ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن

时事   2024-12-13 18:58   新疆  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن بېيجىڭدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يۈ پېيگېن، جاڭ يەنجۈن ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن بېيجىڭدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يۈ پېيگېن، باش دىرېكتورى جاڭ يەنجۈن ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كېلىشىم ئىمزالاشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، بايلىق، رايون ئورنى، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇۋۋىتى تولۇپ تاشتى، بولۇپمۇ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى. دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلدى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، شىنجاڭدا شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە كېڭەيتىشنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىدۇ.
يۈ پېيگېن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ مۇھىم رايون قىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىدە، دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىدا ئاكتىپ ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، نەتىجىسى ياخشى بولدى. ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بايلىق تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章