يۇتقۇنچاق ياللۇغى 6 خىل كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك

文摘   2025-01-04 18:30   新疆  





يۇتقۇنچاق ياللۇغى 6 خىل كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك


قىش كىرگەندىن كېيىن، ئەتراپىمىزدا «گېلىنى قىرىدىغان» كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئىشخانا، ئۆيلەردە دائىم تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەسىيىپ تۇرىدىغان يۆتەل ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرماقتا. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گېلى قۇرۇپ ئېچىشىپ كەتتى، يۆتىلىپ بەلغەمنى چىقىرالماي ياكى يۇتالماي قىينالماقتا. بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر گېلىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىدىن گۇمانلاندى.
كۈز ۋە قىش پەسلىدە يۇتقۇنچاق بىئارام بولۇشنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر:
ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، باش، بويۇن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى
جۇ يۈن؛

گال بىئارام بولسا يۇتقۇنچاق ياللۇغى بولامدۇ؟
يۇتقۇنچاق - كېكىردەك ياللۇغى يۇتقۇنچاق - كېكىردەك شىللىق پەردىسى، شىللىق پەردە ئاستى توقۇلمىلىرى ۋە لىمفا توقۇلمىلىرىنىڭ ياللۇغى بولۇپ، ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق - كېكىردەك ياللۇغى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق - كېكىرتەك ياللۇغى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

كۈز ۋە قىش پەسلىدە قۇرغاق سوغۇق، نەملىك تۆۋەن بولىدۇ، سوغۇق ھاۋا ھۇجۇم قىلغاندا، بۇرۇن شىللىق پەردىسى غىدىقلىنىپ، سىرتقى مۇھىتتىكى كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتېرىيەلەر ئاسانلا نەپەس يولىغا كىرىپ، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق - كېكىردەك ياللۇغى
ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى ئاساسلىقى ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى جىددىي بولۇپ، يۇتقۇنچاق قۇرۇق قىچىشىدۇ، ئوتتەك قىزىيدۇ ياكى يېنىك ئاغرىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋازى تېز سۈرئەتتە يىرىكلىشىدۇ ياكى بوغۇلىدۇ ھەمدە دائىم قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش ياكى ئاز مىقداردا يېپىشقاق بەلغەم تۈكۈرۈش ئەگىشىپ كېلىدۇ.


تەكشۈرۈشتە يۇتقۇنچاق قىزىرىپ ئىششىپ قان تولۇش، بويۇن لىمفا تۈگۈنى ئىششىش كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۇتقۇنچاق سۇلۇق ئىششىقى پەيدا بولىدۇ، ھەتتا شۇ سەۋەبتىن يۇتقۇنچاق توسۇلۇپ قېلىپ نەپەس قىيىنلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ كۆپ قىسمى يۇقۇملىنىشقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىدۇ.

ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى
ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى كۆپىنچە جىددىي خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ تەكرار قوزغىلىشى، ناچار تۇرمۇش ئادىتى، كۆپ سۆزلەش، ھەر خىل زىيانلىق فىزىكىلىق - خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەكرار غىدىقلىشى، قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى تەكرار تەرەققىي قىلىدۇ، ئاسان داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.

ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق - كېكىردەك ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئادەتتە يۇتقۇنچاق قىسمىدا ھەر خىل بىئاراملىق تۇيغۇسى بولىدۇ، مەسىلەن: يات ماددا باردەك، كۆيگەندەك، قۇرغاقلاشقاندەك، قىچىشىۋاتقاندەك، غىدىقلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ ۋە يېنىك ئاغرىق قاتارلىقلار.

ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە: يۇتقۇنچاقتا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ، پاكىز چىقىرۋېتەلمەيدۇ؛ پات - پات قۇرۇق يۆتىلىدۇ ۋە گېلىنى تازىلايدۇ؛ يۆتەلگەندە بەلغەم بولمايدۇ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولىدۇ؛ يۇتقۇنچاق قۇرغاقلاشقاندا توختىماي سۇ ئىچىش ئارقىلىق پەسەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ كېكىردەكتە يات ماددا توسۇلۇپ قېلىش، چىڭقىلىش سېزىمى بولىدۇ، لېكىن تاماق يېيىش تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ؛ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا چىش چوتكىلىغاندا كۆڭلى ئېلىشىدۇ.


يۇتقۇنچاق ياللۇغى 6 خىل كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك
يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋال بار.

1. ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئامىل
نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر جىددىي خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى ئۇزاققىچە داۋالاپ ساقايتالمايدۇ ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىككە، جۈملىدىن قان ئازلىق، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش، ئاۋتونۇمىك نېرۋا تەڭپۇڭسىزلىقى، ۋىتامىن كەمچىل بولۇش ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۆزگىرەيدۇ.

ۋىرۇسلۇق يۇتقۇنچاق ياللۇغى ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا چەكلىنىدۇ، باكتېرىيەلەر ئۇزاق مۇددەت يۇتقۇنچاق ئارقا دىۋارى شىللىق پەردىسىدە پارازىتلىنىدۇ، ھەر قايسى باكتېرىيە توپى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭپۇڭلىشىدۇ. باكتېرىيە توپى قالايمىقانلاشقاندا، يۇتقۇنچاق ئارقا دىۋارى شىللىق پەردىسى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان، ئېغىر - يېنىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


2. ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچكە تەتۈر ئېقىش
ئاشقازاندىكى يېمەكلىك يۇقىرىغا قاراپ يۇتقۇنچاق - كېكىردەككە ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، شىللىق پەردىنى فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك غىدىقلاپ، يۇتقۇنچاقتا يات ماددا باردەك ھېس قىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش قاتارلىق بىر قاتار ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئاشقازان - قىزىلئۆڭگەچتىن يېنىش بىمارلىرىدا ئاستا خاراكتېرلىك يۆتىلىش ۋە كۆپ قېتىم گېلىنى تازىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن باشقا، دائىم مەيدىسى قايناش، پانتوتېنىك كىسلاتا قاتارلىق تىپىك ئاشقازان - قىزىلئۆڭگەچتىن يېنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ھەزىم قىلىش ئىچكى بۆلۈمىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش كېرەك.

