ئاياللاردا ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنىڭ 7 ئالامىتى
1. تېرە ناچارلىشىش.
تېرىدە تۇيۇقسىز سېرىق داغ كۆپىيىپ، چىرايى خۈنۈكلىشىپ، قانچە گىرىم قىلسىمۇ چىرايى ئېچىلمىغاندەك ھېس قىلسا، بۇ تېرىدىكى مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىدىن بولىدۇ.
2. ئاسان ئاچچىقلىنىش.
ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ، كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ، بۇ ئىچكى ئاجراتمىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىدىن بولىدۇ.
3. ئاياللار كېسىلى.
ئاياللار كېسىلى كۆپلىگەن ئايالدا كۆرۈلىدۇ. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشتىن پەيدا بولىدۇ.
4. تۇيۇقسىز سەمرىپ كېتىش.
بەزى ئاياللار يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلسىمۇ، ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ، بۇمۇ ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنىڭ ئالامىتىدۇر.
5. تۇغماسلىق.
ئاياللار ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش سەۋەبلىك تۇغماس بولۇپ قالىدۇ.
6. كۆكسى ئاغرىش.
ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش ئاياللارنىڭ كۆكسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
7. چاچنىڭ تۇيۇقسىز ئاقىرىپ كېتىش.
ئىچكى ئاجراتمىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55