تىيانشان ناملىق نۆۋەتچى پويىز بۇ يىل 12 مىليارد 500 مىليون

时事   2024-12-10 18:55   新疆  

«تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز بۇ يىل 12 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىزىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز دېيىلىدۇ) 2024 - يىلى توشۇش كۆلىمى 500 قېتىمدىن ئاشتى، يۈك توشۇش مىقدارى 440 مىڭ توننا بولۇپ، تەخمىنەن 12 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2023 - يىلى، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بىرلەشتى ھەم شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىزىنى يولغا سالدى، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى تىجارەتكە مەسئۇل بولدى. شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق كۆپ خىل تىرانسپورت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ماللارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق تىرانسپورت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ئىقتىساد سودا يولى بەرپا قىلدى.

شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نۆۋەتچى پويىز ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى جېڭ يۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ماڭىدىغان تۇنجى نۆۋەتچى پويىزى ئوڭۇشلۇق يولغا چىقتى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر چارشەنبە بىر نۆۋەتچى پويىز يولغا چىقىشتەك مۇقىم قېتىم سانى بويىچە قاتنىدى، يۈرۈش ۋاقتى ئادەتتىكى نۆۋەتچى پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتىدىن %60تىن كۆپرەك قىسقاردى.

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز رۇسىيە (موسكۋا) لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناپ، جۇڭگو - ياۋروپا يۆنىلىشىدىكى «0»دىن «1»گىچە بولغان بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۈرۈمچى - قەشقەر شىمالى - ئۆزبېكىستان «تىيانشان ناملىق» تۆمۈريول - تاشيول كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، چېگرا ھالقىغان كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ «بىر تالون تۈزۈمى» «بىر يۈك ساندۇقى تۈزۈمى» بويىچە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ قۇرۇقلۇق پورتى تىيانشان ناملىق» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى ۋە «شىنجىگاڭ» شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سىستېمىسى سۇپىسىنى قۇرۇپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خېرىدارلارنى نۆۋەتچى پويىز بۆلمىسى زاكاز قىلىش، خىراجەتنى سۈرۈشتۈرۈش، سودىنى راسچوت قىلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، نۆۋەتتە شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزىدا «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، 13 مىڭ 105 گۇرۇپپا پويىز قاتنىدى، بۇ، شۇ مەزگىلدىكى قاتناش مىقدارىنىڭ %88.77ىنى ئىگىلىدى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章