جىگەرنى ماي قاپلىغانلار تاماق تاللاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك
جىگەرنى ماي قاپلاش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى «دائىملىق مېھمان» بولۇپ، كىلىنىكىدا جىگەرنى ماي قاپلاش ئىسپىرت مەنبەلىك، غەيرىي ئىسپىرت مەنبەلىك دەپ ئايرىلىدۇ، دۆلىتىمىزدە %90 كە يېقىن جىگەرنى ماي قاپلاش ئىسپىرت مەنبەلىك بولمىغان جىگەرنى ماي قاپلاشنى كۆرسىتىدۇ.
يېقىندا خەلقارادىكى داڭلىق ژۇرنال «ھۈجەيرە مېتابولىزمى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاقابىلچان كىراخمال (抗性淀粉) تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، جىگەرنى ماي قاپلاشنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» يېڭى تەتقىقات ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، جىگەرنى ماي قاپلىغان بىمارلارغا بىر كىشىلىك ساغلام تاماق تىزىملىكىنى تۈزۈپ بەھىرلىدى. زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر:
جۇڭشەن داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى ئوزۇقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ شياڭ؛
راكېتا ئارمىيەسى ئالاھىدە تېببىي مەركىزى جىگەر، ئۆت تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جوۋ دىڭخۇا؛
7 خىل يېمەكلىكنى كۆپ يەپ بەرسە، جىگەرنى ماي قاپلاشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ
شاڭخەي 6 - خەلق دوختۇرخانىسىدىكى پىروفېسسور جيا ۋېيپىڭ، لى خۇاتىڭ گېرمانىيە خانسنور تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان بۇ ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەركىبىدە تاقابىلچان كىراخمال مول بولغان يېمەك - ئىچمەك ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ تەركىبىنى ئۆزگەرتىدىكەن ھەمدە جىگەر زەخىملىنىش، ياللۇغلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ترى گلىتسېرىد ۋە جىگەر فېرمېنتىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، جىگەرنى ماي قاپلاشنى يېنىكلىتىدىكەن.
تاقابىلچان كىراخمال بىر خىل تەستە ھەزىم بولىدىغان كىراخمال، لېكىن ئۈچەيدە ئېچىيدۇ، مېتابولىزمغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، دائىم ئۇچرايدىغان تاقابىلچان كىراخماللىق يېمەكلىكلەردىن كۆك بانان، بەرەڭگە، تاتلىقياڭيۇ، گۈرۈچ، كۆممىقوناق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە بۇغداي قاتارلىقلار بار.
بۇ تەتقىقات جىگەرنى ئىسپىرتسىز ماي قاپلاشقا 200 نەپەر قاتناشقۇچى ( 145 ئەر ۋە 55 ئايال ) غا چېتىلىدىغان بولۇپ، 1:1 بويىچە ئىختىيارىي تەقسىم قىلىنغان، كۆممىقوناقتىن كەلگەن تۆت ئايلىق تاقابىلچان كىراخمال ياكى تاقابىلسىز كونترول قىلىنىدىغان كىراخمال قوبۇل قىلىنغان، ئىككىسىنىڭ ئېنېرگىيەسى ئوخشاش بولۇپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم تاماقتىن بۇرۇن 20 گىرام كىراخمال بىلەن 300 مىللىلىتىر سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنغان.
4 ئاي داۋاملاشقان تەجرىبىدىن كېيىن، سېلىشتۇرما گۇرۇپپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تاقابىلچان كىراخمال قاتناشقۇچىلارنىڭ جىگىرىدىكى ترى گلىتسېرىدنىڭ مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكەن، مۇتلەق تۆۋەنلەش نىسبىتى %9.08، نىسپىي تۆۋەنلەش نىسبىتى %39.42 بولغان، يەنە قاتناشقۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، BMI، ماي مىقدارى قاتارلىقلار كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
تاقابىلچان كراخمال گۇرۇپپىسىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالانىن ترانسئامىنازا، ئاسپارتىك كىسلاتا ترانسئامىنازا ۋە γ - گلۇتامىل ترانسپېپتىدازا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، بۇ جىگەرنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تاقابىلچان كىراخمال گۇرۇپپىسى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي خولېستېرىن، ترى گلىتسېرىد، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ياخشىلىنىپ، قاندىكى ماينىڭ نورمالسىزلىقىنى پەسەيتكەن.
جىگەرنى ماي قاپلىغان بىمارلار تاماق تاللاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك
تاماق تاللاش ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ياخشى ئادەت ئەمەس. ئەمما، جىگىرىنى ماي قاپلىغانلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق تاللىغاندىلا، ئاندىن ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ.
ئاساسلىق تاماق تۈرى
ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ھەر كۈنى بولۇپمۇ ئاق مىفەن، ئاق ئۇماچ، ئاق موما، ئاق ئۈگرە، ئاق بولكا قاتارلىق «ئىنچىكە ئىشلەنگەن دانلىق زىرائەتلەر» نىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. يىرىك قارا ئاشلىقنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئانئورگانىك تۇز، ۋىتامىن، يەنە يېمەكلىك تالاسى مول.
