بەلغەمنى تۈكۈرۈپ چىقىرالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بەلغەم باردەك ھېس قىلغاندا، يۆتىلىش ئاساسلىق بەلغەم چىقىرىش ئۇسۇلى، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر يۆتىلىپ گېلى ئاغرىپ كەتسىمۇ، يەنىلا بەلغەم ئۆپكىدە توسۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
بەزىدە نوقۇل يۆتىلىش ئارقىلىق ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى، كىچىك كانايچە قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بەلغەمنى چىقىرىۋەتكىلى بولمىغاچقا، ئادەتتە نەپەسنى تېيىز سۈمۈرگەچكە، ئۆپكىنى تولۇق ئاچقىلى بولمايدۇ، ھاۋانىڭ كىرىپ چىقىشى ئېلىپ كەلگەن مەينەت نەرسىلەرنى تازىلىغىلى بولمايدۇ، بۇ ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز.
بەلغەم باردەك ھېس قىلغاندا، قانداق قىلغاندا «يۆتىلىپ» چىقارغىلى بولىدۇ؟
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك بەلغەم چىقىرىش ئۇسۇلىنى بەھىرلىدى.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر:
جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى يىن كەيشېڭ؛
شىئەن شەھەرلىك 3-دوختۇرخانا ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر 1-كېسەل رايونىنىڭ ۋىراچى لى شىڭ؛
بەلغەم نەپەس يولىنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى
بەلغەم ئەمەلىيەتتە بەدەن ئاجرىتىپ چىقارغان بىر خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ، نەپەس يولىدىكى تۈكچىلەرنىڭ تەۋرىنىشىگە ئەگىشىپ سىرتقا قاراپ مېڭىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۆتىلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. شۇڭا، بەلغەم دائىم يۆتەل بىلەن بىللە كېلىدۇ.
نورمال ئەھۋالدا، بەلغەم ئورگانىزمنىڭ ئايلىنىش جەريانىدا ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن يوقالغاچقا بىز بايقىمايمىز. بەلغەم كۆپ مىقداردا شەكىللىنىپ، چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، نەپەس يولىدا ياللۇغ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بەلغەم نەپەس يولى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى قوغداش مېخانىزمى بولۇپ، ئادەم بەدىنى غىدىقلىغۇچى گاز، چاڭ - توزان، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق زىيانلىق مىكرو ئورگانىزملارنى سۈمۈرگەندە، نەپەس يولى شىللىق پەردىسى غىدىقلىنىپ، بەلغەمنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بۇ غىدىقلىغۇچى ماددىلارنى تېخىمۇ ياخشى يېپىشتۇرىدۇ ۋە تازىلايدۇ.
ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت «چىقىرىش» بولمىسا، نەپەس توسۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ بەلغەم ئۇزۇن مۇددەت بەدەندە يىغىلىپ قالسا، ئۆپكە ياللۇغى ياكى باشقا كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.
ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇتۇش ئىقتىدارى ناچارلىشىش، تاماق يېگەندە قېقىلىپ كېتىش ياكى چۈشىدە ئىختىيارسىز قېقىلىپ يۆتىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈمۈرۈشتىن بولغان ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا بەلغەمنى چىقىرىۋېتىش تېخىمۇ زۆرۈر.
يۆتىلىپ بەلغەم چىقمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
دوختۇر «دۈم يېتىپ بەلغەم چىقىرىش ھالىتى» نى تەۋسىيە قىلدى، بۇ ئوكسىگېننى ئۆپكىنىڭ ئاستىغا يەتكۈزۈپ، ئۆپكىدىكى ئاجرالمىلارنىڭ ۋاقتىدا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«ئىككى قولنى قايچىلاشتۇرۇش - باشنى ئېگىش - چوڭقۇر نەپەس ئېلىش - يۆتىلىش» ئارقىلىق ئۆپكىنىڭ ئاستىدىكى بەلغەمنى چىقىرىۋېتىشكە ياردىمى بولىدۇ.
نورمال سۈمۈرۈشكە ماھارەت قوشقاندا، نەپەس يولىدىكى ئەخلەتلەرنى ئۈنۈملۈك تازىلاپلا قالماي، يەنە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى ۋە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
كىلىنىكىدا بىر خىل ئالاھىدە سۈمۈرۈش مەشىق ئۇسۇلى، يەنى ئاكتىپ ئايلاندۇرۇپ سۈمۈرۈش تېخنىكىسى بار بولۇپ، ئۆپكە ئېقىمىنى تېزلىتىش ئارقىلىق ھاۋا يولىنى تازىلاشتا دائىم قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل.
