دىققەت! جۇڭگودا ھەر 4 ياشنىڭ 1سى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان

文摘   2024-12-25 12:38   新疆  





دىققەت! جۇڭگودا ھەر 4 ياشنىڭ 1سى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان


تېببىي ساھەدىكى ئەڭ نوزلۇق ژۇرناللارىنىڭ بىرى بولغان جاما ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان جۇڭگودىكى تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى داۋالاش نەتىجىسىنى باھالاش ۋە كىلىنىكىلىق ئۆزگەرتىش تەتقىقات (China PEACE) نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە:
35 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان 900 مىڭ نەپەر ياش تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 235 مىڭ نەپەر ياش يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئومۇمىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى % 26.2 كە يەتكەن، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆتتىن بىر قىسىمدىن ئېشىپ كەتكەن.


بارلىق يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئىچىدە، 62 مىڭ 800 ئادەم (% 26.7) بولسا ئاتالمىش نوقۇل قىسقىراش دەۋرىدىكى يۇقىرى قان بېسىم (ISH) بولۇپ، قىسقىراش بېسىمى 140mmHg دىن ئېشىپ كەتكەن، ئەمما كېڭىيىش بېسىمى 90mmHgدىن تۆۋەن بولغان، لېكىن بۇلارنىڭ %86.7تى  تېخى ھېچقانداق داۋالاش قوبۇل قىلمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت %6.8 تىلا ئۆزىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بارلىقىنى بىلىدىكەن.


بۇ قەدەر تۆۋەن بىلىش نىسبىتى، ھەقىقەتەن يۇقىرى قان بېسىمىدىن ئىبارەت بۇ« ئاۋازسىز قاتىل»نى تۇيدۇرماستىن ئۇشتۇمتۇت پىچاق ئ‍ۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا قانداقمۇ بالدۇرراق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىنى ئازايتىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟! ئەتراپىمىزدا «ھەممىنى ئال دۇنيا، ساڭىلا بېرەي...» دەپ، كېتىپ قېلىۋاتقان ياشلارنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز ئەمەس!


دورا ھەرقانچە نوچى بولسىمۇ، بىمار دورا يېمىسە يەنىلا بىكار
نۇرغۇن تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەتقىقاتلىرىنىڭ قارىشىچە، 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، نورمال قېرىش جەريانىدىكى قان تومۇرلارنىڭ قېرىشى، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنكەن. ئەمما 2015-يىلى چىكاگو يۈرەك تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، 18-49 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىچىدە، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتىمۇ % 25 كە يېقىنلاشقان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدا يەنە ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى 31 يىل بولغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈش خەتىرى، بولۇپمۇ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەتىرى، نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. 

China PEACE تەتقىقاتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكىدىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق قاتناشقۇچىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، فۇۋەي دوختۇرخانىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 35 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان ياشلار ئارىسىدا بۇ قېتىمقى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى تاللىغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ۋە ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشتىكى ئەۋرىشكە مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان تەتقىقات ھېسابلىنىدۇ. 

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 62 مىڭ 800 نەپەر يۇقىرى قان بېسىم بىمارى تەخمىنەن 900 مىڭ قاتناشقۇچىنىڭ % 7نى ئىگىلەيدۇ، بىمارلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 45 ياش بولۇپ، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ (% 33.2 vs. % 19.4)، شەرقىي رايونلاردىكىلەر غەربىي رايۇندىكىلەردىن كۆپ، ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا سېمىزلىك، دىيابېت، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇرلىرىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى. 
قاتناشقۇچىلارنىڭ يېشى ۋە قان بېسىم ئەھۋالى 

%15تىن ئارتۇق يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 160mmHgدىن يۇقىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بارلىق يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا پەقەت %13.3 لا ماس ھالدا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان، داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغان بىمارلار ئىچىدە، پەقەت  %6.8 لا ئۆزىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن. 

قىسقىراش بېسىمى 160mmHg دىن يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەر ۋە ئايال يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ خەۋەردار بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %13.3 ۋە %15.4، تۈپتىن لاياقەتسىز.

قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章