قاندىكى ماينىڭ قان بېسىم بىمارلىرىغا بولغان ئەجەللىك زىيىنى

文摘   2024-12-12 18:00   新疆  





قاندىكى ماينىڭ قان بېسىم بىمارلىرىغا بولغان ئەجەللىك زىيىنى


ھەممىسى يۇقىرى قان بېسىم ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى دېيىشىدۇ، بىراق يۇقىرى قان بېسىم ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى قانداق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ئۇ بولسىمۇ يۇقىرى قان بېسىمغا قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش ( خولېستېرىن قوشۇلۇپ كېتىش )قوشۇلۇپ كېتىشتۇر.
قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئەگەر قان تومۇر ئىچكى دىۋارى ياخشى بولسا، بىر مەزگىللىك قاندىكى ماي ( خولېستېرىن ) نىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن، قېرىشقاندەك، يۇقىرى قان بېسىمى يۇقىرى خولېستېرىننى بىرلەشتۈرۈپ قويىدۇ.

ئۆرلەپ كەتكەن قان بېسىمى قان تومۇر دىۋارىنىڭ بېسىمىغا قارىتا چايقاش ئېلىپ بېرىپ، قان تومۇر ئىچكى پوستىنىڭ مۇكەممەللىكىنى زەخىملەندۈرىدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. كونىلارنىڭ « چىۋىن تۇخۇمنى چاقالمايدۇ» دەيدىغان گېپى بار. تۇخۇمنىڭ يوچۇقى بولسا، ئاسانلا چىۋىن كىرىۋالىدۇ. قان تومۇرنىڭ ئىچكى پوستى مۇكەممەل بولمىسا، خولېستېرىننىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ .

خولېستېرىن قان تومۇر ئىچكى پەردىسىنىڭ ئاستىغا كىرەلەيدۇ. قان تومۇرلار زەخىملەنسە ياللۇغلىنىدۇ، ياللۇغ خولېستېرىنغا ئەگىشىپ كىرىدۇ، يەنە ياللۇغ خاراكتېرلىك ھۈجەيرە ( يەككە يادرولۇق ھۈجەيرە ) ئۇنىڭغا ئەگىشىپ خولېستېرىن ( زور يۇتقۇچى ھۈجەيرە ) نى يۇتۇپ كىرىدۇ، لېكىن خولېستېرىننى يۇتۇپ بولغاندىن كېيىن كۆپۈك ھۈجەيرىگە ئايلىنىپ، ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قان تومۇر ئىچكى پەردىسى ئاستىغا يىغىلىپ قالغان خولېستېرىن، نېكروزلىنىپ ھۈجەيرىلەر قېتىپ داغ پارچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئەگەر بىماردا يەنە يۇقىرى قان قەنتى، يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى بولسا، قان تومۇر دىۋارى تېخىمۇ ئاسان زەخىملىنىدۇ؛ ئەگەر قاندىكى خولېستېرىن يۇقىرىلاپ كەتسە، داغ پارچىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. 

 شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمغا يەنە يۇقىرى خولېستېرىن قوشۇلۇپ كەلسە، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بىلەن قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش ( يۇقىرى خولېستېرىن ) نىڭ مۇناسىۋىتى دەل بۆرە بىلەن سارتالنىڭ مۇناسىۋىتى، يۇقىرى قان بېسىمى بىلەن قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش بۆرە بىلەن سارتالنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشى.

شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا چوقۇم قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك، نورمال ھالەتكە چۈشۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى كېرەك.

قايسى خىل يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشى كېرەك؟
ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بارلار ، مەسىلەن: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، مېڭە تىقىلمىسى ياكى سىرتقى ئەتراپ ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار، ئىنتايىن خەتەرلىك بىمارلارغا تەۋە، چوقۇم تۆۋەنلىتىش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىننى1.8mmol/Lدىن تۆۋەن چۈشۈرۈش كېرەك.

نىشان ئەزالارنى زىيانغا ئۇچراتقان يۇقىرى قان بېسىم، مەسىلەن: ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش ياكى بۆرەك زەخىملىنىش ( سوزۇلما بۆرەك كېسىلى )، ياكى يۈرەك مۇسكۇلى قېلىنلاپ كېتىش قاتارلىقلار خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ قالسىمۇ، يەنىلا تۆۋەنلىتىش كېرەك، ئاز دېگەندە 2.6mmol/L ىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، بەزى ئەھۋاللاردا يەنە 1.8mmol/L دىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كېرەك.

ئەگەر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بولمىسا، نىشان ئەزا زەخىملىنىش بولمىسا، ئۇنداقتا بىر خىل ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ماددا ئالماشتۇرۇش خاراكتېرلىك خەتەرلىك ئامىللارنىمۇ بىرلەشتۈرۈش كېرەك، مەسىلەن:قاندىكى ماي مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى، ياكى قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇش دېگەندەك.

