首页
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
更多
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
ۋىلايىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش
时事
2024-12-13 18:58
新疆
ۋىلايىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئاشخانىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى
(مۇخبىر
گۈلھايات،
پىراكتىكانت مۇخبىر
سۇڭ يۈلىن
) 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى شىنجاڭ خوتەن تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋىلايىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئاشخانىسىغا ۋىۋىسكا بەردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېمەك - ئىچمەك مەنبەسىدە تۆۋەن ناترىيلىك تۇزنى ئىستېمال قىلىشنى كېڭەيتىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ساغلام يېمەك - ئىچمەك مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ساغلام يېمەك - ئېچمەك ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ساغلام جۇڭگو . تۇز مىقدارىنى ئازايتىش ھەرىكىتى»نىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.
خوتەن ئەتىرگۈل كاۋاپخانىسى تۇنجى تۈركۈمدە «تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئاشخانىسى»دەپ نام ئالغان ئاشخانىلارنىڭ بىرى. خوتەن ئەتىرگۈل كاۋاپخانىسى «ساغلام جۇڭگو . تۇز مىقدارىنى ئازايتىش ھەرىكىتى»گە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنى ساغلام يېمەك ـ ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلەتتى. ئاشخانىنىڭ باش دىرېكتورى ئىلياسجان ئېزىز مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ساغلام يېمەك - ئىچمەك ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ناترىي، ياغ مىقدارى تۆۋەن، يۇقىرى تالالىق قورۇمىلارنى تەييارلاپ، ئىستېمالچىلارنى مەززىلىك تائاملارنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».
تېببىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاش تۇزىنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان بېسىمىنى يۇقىرىلىۋېتىدىكەن ھەمدە ئاشقازان كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، سېمىزلىك قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا، تۇز مىقدارىنى ئازايتىش سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىرى دەپ قارىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئادەتتىكى ئاش تۇزىنى ئاساس قىلىدىغان، مۇۋاپىق مىقداردا كالىي خىلور تەركىبى قوشۇلسا ئادەم بەدىنىدىكى ناترىي، كالىينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىم ھەم يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كېسەللىك قوزغىلىش خەۋپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ. «تۇز مىقدارىنى ئازايتىش» ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، تۇزچىلىق كەسپى تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنى كېڭەيتىشنى تۇزنى ئازايتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قىلدى.
تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنىڭ پايدىسىنى بىلگەندىن كېيىن، خوتەن شەھىرى ئاھالىسى نۇرئەلى ئىدىرىس مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، مەن دائىم سىرتتا تاماق يېگەندە تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىپ، سالامەتلىكىمگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ھازىر تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئاشخانىلىرى بولغاچقا، مەززىلىك تائاملاردىن تېخىمۇ خاتىرجەم بەھرىمەن بولالايدىغان بولدۇم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆيدىكى تۇزنى تۆۋەن ناترىيلىق تۇزغا ئالماشتۇرىمەن».
بۇ قېتىمقى ۋىۋىسكا بېرىش مۇراسىمى خوتەن تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ساغلام يېمەك - ئىچمەككە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە پائال تۈرتكە بولغانلىقىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ ساغلام تىپ ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيەسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى.
جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى شىنجاڭ خوتەن تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور ۋەلى روزى مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىمقى تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئاشخانىسى بەرپا قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا يېپيېڭى يېمەك - ئىچمەك تەسىراتى ئېلىپ كېلىمىز ھەم پۈتكۈل يېمەك -ئىچمەك كەسپىنىڭ تېخىمۇ ساغلام يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز».
(تەرجىمە قىلغۇچى:
ئارزۇگۈل ئەنۋەر
)
مەنبە:
خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر:
نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى:
ئەرئەلى شىرئەلى
和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
最新文章
پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار
شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلارسىغىمچانلىقى
ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار،ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى چۇڭچىڭدا
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش خادىمى گۈزەل خوتەننى
تيەنجىن شەھىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى42-قىسىم
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا بېرىپ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ
دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى
دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئاچتى
ۋىلايىتىمىزدە«جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش.خوتەنگە رىشتە باغلاش
بېيجىڭ شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە
ئىسلاھات ـ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىش كېرەك
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
خوتەن سىزنى كوئېنلۇن تېغىغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا،
ۋىلايىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى 22 مىڭ مو قۇملۇق يەرنى تۈزلىدى
ئون ئالتە يىل جاپالىق ئىشلەپ قۇملۇقنى تۈزلەپ باغ بەرپا قىلىپ
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي
شى جىنپىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى
ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم
ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى،كېلىشىم سوممىسى69مىليارد
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى قۇرۇلۇشى
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى41-قىسىم
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى
يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى قىياپەتنى
گۇما ناھىيەسىنىڭ400مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق سىغىملىق
خوتەن ناھىيەسى تەييارلىغان ئۇسسۇل تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ
ۋىلايىتىمىزنىڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپـى جانلاندى
ئۇ مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا
يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى
تىيانشان ناملىق نۆۋەتچى پويىز بۇ يىل 12 مىليارد 500 مىليون
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنى قىش پەسىللىك
چېۋەر قوللار بىلەن «يېشىل شارپا»توقۇش
قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى ئاساسىي
ۋىلايىتىمىزدە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى
ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن چىلاندىن مول
شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
ما شىڭرۇي بىخەتەرلىك،مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا
ما شىڭرۇي فۇكاڭ، ۋۇجياچۈگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل ـ باياۋان
分类
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
原创标签
时事
社会
财经
军事
教育
体育
科技
汽车
科学
房产
搞笑
综艺
明星
音乐
动漫
游戏
时尚
健康
旅游
美食
生活
摄影
宠物
职场
育儿
情感
小说
曲艺
文化
历史
三农
文学
娱乐
电影
视频
图片
新闻
宗教
电视剧
纪录片
广告创意
壁纸头像
心灵鸡汤
星座命理
教育培训
艺术文化
金融财经
健康医疗
美妆时尚
餐饮美食
母婴育儿
社会新闻
工业农业
时事政治
星座占卜
幽默笑话
独立短篇
连载作品
文化历史
科技互联网
发布位置
广东
北京
山东
江苏
河南
浙江
山西
福建
河北
上海
四川
陕西
湖南
安徽
湖北
内蒙古
江西
云南
广西
甘肃
辽宁
黑龙江
贵州
新疆
重庆
吉林
天津
海南
青海
宁夏
西藏
香港
澳门
台湾
美国
加拿大
澳大利亚
日本
新加坡
英国
西班牙
新西兰
韩国
泰国
法国
德国
意大利
缅甸
菲律宾
马来西亚
越南
荷兰
柬埔寨
俄罗斯
巴西
智利
卢森堡
芬兰
瑞典
比利时
瑞士
土耳其
斐济
挪威
朝鲜
尼日利亚
阿根廷
匈牙利
爱尔兰
印度
老挝
葡萄牙
乌克兰
印度尼西亚
哈萨克斯坦
塔吉克斯坦
希腊
南非
蒙古
奥地利
肯尼亚
加纳
丹麦
津巴布韦
埃及
坦桑尼亚
捷克
阿联酋
安哥拉