دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى قۇرۇلۇشى

时事   2024-12-12 19:07   新疆  

دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلماقتا

سۈرەتتە: تاشيول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى ئابدۇمىجىت فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئابدۇمىجىت، ئوغالنىسا) 12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى نەق مەيدانىدا، يۈك تۇشۇش ئاپتوموبىللىرى، يول چىڭداش ماشىنىسى، قېزىش ماشىنىسى ۋە تۈزلەش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىراش ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت يولى 315 - لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش باشلىنىش نۇقتىسى قاراقاش دەرياسى ئەتراپىدا بولۇپ، دۆلەت يولى 315 - لىنىيەسى بىلەن تۇتىشىدىكەن، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى، زاۋا بازىرى، ئاقساراي يېزىسى، توخۇلا يېزىسى، ماڭلاي يېزىسى، پۇرچاقچى بازىرى، قويچى يېزىسى، تۈۋەت يېزىسى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئۆتىدىكەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 38.37 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ تۈر 2 - دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 674 مىليون يۈەن ئىكەن.

بۇ تۈردە بۇ يىل 10 - ئاينىڭ بېشىدا ئىش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە قۇرۇلۇشنىڭ %40ى تاماملىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ سۈرئەتنى تېزلىتىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى، يول يۈزىنى تۈزلەش، كۆۋرۈك - سۈڭگۈچلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار قۇرۇلۇشلار جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، بۇ رايوننىڭ قاتناش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، يولنىڭ ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيتىلىپ، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولايلىقلىشىپ، ماددىي ئەشيا ئوبوروتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章