ھۆللۈك 60 خىل كېسەلنىڭ ئانىسى، يوقىتىشتىكى يەرلىك رېتسېپىلىرى

文摘   2024-11-21 19:53   新疆  





ھۆللۈك 60 خىل كېسەلنىڭ ئانىسى، يوقىتىشتىكى يەرلىك رېتسېپىلىرى

سىز ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، تۆۋەندىكىدەك ھېسسىياتتا بولامسىز؟ بار بولسا، سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزغا دىققەت قىلىڭ! چۈنكى…

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 60 خىلدىن ئارتۇق كېسەللىك بەدەندىكى ھۆللۈك ئېشىپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  مەسىلەن: سېمىزلىك، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈش، ھۆل تەمرەتكە، تېرە ياللۇغى، دانىخورەك، سۈيدۈك يولى سىستېمىسى يۇقۇملىنىش، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپىيىش، قىچىشىش قاتارلىقلار.

ئەڭ ئېغىر بولغىنى شۇكى، ھۆللۈك جاھىل خاراكتېرلىك سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ خىل سېمىزلىك بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، ھەتتا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەدەندىكى ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە ئۆسۈپ چىقىدۇ. شۇڭا بەدەندىكى ھۆللۈكنى چىقىرىۋېتىش كېرەك، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ!

ئادەم بەدىنىدىكى ھۆللۈك ئىچكى ھۆللۈك ۋە تاشقى ھۆللۈك دەپ بۆلۈنىدۇ، جەنۇبتا سىرتقى ھۆللۈك كۆپ، شىمالدا بولسا ئىچكى ھۆللۈك ئاساس قىلىنىدۇ.

يامغۇر، ئەتىگەنلىك چېنىقىشتا شەبنەم كۆپرەك بولۇش ، تەرلەپ كەتكەندىن كېيىن دەرھال يۇيۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاسانلا سىرتقى ھۆللۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئادەم بەدىنىگە سىڭىپ كىرىدۇ.

ھازىرقى تۇرمۇش ئۇسۇلىدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا چوڭ ئوخشىماسلىقلار كۆپ . كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك تەمنى، كاۋاپ يەپ مۇزدەك پىۋا ئىچشنى ياخشى كۆرىدۇ ، تۆت پەسىلدە ماروژنىدىن ئايرىلالمايدۇ، تەمى كۈچلۈك ھەم تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېشلىتىدۇ، بۇلار بەدەندە ئاسانلا ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ. 

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى 5 تەپسىلات، بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى!
1. ئۇيقۇغا قانماسلىق
ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن يەنىلا چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى ئېغىرلاش، روھى چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلىش ياكى بەدىنىدە بىر نەرسىلەر مىدىر ـ سىدىر قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىش، ئۇنداقتا،  بەدەندە ھۆللۈك بارمۇ ـ يوق دەپ گۇمان قىلىشقا بولىدۇ.

2. ئەتىگەندە چوڭ تەرەت دائىم يېپىشقاق كېلىش
چوڭ تەرەت ئاسانلا تەرەت قاچىسىغا چاپلىشىپ قالسا، بىر ساندۇق سۇدىمۇ پاكىز چىقارغىلى بولمىسا ياكى قول قەغىزىدىن ئۈچ ـ تۆت ۋاراقنى قايتا ـ قايتا سۈرتسىمۇ پاكىز سۈرتكىلى بولمىسا، بۇ بەدەندە ھۆللۈك ئارتىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

3. تىل گېزى قېلىن ھەم سېرىق، چىش ئىزى بار بولسا
ساغلام تىل: تىل سۇس قىزىل رەڭدە ھەم پارقىراق، تىل يۈزىدە بىر قەۋەت تىل گېزى بار بولۇپ، نېپىز ، قۇرغاق ۋە ھۆللۈكى مۇۋاپىق، تېيىلمايدۇ. 

