بۇ 4 ئىشقا دىققەت قىلمىسا جىنسىي ئەزا ياللۇغى قايتا قوزغىلىدۇ

文摘   2024-12-11 18:30   新疆  




بۇ 4 ئىشقا دىققەت قىلمىسا جىنسىي ئەزا ياللۇغى قايتا قوزغىلىدۇ


ھازىر نۇرغۇن ئاياللار زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى قىچىشتۇرۇپ بىئارام قىلىدۇ، نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى قايتىلىما خاراكتېرلىك بولۇپ، قايتا ـ قايتا تەكرارلىنىپ ياخشى بولمايدۇ. زادى قانداق قىلغاندا زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بىز بىرلىكتە بۇنى چۈشىنىپ باقايلى.

زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى دائىم قايتا ـ قايتا كۆرۈلسە ياخشىلىنىش بولمايدۇ؟ پەقەت سىز بۇ 4 ئىشنى ياخشى قىلمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن!
1. جىنسىي يولنى زىيادە تازىلاشتىن ۋاز كېچىش كېرەك
 بەزى ئاياللار جىنسىي يولنى پاكىز تازىلاپ، ھەر كۈنى كەچتە ئاياللار كېسەللىكلىرى سۇيۇقلۇقى بىلەن تازىلاش لازىم،- دەپ قارايدۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن يەنە زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىشتىن جىنسىي يولدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بىز ئادەتتە جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جىنسىي يول ياللۇغىنى قايتا ـ قايتا قىينىماسلىقىمىز، جىنسىي يولنى بەك پاكىز تازىلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئاياللار يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى چوقۇم ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، دائىم ئىشلەتمەسلىك كېرەك، ئادەتتە جىنسىي يولنى پاكىز تازلىماقچى بولغاندا، پاكىز سۇدا يۇيسىلا بولىدۇ.

2. ئانتىبىئوتىك ھەممىگە قادىر ئەمەس.
گەرچە ئانتىبىئوتىك بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلسىمۇ، لېكىن بىز دائىم ئانتىبىئوتىكلارغا تايىنىۋالساق بولمايدۇ. زۇكام بولغاندا، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى يەيدۇ، قورسىقى ئاغرىسا ئانتىبىئوتىك دورىلارنى يەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىدۇ. ئەگەر ئاياللار ئادەتتە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى كۆپ يېسە، ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ياللۇغىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، باكتېرىيە توپىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.  بىلىپ- بىلمەي ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان يېمەسلىك، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش كېرەك.

3. ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىغا دۇچ كەلگەندە، ئاياللار چوقۇم ھورۇنلۇق قىلماسلىقى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا جىنسىي يولنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن جىنسىي يولغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىر قانچە ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك، مەسىلەن: تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق، ھەر قېتىم چوڭ تەرەت قىلغاندا كەينىدىن سۈرتۈش، ئىچ كىيىملەرنى پاكىز يۇيماسلىق، ئىچ كىيىملەردە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەسلىك قاتارلىقلار ، بۇ يامان ئادەتلەر باكتېرىيە خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


4. ئەر ئايال ئىككى تەرەپ بىرگە داۋالىنىشى كېرەك
نۇرغۇن ئاياللار زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقان بولسىمۇ، لېكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ـ قايتا قوزغىلىپ ياخشى بولمايدۇ، بۇ زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى يۇقۇملۇق، ئاياللار جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى ئەرلەرگە يۇقتۇرۇپ قويىدۇ، لېكىن ئەرلەر زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا، تاشقى كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، ئەرلەر ھېس قىلالمايدۇ. ئاياللار ئەگەر داۋالانغاندىن كېيىن ياخشىلىنىپ كەتسە، ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى ئاياللارغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ، شۇڭا ئاياللار زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى قايتا ـ قايتا پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ قايتا ـ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەر ـ ئاياللار بىرلىكتە دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانسا بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ساقايتقىلى بولىدۇ.

ئاياللار زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا، ناھايىتى بىئارام بولىدۇ، نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىلمىي ئۇسۇلدا داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش كېرەك، شۇندىلا زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى بىلەن خوشلاشقىلى بولىدۇ .

قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55



亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章