بەك ئاچلىق ياكى بەك تويۇنۇش ئۇيقۇنىڭ دۈشمىنى
ئەگەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساق ئېچىپ كەتسە، سىز، ئازراق بىر نەرسە يېيىشنى تاللامسىز ياكى ئىشتىھايىڭىزغا ھاي بېرىپ ئۇخلامسىز؟
بىر نەرسە يېگەندە ئۇيقۇغا تەسىر يېتىشتىن قورقۇپ، يېمىسە قورسىقى ئېچىپ ئۇخلىيالماي قېلىشىدىن تېخىمۇ قورقۇپ، يەيمۇ، يېمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالامسىز؟
ئەمەلىيەتتە، بەك ئاچ قېلىش، بەك تويۇنۇش ئۇيقۇ ۋە تەن ساغلاملىقىغا پايدىسىز.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساق ئاچسا يېيىشكە بولامدۇ، قانداق يېيىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.
زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر:
شاڭخەي قاتناش داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى رېنجى دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى تاڭ موليەن؛
ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساق بەك ئېچىپ كەتسە ياكى بەك تويۇنۇپ چىڭقىلىپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كېچىلىك تاماق يېيىش ۋە ئاچ قورساق ئۇخلاشنىڭ ھەممىسى سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. لېكىن كونكرېت قايسىسىنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ مىقداردا ماي تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يەپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا سېمىزلىك، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.
ئاچ قورساق ئۇخلاش
ئاچ قورساق ئۇخلاش ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا يېرىم كېچىدە ئاچلىقتىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە كۈندۈزدىكى ئۆگىنىش، خىزمەت ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قورساق يۈرگەندە يەنە ئاشقازان ـ ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قان شېكىرى بەك تۆۋەن بولغاچقا، ئۇخلاپ قالسىمۇ چوڭقۇر ئۇيقۇغا كىرىشمۇ تەس.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى كۈنى كەچتە قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەچكە، ئويغانغاندىن كېيىنكى ئاچلىق تۇيغۇسى دەرھال كۆپ مىقداردا يېمەكلىك يېيىشگە تۈرتكە بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن دائىم قورساق ئاچقاندەك ھېس قىلىدۇ؟
ئىككى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى «ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاچ قېلىش» نىڭ سەۋەبىنى تېپىش. كەچلىك تاماقنى بەك بالدۇر يېيىش ياكى كەچتە بەك كەچ ئۇخلاشتىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىل كەچتە ئاسانلا قورساق ئېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1. كەچلىك تاماق سۈپىتى تۆۋەن بولۇش
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاچ قالىدۇ، چۈنكى كەچلىك تاماق يېمەيدۇ ياكى كەچلىك تاماقنى بەك ئاز يەيدۇ، تاماق سۈپىتىمۇ يۇقىرى ئەمەس. «كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىش»، بۇ يېمەكلىك تۈرىنىڭ ئاز بولۇشى ياكى قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى قوبۇل قىلىنىدىغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
2. ئاچلىق ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىش
تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە بىر قىسىم خىمىيەلىك ماددىلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئىشتىھانى تەڭشەيدۇ، «ئاچلىق ھورمۇنى» دەل شۇلارنىڭ بىرى. بىز ھەر قېتىم ساماۋەر شورپىسى، كاۋاپ، تاتلىق يېمەكلىك قاتارلىق كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆرگىنىمىزدە، بەدەندىكى ئاچلىق ھورمۇنىنىڭ قويۇقلۇقى ئۆرلەپ، چوڭ مېڭە بەدەننىڭ يېمەكلىككە «قول سېلىشى» غا قوماندانلىق قىلىدۇ.
ئۇ يەنە سىزنى يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى كاربونلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئالاھىدە تەشنا قىلىدۇ ھەمدە كەچتە تېخىمۇ كۆپ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.
3. كېچىدە تاماق يېيىش كېسىلى
«كېچىدە تاماق يېيىش كېسىلى» تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، دائىم تۈنەيدىغانلار، كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغانلار ھەمدە ئۈچ ۋاق تامىقى تەرتىپسىز كىشىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كېچىدە تەكرار زىيادە تاماق يېيىش، ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن تاماق يېيىش.
بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى: ئەتىگەندە بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەسلىك، كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى بۇ مەزگىلدە كۈچلۈك غىزالىنىش ئىستىكى بولۇش، داۋاملىق ئۇيقۇسىزلىق، كەچتە كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، ھەتتا كەيپىياتى ناچارلىشىش قاتارلىقلار.
ئامال بار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساق ئاچماسلىق ھالىتىنى ساقلاش كېرەك، ئەگەر ھەقىقەتەن قىلالمىسا، ئىلمىي ئۇسۇلدا «تاماق قوشۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق زىياننى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساق ئاچماسلىق ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدىن قول سېلىپ ياخشىلاش كېرەك.
كەچلىك تاماق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش
قارا ئاشلىقنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، ئادەمدە «تويۇنۇپ بولدى» دېگەن سىگنالنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئاساسىي يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق، ئۇنىڭ تويۇش تۇيغۇسىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئۇزاققىچە قورساق ئاچمايدۇ.
گۆش، تۇخۇم قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرگەندە، كەچلىك تاماقتا ئوزۇقلۇق تېخىمۇ تولۇق بولۇپلا قالماي، يەنە قان شېكىرىنى كونترول قىلىپ، ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ. پىشۇرۇش ئۇسۇلى چوقۇم ماي تەركىبى تۆۋەن بولۇشى كېرەك، دۈملەپ پىشۇرۇلغان توخۇ، دۈملەپ پىشۇرۇلغان بېلىق، جياڭيۇغا چىلانغان كالا گۆشى، راك قاتارلىقلارنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.
كۆكتاتنى كۆپ يېگەندە ھەم ئىسسىقلىق مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى، ھەم ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، يەنە تويۇش تۇيغۇسىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، لېكىن مايدا پىشۇرماسلىق كېرەك، سوغۇق ئىلەشتۈرۈپ يېسە بولىدۇ.
كەچلىك تاماق ۋاقتىنى تەڭشەش
كەچلىك تاماقنى بەك بالدۇر، بەك كەچ يېمەسلىك كېرەك، كەچلىك تاماقنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋاقتى ئۇخلاش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاز دېگەندە ئۈچ سائەت بولۇشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئاشقازاندا يېمەكلىك قالدۇقى كۆپ بولمىغاچقا، كېچىدىكى ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ. ئەگەر كەچ سائەت 10 دا ئارام ئالسا، كەچلىك تاماقنى كەچ سائەت 6 ~ 7 گىچە بېكىتىش كېرەك.
كەچتە «تاماق»نى قانداق يېسە بولىدۇ
ئەگەر كەچتە كەچ ئۇخلىسا، ئاچلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا كەچ سائەت 9 دىن 10 غىچە بولغان ئارىلىقتا كېچىلىك تاماق يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، تۆۋەندىكى بەش خىل يېمەكلىكنى تاللىساق بولىدۇ.
سۈت مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن: ئىسسىق سۈت ياكى ئىسسىق ئۆي تېمپېراتۇرىسىدىكى قېتىق قاتارلىقلار بەلگىلىك دەرىجىدە تويۇش تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۇماچ تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن، تېرىق، سۇلۇ، گۈلسامساق قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرى قوشۇلغان قارا ئاشلىق ئۇمىچى ھەم تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ، ھەم ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرىدۇ؛
ئىسسىق سۇيۇقئاش، مونەك شورپا قاتارلىقلارغا چۆپ ۋە مونەكنى ئازراق سېلىپ، تۇخۇم ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى قوشقاندا ئاسان ھەزىم بولىدۇ، يەنە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ؛
ئىسسىق پۇرچاق سۈتى تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك ئەھۋالدا ناھايىتى ياخشى تويۇش تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، ئاچلىقنى ۋاقتىدا پەسەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېنېرگىيەنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ؛ مېۋە ياكى قۇرۇق مېۋە، مەسىلەن، شاڭجاۋ، ئالما، چىلان، لۇڭيەن قاتارلىقلار، لېكىن بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك.
كەچتە ئامال بار يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى تۇزلۇق، يۇقىرى مايلىق ۋە غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئاسان گاز ھاسىل قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ، ساماۋەر شورپىسى، كاۋاپ، ئاچچىق - چۈچۈك شورپىلاردىن ۋاز كېچىڭ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55