گۆش، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر
ئىچكى ئەزالارنى ئاز يېيىش، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن: ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، توخۇ تېرىسى، قوي مېڭىسى قاتارلىقلار، گۆش شورپىسى، توخۇ شورپىسى، بېلىق شورپىسى قاتارلىقلارنى ئاز ئىچىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەكتە ئەڭ ياخشىسى مۇۋاپىق مىقداردىكى ئورۇق گۆش، تۇخۇم ۋە بېلىق، راك ( بۇ ئۈچى كۈنىگە 150 گرام ) نى ئىستېمال قىلىش كېرەك، بۇ ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، لېتسىتىن، ۋىتامىن قاتارلىق مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق بولۇپ، جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
كۆكتات تۈرىدىكىلەر
ھەر كۈنى 500 گىرام كۆكتات قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كۆكتاتنى دائىم يېيىشكە بولىدۇ:
چىڭسەي تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بار بولۇپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە؛
خەيدەي تەركىبىدە مول تائۇرىن بولۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ؛
پەمىدۇرنىڭ جىگەرنى ماي قاپلاشتا ياخشى ساقلىقنى ساقلاش رولى بار، ئۇنى سوغۇق ئىلەشتۈرۈپ، قورۇما قورۇشقا ياكى پىششىقلاپ پەمىدۇر قىيامى قىلىشقا بولىدۇ؛
پىياز باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە قاندىكى ماينى تەڭشەيدۇ؛
سامساق قاندىكى خولېستېرىننى ئازايتىپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ.
مېۋە - چېۋە تۈرىدىكى
ھەر كۈنى 200 ~ 350 گىرام مېۋە ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاپېلسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن بولۇپ، ياغ مېتابولىزمىغا ياردەم بېرىپ، جىگەرنىڭ مېتابولىزم زەھەر قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، جىگىرىنى ماي قاپلىغانلار دائىم يەپ بەرسە بولىدۇ. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ۋە قەنت مىقدارى يۇقىرى مېۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش كېرەك، مەسىلەن: دۇريان دەرىخى، شېكەر قومۇشى، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار.
ئىچىملىك تۈرىدىكىلەر
پۇرچاق سۈتى قاتارلىق پۇرچاق ياسالمىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ كالا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي ماددىسى كۆپرەك بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىن بىرىكتۈرگۈچى فېرمېنتنىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلايدۇ، جىگىرىنى ماي قاپلىغان بىمارلارغا تۆۋەن مايلىق سۈت ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئىچىملىك ۋە ھەر خىل تاتلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى قەنت ناھايىتى ئاسانلا جىگەردە ياغقا ئايلىنىدۇ، ھاراقنىمۇ ئىچمەسلىك كېرەك.
مايلار
مايدا پىشۇرۇلغان ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك. كالا مېيى، قوي مېيى، قايماق قاتارلىقلارنى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى مىقدارى يۇقىرى بولغانلىرىنى ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىك، ھەر كۈنى 20 ~ 25 گىرام ئۆسۈملۈك مېيى قوبۇل قىلىش كېرەك.
يېمەك - ئىچمەكنى كونترول قىلىش
جىگەرنى يېنىك دەرىجىدە ماي قاپلاشنى ئادەتتە دورا بىلەن داۋالاش ھاجەتسىز، لېكىن دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، پەقەت يېمەك - ئىچمەكنى كونترول قىلىش ئارقىلىقلا داۋالىغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە جىگەرنى ماي قاپلىغان بىمارلار يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى 3 نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. ھاراق تاشلاش
جىگەرنى ماي قاپلىغان بىمارلار ھاراق ئىچسە بولمايدۇ. چۈنكى جىگەر زەخىمگە ئۇچرىسا، ئىسپىرت تولۇق پارچىلانمايدۇ، بەدەندە ئۇزاق مەزگىل ساقلانسا، جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، يەنە جىگەرنىڭ ياغنى پارچىلاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
2. ھەرىكەتكە دىققەت قىلىش
قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ مۇھىم داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇق ياغنىڭ خورىشىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
3. كەيپىياتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش
جۇڭگو تېبابىتىدە جىگەر ئىچ سۈرۈشنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ياخشى كەيپىيات جىگەردىكى قان ۋە قۇۋۋەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. جىگىرىنى ماي قاپلىغانلار تېزدىن داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن، ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، جىگەردە يەل تۇرۇپ قېلىپ، ئىككىنچى قېتىم زەخىملىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
نۆۋەتتە جىگەرنى ماي قاپلاشنى داۋالايدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يوق، ئەگەر نوقۇل جىگەرنى ماي قاپلاش بولسا، سېمىزلىك، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىك سەۋەبلىرىنى ۋاقتىدا يوقاتقاندا، جىگەردە يىغىلىپ قالغان ماي تەدرىجىي ئازىيىدۇ، ھەتتا پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ.
ئەگەر ياغ مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى پەيدا بولغان بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا بىلەن داۋالىغاندا، جىگەردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر جىگەر قېتىشقا تەرەققىي قىلسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، بىمار ئۇزاق مۇددەت داۋالىنىشى، جىگەر كېسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئاستىلىتىشى، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئازايتىشى كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55