خوتەن سىزنى كوئېنلۇن تېغىغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا،

时事   2024-12-13 18:58   新疆  

خوتەن سىزنى كوئېنلۇن تېغىغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا، تەكلىماكانغا بېرىپ ئارزۇيىڭىزنى ئىزدەشكە تەكلىپ قىلىدۇ

سۈرەتتە: چىرا ناھىيەسىنىڭ كوئېنلۇن تېغىدىكى يايلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. سۈرەتنى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ شاڭخەيدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى (ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر جاڭ ياخۇي) 12 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، «شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش»  2024 ـ يىللىق شاڭخەي - خوتەن مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمال پەسلى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى شاڭخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو -تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنگۈل مەتتوختى مەدەنىيەت ـ ساياھەت بويىچە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا، تۇرسۇنگۈل ئەزىز مېھمانلارغا «كوئېنلۇندا قاشتېشى ئىزدەش كوئېنلۇننىڭ سىرلىقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش سەپىرى    مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇددا دىنىدىن تەلىم بېرىلىۋاتقان، نوم ئوقۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش»، «چۈشىدە قەدىمىي شەھەرگە قايتىش مىڭ يىلنى كېسىپ ئۆتۈش»، «كېرىيە دەرياسى مەدەنىيىتىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «مىڭ يىللىق ئىزنانى كېسىپ ئۆتۈش... قەھرىمانلار يولىنى ھېس قىلىش»تىن ئىبارەت بەش ئېسىل سـاياھـەت لىنىيەسىنى تونۇشتۇردى.

تۇرسۇنگۈل مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى گۈزەل خوتەنگە كېلىپ، يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىغا بېرىپ قاشتېشى قېزىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپ، خوتەننىڭ ئېسىل قاشتېشىنى ئىزدەشكە؛ كوئېنلۇن تاغلىق يولىغا بېرىپ يايلاقنىڭ بىپايان، گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلىپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئىزدەشكە؛ كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئاجايىپلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشقا؛ ئەتلەسنىڭ يەڭگىل، قولدا توقۇلغان قوي يۇڭى گىلىمىنىڭ، خوتەن قەغىزىنىڭ قەدىمىي رىۋايىتىنى ھېس قىلىشقا؛ دامىكۇ كىچىك بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى، راۋاق بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىدا مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇددا دىنىدىن تەلىم بېرىلىۋاتقان، نوم ئوقۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە؛ خوتەن تۇەنچېڭنى سەيلە قىلىپ، «ئايۋان» شەكلىدىكى ئىمارەتلەر سېلىنغان مەنزىرە رايونىدىن ھۇزۇرلىنىشقا؛ يوتقان قەدىمىي شەھىرىگە بېرىپ، يىپەك يەتكۈزۈش كاتتا زىياپىتى، خەن، تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى چۈشىنىپ، ئاۋات مەنزىرىنى قايتا ھېس قىلىشقا؛ بىپايان قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ مەنزىرىنى ھېس قىلىشقا؛ دېڭىز يۈزىدىن 5030 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سانجۇ داۋىنىغا بېرىپ، سەيدۇللا قاراۋۇلخانىسىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى ھېس قىلىشقا؛ كەڭشىۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، چېن شياڭرۇڭنىڭ «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر» دېگەن ۋەتەننى قوغداش ھېسسىياتىنى ھېس قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

تۇرسۇنگۈل مۇنداق دېدى: «خوتەن بوستانلىقىدا قەدىمىي شەھەر بار، شۇنداقلا قىزىلگۈلنىڭ رومانتىكىلىقى بار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئېگىز چوققىلىرى، ئېسىل ئاق قاشتېشى بار. خوتەندە نەچچە كۈن سەيلە - ساياھەت قىلسىڭىز، خوتەننىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنى چۈشىنەلەيسىز. خوتەن سىزنى كوئېنلۇن تېغىغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا، تەكلىماكان قۇملۇقىغا بېرىپ ئارزۇيىڭىزنى ئىزدەشكە تەكلىپ قىلىدۇ، گۈزەل خوتەن سىلەرنى قارشى ئالىدۇ».

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章