مەشغۇلات قەدەم - باسقۇچلىرى بويىچە «نەپەس چىقىرىش، بەلغەم چىقىرىش ئۇسۇلى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ باسقۇچ:
بىرىنچى قەدەم: كۆكرەكنى كېرىش
ئولتۇرۇش ھالىتىدە، بەدەننى سەل - پەل ئالدىغا ئېگىپ، بۇرۇن ئارقىلىق ئاستا چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، قورساق قىسمىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىش، كۆكرەك قەپىسى ۋە ئۆپكىنى تولۇق كېڭەيتىش، ھەمدە نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلارنى بوشىتىش؛ نەپەس ئالماي ئۈچ سېكۇنتتىن كېيىن، نەپەسنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، نەپەس رىتىمىنى ئىمكانقەدەر ئاستىلىتىشنى سىناپ بېقىش كېرەك، مۇشۇنداق 3 ~ 4 قېتىمدىن كېيىن، 3 ~ 4 قېتىم تىنچ سۈمۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى قەدەم: نەپەس چىقىرىش
ئاستا نەپەس ئالغاندىن كېيىن كۈچەپ ئۇزۇن ۋاقىت نەپەس چىقىرىپ، ئېغىز ۋە كېكىردەكنى ئېچىپ «خا» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، ئامال بار ئۆپكىدىكى گازنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.
قولنى قورساققا قويساق، قورساق مۇسكۇلىنىڭ چىڭ تارتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئەگەر نەپەس ئالغاندا يۇتقۇنچاق قىسمىدا بەلغەم بارلىقىنى ھېس قىلسا، يۆتىلىش ھەرىكىتىنى قىلسا بولىدۇ. نەپەس يولىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇدا 2 ~ 3 قېتىم كۈچەپ نەپەس ئېلىپ، ئاندىن تىنچ سۈمۈرسىلا بولىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەم: تەكرارلاش
تىنچ سۈمۈرگەندىن كېيىن، «كۆكرەكنى كېرىش - نەپەس ئېلىش - تىنچ سۈمۈرۈش» باسقۇچىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، تەكرار مەشىق قىلىش كېرەك، ھەر قېتىملىق مەشىق ۋاقتى تەخمىنەن 10 مىنۇت بولۇپ، ھەر كۈنى كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھارغىنلىق ھېس قىلماسلىق كېرەك.
ئوخشاش بولمىغان بەلغەم قايسى خىل كېسەلنىڭ سىگنالى
نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرىنىڭ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشىگە ئاساسەن، بەلغەمنىڭ مىقدارى، ھالىتى، رەڭگى ۋە پۇرىقى ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە بەزى كېسەللىكلەرگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ:
كېسەل بولغان ئەھۋالدا، بەلغەمنىڭ خۇسۇسىيىتى، مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، يېپىشقاق بەلغەمدىن سېرىق يىرىڭلىق بەلغەمگە، ئاز مىقداردىن كۆپ مىقدارغا ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە باكتېرىيە ياكى ۋىرۇس بولىدۇ.
بەلغەمنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان رەڭلىرىدىن ئاق، سېرىق، قارا، قىزىل قاتارلىقلار بار. نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرىنىڭ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشىگە ئاساسەن، بەلغەمنىڭ رەڭگى، سۈپىتى، مىقدارىغا ئاساسەن، قايسى خىل نەپەس يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ياكى ئېغىر ئەمەسلىكىگە دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
ئاق بەلغەم
ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان رەڭ، سۈپىتى سۈزۈك كۆپۈك، يېرىم سۈزۈك شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ياكى سۈت ئاق يىرىڭلىق بەلغەم بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سۈزۈك ياكى ئاق رەڭلىك يېپىشقاق بەلغەم پەيدا بولىدۇ، زىققا ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ نەپەس يولى غىدىقلانغاندا، ئاق رەڭلىك سۈزۈك بەلغەم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ياشانغانلاردىكى ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەردە دائىم ئاق رەڭلىك يېپىشقاق بەلغەم پەيدا بولىدۇ.
سېرىق بەلغەم
سېرىق بەلغەم يىرىڭلىق بەلغەمگە تەۋە بولۇپ، ئادەتتە ئورگانىزىمدا ياللۇغلىنىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، مەسىلەن: ئۆپكە ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى قاتارلىقلار بەزى باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملانغاندا يەنە سارغۇچ يېشىل رەڭلىك يىرىڭلىق بەلغەم پەيدا بولىدۇ.
قارا بەلغەم
قارا بەلغەم بىمار تۇرۇۋاتقان مۇھىتتا قارا رەڭلىك ماددا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مەسىلەن: كۆمۈر قاتارلىقلار، بۇ كۆمۈر ئىشچىلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەن قىسمەن بىمارلار بەلغەمنى تېزلەتكۈچى دورىلارنى ئىشلەتسە، قارا رەڭلىك كۆپۈكلۈك بەلغەمنى بايقىغىلى بولىدۇ.
قىزىل بەلغەم
ئادەتتە بۇ بەلغەمدە قان بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، مەسىلەن: ئۆپكە راكى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، كانايچە كېڭىيىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قان تۈكۈرۈش.
دوختۇر بەلغەمنى ئىمكانقەدەر يۆتىلىپ چىقىرىۋېتىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەلغەمنى بوشىتىش دورىسى ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. قۇرۇق يۆتەلگەندە بەلغەم بولمىسا، يۆتەل توختىتىش دورىسى ئىچسە بولىدۇ؛ ئەگەر بەلغەم كۆپ بولسا يەنە يۆتەل قوشۇلۇپ كەلسە، يۆتەلنى توختىتىدىغان، لېكىن بەلغەمنى بوشىتىش رولى بولمىغان دورىلارنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى يۆتەلنى زىيادە تىزگىنلەش ئەكسىچە بەلغەمنىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55