بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزنىڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدەك تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ۋە ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى جانلاندۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
خوتەن شەھىرى ئاھالىسى لى ئەپەندى تېز يوللانما كەسپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ، ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تېز يوللانما يوللىغاندا، ئوتتۇرا بېكەتتە ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا، تىت ـ تىت بولۇپ كېتەتتۇق، ھازىر ئوخشىمايدۇ، پوسۇلكىنى بىر نەچچە كۈندىلا تاپشۇرۇپ ئالالايمىز. بۇ قولايلىقلار 2024 -يىلى ۋىلايىتىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمىدىن بولغان».
بـۇ يىل ۋىلايىتىمز تېز يوللانما ئايرىش - تارقىتىش مەركەزلىرىگە بولغان سېلىنمىنى زورايتتى، پوچتا، يۈەنتۇڭ، شېنتۇڭ، شۈنفېڭ، جۇڭتۇڭ، جىتۇ قاتارلىق نۇرغۇن ئايرىش - تارقىتىش مەركەزلىرى زامانىۋى تارقىتىش مەيدانلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ ۋە ئۆزگەرتىپ، ئىلغار ئاپتوماتىك ئايرىش - تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئايرىش - تارقىتىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 110 مىڭ دانىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشتى، تېز يوللانمىلارنى ئوتتۇرا بىكەتتە ئالماشتۇرۇش ۋاقتى قىسقاردى، يەتكۈزۈش ۋاقىت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
يۈەنتۇڭ تېز يوللانمىلارنى ئايرىش - تارقىتىش مەركىزىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى چېن جىلۇڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى پوسۇلكىلارنى ئايرىشتا پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىناتتۇق، ئايرىش ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى، يەنە ئاسانلا خاتالىق كېلىپ چىقاتتى. ھازىر ياخشى بولدى، بۇ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، پوسۇلكىلارنى تېز، توغرا ئايرىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ خىزمەت بېسىمىمىز خېلى يېنىكلىدى، پوسۇلكىلارمۇ خېرىدارلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلدى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى بولدى».
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاخىرقى ئۇچ تور نۇقتىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلىشى شەھەر رايونى ۋە يېزا - بازار ئاھالىلىرىگە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. بۇ يىل قولايلىق ماگىزىن، مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، پوچتا تېز يوللانمىسى بويىچە خەلققە قولايلىق تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى مەھەللە ۋە يېزا - كەنتلەرنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىلدى. ۋىلايەت بويىچە ئاخىرقى ئۇچ تور نۇقتىسى 198دىن ئېشىپ، 2023 - يىلدىكىدىن %9 ئاشتى، ئاھالىلەر مەيلى پوسۇلكا تاپشۇرۇۋېلىش ياكى ئەۋەتىش جەھەتتە بولسۇن تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولدى.
ئاھالە ۋاڭ ئانا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تېز يوللانمىنى ئېلىش ئۈچۈن خېلى يىراققا باراتتۇق، ھازىر ئولتۇراق رايوندا مۇلازىمەت پونكىتى بار بولدى، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرگەچ تېز يوللانمىنى ئېلىۋالالايمىز، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق!»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خوتەن ۋىلايەتلىك شۆبە شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋىلايەتلىك پوچتا شۆبە شىركىتى» دېيىلدى) دەل جايىدا كۈچەپ، دىققەتنى خوتەن چىلىنى، خوتەن ياڭىقى ۋە 1 - چارۋىچىلىق مەيدانى ئېگىزلىك ئورگانىك قوي گۆشى قاتارلىق يەرلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يوۋلې يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭلىق ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خوتەن پوچتا شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تۇنۇشتۇرۇپ سېتىش بازىسى ۋە كەسپىي بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تۇنۇشتۇرۇپ سېتىش كوللېكتىپىغا تايىنىپ، ئېسىل بىۋاستە كۆرسىتىپ مال تۇنۇشتۇرۇپ سېتىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئەلا سۈپىتىنى ئەتراپلىق، جانلىق ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارغا نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىغا خوتەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ۋە ئەلا سۈپىتىنى ھېس قىلدۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، خوتەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بازارلىرىدىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2024 - يىلى، خوتەن شەھىرى، چىرا ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 14 - شى كۈنيۈ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا تېز يوللانما ئارقىلىق شۇ جاينىڭ چىلان، ياڭاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز يوللانما بىلەن مال تارقىتىش مىقدارى جەمئىي 1500 توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ 45 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.
بۇ يىل ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە پوچتا شىركەتلىرىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى ئىقتىدارى سېلىنمىسىنى تېزلىتىشىگە پائال ھەمكارلىشىپ، يېزىلاردىكى يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى. ۋىلايەتنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنىڭ داۋاملاشما تۈر مەبلىغى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يېزىلاردا يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىدىن 20نى، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتتىن 66نى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، يېزىلاردا تېز يوللانمىنى ئاپتوموبىل - توكسىكلىت ئارقىلىق يەتكۈزۈش نىسبىتىنى %90كە يەتكۈزۈپ، يېزا - بازارلارنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تېز يوللانمىلارنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 10 مىليون 116 مىڭغا يېتىپ، خەلققە قولايلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئىشتاتلىق كەنتلەرنى قاپلاش نىسبىتى %100كە يەتتى.
ۋىلايەتلىك پوچتا شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ شياۋمېي مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، شىركەت مەھسۇلات سۈپىتىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، خوتەننىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلىنىشىگە كۈچ قوشىدۇ».
ۋىلايىتىمىزدىكى پوچتا تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى كەسىپنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە مۇھىت ئاسراش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئـاۋاز قوشۇپ، يېشىل ئوراش ـ قاچىلاش ماتېرىياللىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى، ۋىلايەت دائىرىسىدە پارچىلىنىدىغان تېز يەتكۈزۈش خالتىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق تالون ئىشلىتىش نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %95 ۋە %98كە يەتتى، پوچتا، شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى باش بولۇپ ۋىلايىتىمىزدە قەغەز ماتېرىيال قىلىنغان بۇيۇمنى سۇلياۋ ماتېريال قىلىنغان بۇيۇمنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، تېز يەتكۈزۈش ئوراش ـ قاچىلاش تاشلاندۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنى ئازايتىپ، مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى شەھەرلەردە «كاربوننى ئازايتىش» ئۈچۈن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى. 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ۋىلايەت بويىچە پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 35كە يېتىپ، يەتكۈزۈش ئـاپتوموبىلىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ %21ىنـى ئىگىلىدى. شـەھەرنىڭ چوڭ ـ كىچىك كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرى كۆچمە يېشىل مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ، يېشىل قاتناش ئۈچۈن ھەسسە قوشتى.
ۋىلايىتىمىزنىڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېشىل تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.
ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى كۈرەش نىياز مۇنداق دېدى: «ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پوچتا تېز يوللانما كەسپىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش، يېشىل تەرەققىيات ۋە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشىدۇ».
(تەرجىمە قىلغۇچى: ئاماننىسا مەتتۇرسۇن)