ئەگەر يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى بولمىسا، بىر ئاز ئاۋارىچىلىق بولىدۇ، كەلگۈسىدە يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىنى قان بېسىمىغا ، ھەر خىل خەتەرلىك ئامىللارغا ئاساسەن باھالاپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. خەتىرى يۇقىرى بولغان يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرى ، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىننى 2.6mmol/L دىن تۆۋەنلىتىش كېرەك.

قايسىلىرى خەتەرلىك؟
ئالدى بىلەن، 3ـ دەرىجىلىك يۇقىرى قان بېسىم ( قان بېسىم نىسبىتى ≥180/110mmHg) بولسا خەتەرلىك بولىدۇ.
ئىككىنچى، باشقا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى، ئەگەر قاندىكى ماي تەركىبىدىكى ئومۇمىي خولېستېرىن ≥4.1mmol/L،  ياكى تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىننىڭ مىقدارى ≥2.6mmol/L بولسا،  ئۇنداقتا يەنە 2 خەتەرلىك ئامىلمۇ خەتەرلىك. قايسى ئىككىسى؟ بۇ ئۈچ ماددىنىڭ ئىككىسى: تاماكا چېكىش، يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن ( <1.0mmol/L ) تۆۋەن بولۇشى ياكى ئەرلەر 45 ياشتىن چوڭ ياكى تەڭ ، ئاياللار 55 ياشتىن چوڭ ياكى تەڭ بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەرگە يەتمىگەن بولسا، پەقەت بىرلا خەتەر ئامىلى بولسا، ئوتتۇراھال خەۋپ ھېسابلىنىدۇ.

لېكىن، بۇ ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەتەر تېخى ئاخىرقى نەتىجە ھېسابلانمايدۇ . خەۋپ ـ خەتەر ئىچىدە ياش، ئوتتۇرا ياش ( 55 ياشتىن تۆۋەن ) لەرگە قارىتا، يەنە قان بېسىم سەۋىيەسى ۋە خەتەرلىك ئامىللارغا قاراپ ، قالغان ئۆمرىدىكى يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ خەۋپ ـ خەتىرىنى باھالاپ بېقىش كېرەك.

خەتەرلىك ئامىلدىن 4 بولسا
1- يۇقىرى زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلى خولېستېرىن يۇقىرى ( ≥5.2mmol/L بولۇش).
2-يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن تۆۋەن ( 1.0mmol/L ) بولۇش.
3. بەدەن سۈپىتى ( بەدەن ئېغىرلىقى ) كۆرسەتكۈچى ≥28kg/m2 .
4- تاماكا چېكىش
2ـ دەرىجىلىك يۇقىرى قان بېسىم ( قان بېسىمى 160~179/100~109mmHg ) بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بىر ئامىل بولسىمۇ خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ؛ بىرىنچى دەرىجىلىك يۇقىرى قان بېسىمغا نىسبەتەن ئىككى ئامىل يۇقۇرى خەتەر ھېسابلىنىدۇ.

 ئەمەلىيەتتە، مۇشۇنداق ھېسابلاپ كەلسەك، پەقەت نوقۇل بىرىنچى دەرىجىلىك يۇقىرى قان بېسىمى ( قان بېسىمى140~150/90~99mmHg  ) بولىدۇ. ھېچقانداق خەتەرلىك ئامىلى بولمىغان كىشىلەر ياكى بىر خىل خەتەرلىك ئامىل بولسىمۇ، لېكىن قاندىكى ماي ( خولېستېرىن ) نىڭ سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغان ( ئومۇمىي خولېستېرىن<4.1mmol/L ، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن <2.6mmol/L ) ئادەملەر،  تۆۋەن خەتەر ئىچىدە ھېسابلىنىدۇ؛ ئەگەر قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا خەتەرگە يولۇققان ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇراھال خەتەرلىك يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىننى3.4mmol/L دىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىش كېرەك.

شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ ئىچىدە قاندىكى ماينى مانچىلىك بولغاندا تۆۋەنلىتىش دېگەن  گەپ يوق. قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە دورا ئىچىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

قاچاندىن باشلاپ دورا يىسە بولىدۇ؟
تۆۋەن ئوتتۇراھال ۋە خەتەرلىك بىمارلارنىڭ، ئەگەر قاندىكى ماي مىقدارى ئۆلچەمگە يەتمىسە، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى 6 ئاي ياخشىلاپ كۆرۈپ بېقىشى كېرەك.

يەنىلا ئۆلچەمگە يەتمىسە ئاندىن دورا ئىشلەتسە بولىدۇ. خەتەرلىك بىمارلار، باھالاپ بولغاندىن كېيىن دورا ئىشلىتىش كېرەك.

( يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دائىم ئىشلىتىدىغان ماي ( خولېستېرىن ) تۆۋەنلىتىش دورىلىرى بىلەن بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.)

قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章