خانىم قىزلارنىڭ بۆرىكىنى كاردىن چىقىرىدىغان 7 ئادەت
بۆرەك يالغۇز ئەرلەر ئۈچۈنلا ناھايىتى مۇھىم ئەزا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئەزادۇر. ئەرلەردە بۆرەك زەئىپلىكى كۆرۈلگەندەك ئوخشاشلا ئاياللاردىمۇ بۆرەك زەئىپلىكى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتىمۇ ئېغىر بولىدۇ. مەسىلەن، تېز قېرىپ كېتىش، ئەمچەك ساڭگىلاش، چاچ چۈشۈش، جىنسىي ھەۋىسى سۇسلاپ كېتىش قاتارلىقلار. ئەگەر ھامىلىدار بولسا بۆرەك زەئىپلىكى تۇغۇلماقچى بولغان پەرزەنتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى سىزگە بۆرەكنى تۈگەشتۈرىدىغان 7 ناچار ئادەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.
1. سۇ ئىچمەسلىك
كۆپىنچە خانىم-قىزلار پات-پات ئوبۇرنى (ھاجەتخانا، خالا) غا چىقىشتىن ئېرىنىپ، سۇ (قايناقسۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نى كۆپ ئىچىپ كەتمەيدۇ. بۆرەك ئورگانىزملاردىكى سۇ ۋە ئېلېكتىرولىتلار تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ، ئايلىنىش (مېتابولىزم) ئارقىلىق ھاسىل بولغان كېرەكسىز ھاسىلاتلارنى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىشقا مەسئۇل بولۇپ، بۆرەكنىڭ بۇ خىل فۇنكسىيەسى نورمال جارى بولۇشى ئۈچۈن جەزمەن يېتەرلىك سۇيۇقلۇق ياردىمى بولۇشى كېرەك. شۇڭا، خانىم-قىزلار يۇقىرىقىدەك ئېرىنچەكلىكنى تاشلاپ، كۆپ سۇ ئىچىپ بېرىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. كۆپ سۇ ئىچىش بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاپ، تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تۇز ئىستېمالى كۆپ بولۇپ كەتكەندە سۈيدۈكنى سۇيۇلدۇرۇپ، بۆرەكنى ئاسرايدۇ.
2. سۇغا قارىغاندا تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش
ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى قەھۋە ماددىسى قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان بولۇپ، ئۆرلىگەن قان بېسىمى بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئىمكانقەدەر ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك. كۈنىگە چوڭ ئىستاكاندا 8 ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرگەندە، بەدەندىكى زەھەرنىڭ دەل ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىشىغا پايدىلىق.
3. تۇزلۇق تاماقلىنىش
تۇز بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدىغان ئەڭ مۇھىم جاۋابكار بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدىكى تۇزنىڭ %95 ى بۆرەك ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. غىزالار بەك تۇزلۇق بولۇپ كەتسە، ئورگانىزم قوبۇل قىلىدىغان تۇز مىقدارى ئارتىپ كېتىپ، بۆرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ-دە، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تۇزنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ئەلداۋا ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى بويىچە، كۈنىگە ئىستېمال قىلىنىدىغان تۇز مىقدارى 6 گىرام ئىچىدە كونترول قىلىنىشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ھازىر بازارالاردا سېتىلىۋاتقان قولايلىق چۆپلەرنىڭ تەركىبىدە تۇز ناھايىتى كۆپ، ئەڭ ياخشىسى بۇ چۆپلەرنى ئاز ئىستېمال قىلغۇلۇق.
4. پىۋا ئىچىش
ئاللىقاچان بۆرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان تۇرۇقلۇقمۇ دائىم پىۋا ئىچكەندە، سۈيدۈك كىسلاتاسى يىغىلىپ چۆكۈپ، بۆرەك ئۇششاق نەيچە-كاناللىرىنىڭ توسۇلۇشىنى پەيدا قىلىپ، بۆرەكنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان تەكشۈرۈتكەندە بۆرەكتە مەسىلە بارلىقى مەلۇم بولسا، بەلكىم بۇ چاغدا بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشى ئاللىقاچان يەڭگىل دەرىجىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا، بۆرەكتە مەسىلە بار بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغانلار قەرەللىك سۈيدۈك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. سۈيدۈك تەكشۈرۈش بۆرەكتىكى ئەھۋالنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ئەپچىل ئۇسۇلى.
5. گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىش
گۆشنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بۆرەك ئوڭاي زەخىملىنىدۇ. ئامېرىكا ئوزۇقشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە بولغاندا، ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام بولغان ئادەم كۈندىلىك گۆش ئىستېمال ئەڭ يۇقىرى چېكىنى 300 گىرام ئەتراپىدا تېزگىنلىگىنى ئەۋزەل. ئەگەر بۆرەك ياللۇغى بار كىشىلەر بولسا، گۆش ئىستېمال مىقدارىنى يەنىمۇ ئازلىتىشى لازىم.
6. سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلماسلىق
سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يەپ بەرسە ساغلاملىققا پايدىلىق. بۇ ھەممە ئادەملەر بىلىدىغان قاراش. ئەمما، سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى بىمارلىرى ئۈچۈن، تەركىبىدە كالىي كۆپ بولغان سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا، بۆرەك ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل كىشىلەر بەك قويۇق بولغان مېۋە شەربىتى ياكى سەي-كۆكتات قىياملىرىنى، سەي شورپىلىرىنى ، داشقايناق شورپىسى (火锅汤) نى ئىچىشتىن ساقلىنىشى، غىزالىنىشتا سۇيۇق-سەلەڭ، مايسىز، لەتىف غىزالارنى ئاساس قىلىشى كېرەك.
7. قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلىش
بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا كىشى «دوختۇر» بولۇپ كەتتى. خېلى كۆپ كىشىلەر ئۆزىدىكى بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا ئۆزلىرى دىياگنوز قويۇشۇپ، ئىشىك ئالدىدىكى دورىخانىلاردىن دورا ئېلىپ يېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خېلى كۆپ ساندىكى دورىلار ۋە بەزى باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىدە بۆرەكنى زەھەرلىگۈچى تەركىبلەر بولۇپ، قالايمىقان ئىستېمال قىلىنغاندا بۆرەكنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇستاتلىق قىلماي، دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55