ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺕ ﭼﯩﻼﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﭘﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﭘﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ، 60 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﻪﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺭﯦﻔﻠﯧﻜﺴﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯘﺕ ﭼﯩﻼﺷﻨﯩﯔ ﮪﻪﻳﺰﻧﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.
ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﭼﯩﻼﺷﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﭼﯩﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻭﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 21:00 (ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ) ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﭼﯩﻼﺷﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻧﯧﺮﯞﯨﻼﺭ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﭼﯩﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺭﺍﮪﻪﺕ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﭘﯘﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻜﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﭘﯘﺗﻨﻰ ﭼﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﭘﯘﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﯞﯗﻻﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻣﯘ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯘﺗﻨﻰ ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﭘﯘﺕ ﭼﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55