيدانىدا ئېكسپورت قىلىنىشنى ساقلاۋاتاتتى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار ئاپتوموبىل 330 مىڭدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 كۆپەيدى.
«يىغىننىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شۈ گولىن مۇنداق دېدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن - ئاخىر توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىسلاھات پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىجىل تۈردە چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان خاس كەسىپلەرنى زورايتىپ، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى جانلاندۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد - سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى يارىتىمىز».
(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، جاڭ جىلى، پەرىزات ئابدۇل، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ جۈنشيۇ، لى جىنپىڭ، گۈلھايات ئابدۇرېشىت، فېڭ چىخېڭ)