جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى

时事   2024-12-11 19:09   新疆  

ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى چياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 12 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىلى «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆي بازىرى ۋە پاي بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداپ، «15 ـ بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى چياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.
سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، 3 ـ سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى باۋ شىنخې ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلىدى ھەم يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى مۇۋاپىق زورايتىش، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىش، دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىدىن كۆپەيگەن ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى پىكىر ـ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىمىز، قوبۇل قىلىمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل، تېخىمۇ مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مۇھىت ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللاندى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەر ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىنىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش» بويىچە نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى قوغداش بويىچە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى يوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئالدى بىلەن جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىكى تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق تاشقى مۇھىتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يارىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ھەر يىلى بار، لېكىن بىز ئەزەلدىن بوران ـ چاپقۇنلاردا چېنىقىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا زورايدۇق. خىزمەت تەييارلىقىنى تولۇق ياخشى قىلىپ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىش كېرەك. ئومۇمىيەت ئېڭى، ئومۇملۇق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىرلىك سەپنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئومۇميۈزلۈك دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن پائال ئەقىل كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. دېموكراتىك نازارەتچىلىكنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورۇن بېكىتمىسىنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش ـ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قاتتىق چەكلەپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، چىرىكلىك قىلمىشى بايقالسا قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ۋە بىلىمنى يېڭىلاشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، ئەن لىجيا، تيەن شۈەن قاتارلىقلار بار.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章