ئائىلىدە ئىسسىق لۆڭگە بىلەن 6 خىل كېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى
قىزىلگۈل تەركىبىدە ۋېتامىن A، ۋېتامىن C، ۋېتامىن B، ۋېتامىن E، ۋېتامىن K، تاننىك كىسلاتا قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ،
ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ ئۇيۇپ قالغان قاننى ۋە ياغنى ئېلىۋېتىپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ئىچكى ئەزالارنى تەڭشەيدۇ.
قىزىلگۈل ئاياللارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى بولغان قان تەڭشەش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللاردىكى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى ياخشىلايدۇ، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرىدۇ.
قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى ياساش ئۇسۇلى
قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈلدىن 200 گرام، قارا شېكەردىن (ھەسەل، ئاق شېكەر بولسىمۇ بولىدۇ) 150 گرام تەييارلايمىز
قىزىلگۈلنىڭ بەرگىنىلا ئېلىۋېلىپ، ئېھتىياجلىق بولمىغان گۈل ساپىقىنى ئايرىۋېتىمىز
قازانغا قىزىلگۈل بەرگى چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، يېرىم سائەت چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئاندىن ئوتتۇراھال ئوتتا ئاستا-ئاستا قاينىتىمىز.
قاينىغاندىن كېيىن قاراشېكەرنى سېلىپ ئىلەشتۈرۈپ، بوش ئوتتا داۋاملىق قاينىتىمىز.
قاينىتىش جەريانىدا داۋاملىق ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ تەركىبى يوقىغاندىن كېيىن ئوتنى ئۈچۈرىمىز.
ئاندىن
ئاغزى بار قۇتىغا تەييار بولغان قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى قاچىلاپ، ئاغزىنى ھىم
ئىتىپ قۇرغاق ئورۇندا ھەپتە ساقلىغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىپ بەرسەك
بولىدۇ.
يېڭى قىزىلگۈلدىن گۈلقەنتىنى ياساش ئۇسۇلى
يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلدىن 300 گىرام، ئاق ياكى قاراشېكەردىن 400 گىرام، ھەسەلدىن 30 گىرام تەييارلايمىز.
ئالدى بىلەن قىزىلگۈل بەرگىنى ئۈزۈۋېلىپ باشقا قىسمىنى ئايرىپ ئېلىۋېتىپ ، گۈل بەرگىنىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ پاكىز يۇيۇپ سۈيىنى پاكىز سىرغىتىۋېتىپ،
ئۈستىگە ئاق شېكەرنى تۆكۈپ، قىزىلگۈل ئېزىلگەنگە قەدەر شېكەرنى تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
شېكەر قىزىلگۈلگە سىڭىپ قىيام بولغاندا ئاغزى بار قۇتىغا سېلىپ ئۈستىگە ھەسەل قۇيۇپ، قۇرغاق ئورۇندا بىر ئاي تۇرغۇزغاندىن كېيىن ( 100 كۈن تۇرغۇزسا تېخىمۇ ياخشى ) ئىستېمال قىلىپ بەرسەك بولىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە :
1. ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ.
2. مىتابولىزمنى ياخشىلاپ ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش ۋە قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.
3. كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ، نېرۋا جىددىيلىشىش ۋە بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ، خامۇشلۇقتىن ساقلايدۇ.
4. ماينى تۆۋەنلىتىپ ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
5. تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى ياخشىلاپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ.
6.
جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى،
جىگەر كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ
پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
7. ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز پۇراشنى ياخشىلايدۇ.
8. ئادەم بەدىنىدىكى يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بەدەننىڭ چارچىشىنى يوقىتىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55