3. بۇرۇن مەنبەلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى
بۇرۇن بوشلۇقى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى ۋە بۇرۇن - يۇتقۇنچاق ياللۇغىدىن پەيدا بولغان ئاجرالمىلار بۇرۇن ئارقا تامچىلاش يىغىندى ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاجرالمىلارنىڭ يۇتقۇنچاق ئارقا دىۋارى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىشى ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇرۇن مەنبەلىك ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارغا قارىتا، بۇرۇن بوشلۇقى، بۇرۇن كاۋىكى بىرلەمچى ئوچىقىغا قارىتا مۇۋاپىق داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، بۇرۇندىن تامچىلاشنى ئازايتىپ، يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

4. خورەك تارتىش
توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش يىغىندى ئالامىتى (خورەك تارتىش كېسىلى) ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خورەك تارتىش كېسىلى بىمارلىرىدا كۆپىنچە يۇتقۇنچاق شىللىق پەردىسى سۇلۇق ئىششىقى، قۇرغاقلىشىش ۋە يۇتقۇنچاق دىۋارىدىكى لىمفا پۈۋەكچىلىرى ئۆسۈش ئەگىشىپ كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلىغاندا ھاۋا يولى تەكرار توسۇلۇپ قېلىپ، كۆكرەك بوشلۇقىغا يۇقىرى مەنپىي بېسىم پەيدا قىلىپ، ئاشقازان - قىزىلئۆڭگەچنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشمۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مېخانىزملارنىڭ بىرى.

5. ئاللېرگىيىلىك كېسەللىكلەر
قىسمەن ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىماردا يۇتقۇنچاق قىسمىدا بىر نەرسە باردەك تۇيغۇ بولۇش، يۇتقۇنچاق قىچىشىش، يۇتقۇنچاق قىسمى ئىششىپ قالغاندەك تۇيغۇ بولۇش ۋە قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل بىمارلارنى زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ، لېكىن دورىنى توختاتقاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ.

يۇتقۇنچاق ھەقىقەتەن بىئارام بولسا، قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ؟

سۇ ئىچىش مىقدارىغا يېتەرلىك كاپالەتلىك قىلىش
قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەر كۈنى 1700 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشىنى، ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى 1500 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، قۇرغاقلىقنى ياخشىلايدىغان چاي ئىچىپ ئاغرىق ۋە ياللۇغنى پەسەيتسە بولىدۇ.
گۈلسامساق سوغىگۈل چېيى، ئۇچقات زەيتۇن چېيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈزدە ئىچىشكە ماس كېلىدۇ.


تۇز سۈيىدە ئېغىز چايقاش
تۇز سۈيى بىلەن يۇتقۇنچاق - كېكىردەك قىسمىدىكى شىللىق پەردىنى چايقىغاندا، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، ياللۇغنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. بىر بوتۇلكا ئاغزىدىكى تۇزنى 250 مىللىلىتىر ئىلمان قايناقسۇغا سېلىپ تولۇق ئېرىتىمىز، ئاندىن تۇز سۈيىنى ئېغىز بوشلۇقى ۋە تىل يىلتىزىغا 20 ~ 30 سېكۇنت تۇرغۇزغاندىن كېيىن تۇز سۈيىنى تۈكۈرۋېتىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا پاكىز سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقىۋەتسەكلا بولىدۇ.

ھور بىلەن ئاۋاز سىلىقلاش
بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇ ئېلىپ، ئىستاكاننىڭ ئاغزىنى يۇتقۇنچاققا توغرىلاپ ھورداپ، سۇ پارى ئارقىلىق يۇتقۇنچاق - كېكىردەكنى نەمدەش كېرەك، مەخسۇس ھور ئەسۋابى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 60 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن كونترول قىلىش كېرەك. ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 مىنۇت ئەتراپىدا تەۋسىيە قىلىمىز.

يۇتقۇنچاق تابلېتكىسى
يۇتقۇنچاق - كېكىردەك تابلېتكىسىنى تىل يىلتىزىنىڭ يۇتقۇنچاق - كېكىردەككە يېقىن قىسمىغا سېلىش. بىراق، كېكىردەكنى سىلىقلاشتۇرۇش تابلېتكىسىنىڭ كۆپىنچىسىدە يود بار بولۇپ، گەرچە باكتېرىيەلەرنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينىسىمۇ، لېكىن زىيادە كۆپ يود ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىشى مۇمكىن، شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

زىيادە ئاۋازنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش
زىيادە ئاۋاز ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، ھەر ۋاقىت ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش، ئېغىز بوشلۇقى، يۇتقۇنچاق يۇقۇملىنىشنى ئازايتىش كېرەك.
ھاراق - تاماكىدىن يىراق تۇرۇش
ناچار يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەپ، تاماكا، ھاراق تاشلاش، خام، سوغۇق، ئاچچىق، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، يېڭى مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

ياخشى دەم ئېلىش
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى. تۈنەشتىن ساقلىنىش، ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلاش، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章