ھالبۇكى، تىل گېزى ئاق ھەم سىلىق، ھەم نەمخۇش بولسا، بەدەندە ھۆللۈك بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئەگەر تىل گېزى قوپال ياكى قېلىن بولسا، سارغىيىپ كەتسە، بەدەندە ھۆل ئىسسىق بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئەگەر تىل ماددىسى قىزىل بولسا ، بەدەندە مەلۇم دەرىجىدە قىزىش بارلىقىنى ، جىنسىي ئەزانى يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەگەر تىل گېزىدە چىش ئىزى بولسا، بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ كۆپلىكىدىن ، تىلنىڭ  كېڭىيىپ، چىش ئىزىنىڭ ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

4. چىش چوتكىلىغاندا كۆڭلى ئېلىشىش
ئەتىگەندە تۇرۇپ چىش چوتكىلىغاندا، كۆڭلى ئېلىشىش،  بەزى كىشىلەر چىش چوتكىلىسىلا قۇسىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، گېلىدا دائىم نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك، پاكىز بولمىغان سېزىم بولىدۇ، تۈكۈرگەن تەقدىردىمۇ پاكىزلانمايدۇ، بۇ بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ئىپادىسى.

5. سەھەر تۇرغاندىن كېيىن پاچاق تالغاندەك،ئېغىرلاشقاندەك بولۇش
ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا پاچاق ئىششىپ تالغاندەك ، ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىش، شۇنداقلا بۇ بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى. 

كېسەلدىن يىراق تۇرماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ھۆللۈكتىن يىراق تۇرۇڭ! نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس بولغان كېسەللىكلەرنى ھۆللۈك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كېسەللىكلەردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال ھۆللۈكتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

1. قانچە ھۇرۇن بولغانسېرى شۇنچە ھەرىكەت قىلىش كېرەك
ئاز ھەرىكەت قىلىش، يېمەك ـ ئىچمەكنى كونترول قىلماسلىق ۋە بېسىمنىڭ ئېغىر بولۇشى بەدەننى ھۆللۈك قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرىكەت بېسىمنى پەسەيتىپ، بەدەندىكى ئەزالارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھۆللۈكنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىشىنى تېزلىتىدۇ. تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، يوگا، تەيجى قاتارلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرى قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ، سۇ تەركىبىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

2. خام،سوغۇق تاماقنى ئاز يېيىش
ئىچكى ھۆللۈكنىڭ شەكىللىنىشى ئاساسلىقى ئوزۇقلۇقتا، سوغۇق ماددىلارنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن، ھەزىم قىلىش تەسلىشىپ، ھۆللۈككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ ياكى خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ.

ئەلداۋادىن تەكلىپ: ھاراقنى مۇۋاپىق ئازايتىش، كۈچلۈك تەملىك، تاتلىق يېمەكلىك، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك قاتارلىق مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز قوبۇل قىلىش؛ خام، سوغۇق يېمەكلىك، ماروژنا ياكى سوغۇق كېلىدىغان مېۋە-چېۋىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

3. نەم مۇھىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش
كۈندىلىك تۇرمۇشتا پولدا بىۋاسىتە ئۇخلىماسلىق، پولنىڭ نەملىكى ئېغىر بولۇپ، ئاسانلا بەدەنگە سىڭىپ، پۇت ـ قولى تېلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ھۆل، قۇرمىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك، نەم يوتقان يېپىنماسلىق، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن بەدىنىنى تولۇق سۈرتۈپ قۇرۇتۇش، چاچ قۇرۇتۇش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش كېرەك .

4. نومى(  薏米) قىزىل پۇرچىقى بەدەندىكى ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ
نومى گۈرۈچى ، قىزىل پۇرچاق ئومىچى ياخشى مەھسۇلات، ھەم چاي ئورنىدا ئىچكىلى، ھەم تاماق ئورنىدا يېگىلى بولىدۇ. نومى شوۋىگۈرۈچى قايناتقاندا، گۈرۈچ قوشماڭ.

قىزىل پۇرچاق بىلەن يېپىشقاق گۈرۈچتىن(نومى) ئىبارەت بۇ 2 نەرسىنى ھېچقانداق نىسبەتتە ھىسابلىماي، ھەر قېتىمدا ئوخشاشلا بىرسىدىن بىر سىقىمدىن بولسا بولىدۇ، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قازانغا سېلىپ قاينىتىسىز.

