خوتەننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش خادىمى گۈزەل خوتەننى تونۇشتۇردى
كوئېنلۇن تاغلىق يولى چىرا ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇغساي يېزىسىدىكى بەنلەنگې يايلىقىدىن باشلىنىپ، بوستان يېزىسىدىكى قازان يايلىقىدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئېگىز تاغدىكى يايلاقلاردىن، ئېگىز -پەس جىلغىلاردىن كېسىپ ئۆتىدۇ، تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. سۈرەتتە: كوئېنلۇن تاغلىق يولىدىن بىر كۆرۈنۈش. سۈرەتنى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو ـ تېـلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىـدارىسـى تەمىنلىگەن
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ چۇڭچىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى (ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر جاڭ ياخۇي) تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي مۇڭ خوتەندە قاشتېشى بىلەن ئۇچرىشىش» تېمىسىدىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش خادىمى چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى بەش ئاخبارات تاراتقۇسى، 50تىن ئارتۇق ساياھەت كوپىراتىپى، كارخانا ۋە نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرگە گۈزەل خوتەننى تونۇشتۇردى.