شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلارسىغىمچانلىقى

时事   2024-12-17 18:50   新疆  

شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش بويىچە تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 8 مىليون 175 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان.
يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش دېگىنىمىز، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاشتىن باشقا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چىقىرىشنى ئاساسىي شەكىل قىلغان ھەم سىرتنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، قۇرۇلۇش دەۋرىيلىكى قىسقا، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جانلىق، ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى تېز بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىشىدا يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش، چاستوتىنى تەڭشەش، بېسىمنى تەڭشەش، زاپاس قالدۇرۇش، قارا قوزغىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىدە سىجىل يېڭى رېكورت يارىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشى خىرىسقا دۇچ كەلدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئارىلاپ پەيدا بولۇش ۋە دولقۇنسىمان بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولغاچقا، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى قۇرۇش ئارقىلىق ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولغىلى بولىدۇ.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە زاپىسى ئارقىلىق توك قاچىلاش مىقدارى 3 مىليارد 950 مىليون كىلوۋات سائەت، توك تارقىتىش مىقدارى 3 مىليارد 410 مىليون كىلوۋات سائەت، ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى %86.5 بولۇپ، پۈتۈن تورنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى 3.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈردى، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە زاپىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېلېكتىر پەللىسى 3 مىليون 956 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ ئەتىگەن ۋە كەچتىكى يۇقىرى پەللىدە توك بىلەن تەمىنلىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى. شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە زاپىسىدىن پايدىلىنىش سائەت سانى 1569 سائەتكە يېتىپ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ 4.1 ھەسسىسىگە باراۋەر كەلدى.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تور تىپىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ تەشەببۇسكار، دوستانە تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش بازىرى سىستېمىسىغا ئۇيغۇنلىشىشنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章