ئاياللاركېسىلىنىڭ ئېغىزدىكى 4 خىل ئىپادىسى
ئاياللار كېسىلى ئاياللار ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ئاجىز بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان كۈندىلىك تۇرمۇشتا پەرۋىشكە سەللا ئەھمىيەت بەرمىسە، ھەر خىل ياللۇغ ياكى كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەللىكلەر ياكى ياللۇغلارنىڭ بىر قىسمى روشەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاياللار كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بىر جاينى كۆزىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ جاي دەل ئاياللارنىڭ ئېغىزى. تۆۋەندە بىز ئېغىز ئارقىلىق ئاياللار كېسىلىنى قانداق بايقايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى، ئادەتتە بۇ 4 خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
1. كالپۇكى قارىداپ كەتسە بەدەندە قان ئۇيۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
نورمال ئەھۋالدا، ئادەمنىڭ كالپۇكى ئىنتايىن قىزىل بولۇپ، كالپۇكى قارا بولۇش مەسىلىسى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئاياللار ئۆزىنىڭ كالپۇكىنىڭ قارىداپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى بۇنى بالىياتقۇدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىياتقۇدىكى قاننىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، ئاياللار كېسىلىنىڭ ئىزدەپ كېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
2. ئېغىز ئۈستىدە بۇرۇت بولۇش ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئاغزىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن بۇرۇت چىقىدۇ، بەزىلىرى قويۇق ھەم زىچ ئۆسكەن بولۇپ، نۇرغۇن ئاياللار بۇنىڭدىن بەكلا بىئارام بولىدۇ. ئەگەر بۇرۇت كۆپ چىقىپ كەتسە، بەلكىم بۇ، بەدەندە ئاجرىلىپ چىققان ئەرلىك ھورموننىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشى، ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاز بولۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. تۇرمۇشتا پۇرچاق ياسالمىلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇرۇتمۇ ئاستا ـ ئاستا ئازلىشى مۇمكىن.
3. ئاغزىنىڭ ئەتراپى سارغىيىپ كەتسە ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش بولۇشى مۇمكىن.
ئادەتتە ساغلام كىشىلەرنىڭ ئېغىز ئەتراپىدىكى تېرىسى يۈز تېرىسىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ئەگەر سىز ئېغىزىڭىزنىڭ ئەتراپىدا روشەن سارغىيىش مەسىلىسى بارلىقىنى بايقىسىڭىز، مەشغۇلات قانۇنىيىتىگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب بەلكىم ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا نورمال ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن باشقا مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
4. ئېغىز قۇرۇپ يېرىلىش ئېغىر بولسا، بەلكىم بەدەن مېتابولىزمىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن.
نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كالپۇكى يېرىلىش مەسىلىسى كۆرۈلگەندە، ئاددىيلا ھالدا سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدۇ، ئەمما ئېغىزنىڭ يېرىلىشى بەك ئېغىر بولسا، بەدەندە ئېغىر دەرىجىدە سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن مېتابولىزم ئىقتىدارى ئاستىلاپ كېتىشى مۇمكىن، ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى ئاستىلاپ كەتكەندىن كېيىن ئاسانلا قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېغىز قۇرۇپ يېرىلىش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئادەتتە چوقۇم كۆپرەك ئىلمان سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ماددا ئالمىشىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئېغىز قۇرۇپ يېرىلىش مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
ئېغىز گەرچە بەدەننىڭ ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ، ئەمما ئېغىز ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر بىرەر نورمالسىزلىق بايقالسا، ۋاقتىدا پەرۋىش قىلىش ۋە ياخشىلاش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا سىزنى ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئەگەر يۇقارقى 4 خىل ھادىسە كۆرۈلمىگەن بولسا، بۇ سىزنىڭ بەدەن ھالىتىڭىزنىڭ خېلى يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55