5. ئاپېلسىن( 陈皮 ) پوستى، زەنجىۋىل سۈيىنى دەملەپ ئىچىش
ئاپېلسىن پوستى بەلغەمنى يوقىتىدۇ، زەنجىۋىلنىڭ ھۆللۈك تارقىتىش رولى بار، ھەممىسى ھۆللۈكنى يوقىتىدىغان «كىچىك ماھىر» لار!

6. پىچەكگۈل( 山药 ) بىلەن تەكىيە كاۋىسىنى( 冬瓜 ) قاينىتىپ شورپا قىلىش
ھەر كۈنى بىر بۆلەك پىچەكگۈل بىلەن يېرىم جىڭ تەكىيە كاۋىسىنى قوشۇپ قاينىتىپ «تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ھۆللۈكنى يوقىتىش شورپىسى» قىلىپ ئىچىش، پىچەكگۈل تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، تەكىيە كاۋىسى ھۆللۈكنى قايتۇرىدۇ، بۇ ئىككىسىنى ھۆللۈكنى يوقىتىدىغان «ئالتۇن ھەمراھ» دېيىشكە بولىدۇ.

7. زۇسەنلى پەللىسى(足三里 ) ، يىن جىڭ چۈەن پەللىسى (阴陵泉) ۋە سەن يىن جىئاۋ  ( 三阴交 ) پەللىلىرىنى ئۇۋۇلاش
بۇ 3 پەللە ھۆللۈكنى يوقىتىدىغان ناھايىتى ياخشى پەللىلەر ، ھۆللۈك ئېغىر كىشىلەر ئادەتتە كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ.
زۇسەنلى پەللىسى(足三里 ) نىڭ ئورنى _ تىز كۆمۈرچىكىدىن تۆت بارماق پەس ، ئاندىن شۇ ئورۇندىن سىرتقا قارىتىپ ئىككى بارماق كەلگەن ئورۇن ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

يىن جىڭ چۈەن پەللىسى (阴陵泉) نىڭ ئورنى _ تىزنى ئىگىلىپ تۇرغاندا ، تىزنىڭ ئىچكى تەرەپ سەل ئاستىدىكى ئۈگە ئورۇن ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

سەن يىن جىئاۋ  ( 三阴交 ) پەلىسىىنىڭ ئورنى _ پۇت ھوشوقىنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن تۆت بارماق ئۈستىگە كەلگەن  ئورۇن ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

8. ئەمەن( 艾叶 ) بىلەن سۇ قاينىتىپ پۇتنى چىلاش
ھەر كۈنى كەچتە ئەمەن سۇيىگە پۇتنى چىلايمىز. ئەمەن يوپۇرمىقىنىڭ سوغۇقنى تارقىتىش رولى بولغاچقا، پۇتنى چىلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى ھۆللۈكنى يوقىتىپ، بەدەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. پۇتنى  چىلىغاندا ئاز ـ ئازدىن تەر چىقسا بولىدۇ، كۆپ تەرلەپ كەتمىگەن ياخشى، چۈنكى كۆپ تەرلەش مۇسبەتلىككە زىيانلىق. پۇتىڭىزنىڭ ئاستىنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ئۇسۇلى: ئەمەن 50 گىرام. ئەمەن يوپۇرمىقىنى قايناق سۇغا سېلىپ 15 مىنۇت قاينىتىمىز، سۇ تېمپېراتۇرىسى سەل تۆۋەن بولغاندا پۇتنى دورا سۇيۇقلۇقىغا چىلايمىز، ھەر قېتىم 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە، سۇ سوۋۇپ قالسا قايناقسۇ قۇيسىڭىز بولىدۇ.

9. سۇ ئىچكەندە قارىغۇلارچە كۆپ تەلەپ قويماسلىق  
بىر كۈن ئىچىدە، نورمال ئادەملەر 1500 ~ 2500 مىللىلىتىرغىچە سۇ تولۇقلىسا بولىدۇ، ئاساسلىقى ئۆزى ئۇسسىغاندا، كالپۇك قۇرغاندا ئىچسە ياخشى. ئىچكەندە تەلۋىلەرچە ئىچمەسلىك، بەلكى يۇتۇم ـ يۇتۇملاپ ئاستا ئىچىش كېرەك، بولمىسا تال ـ ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپ، سۇ ھۆللۈكىنىڭ توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  



قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章