ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، چوقۇم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟

文摘   2024-11-26 18:01   中国  




 ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، چوقۇم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟


ئادەم نېمە ئۈچۈن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟
بۇنى ھاياتلىقتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ ......
ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن
بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر توختىماي بۆلۈنىدۇ.
بىرى ئىككىگە، ئىككىسى تۆتكە ......
يېڭى ھۈجەيرە بارلىققا كېلىدۇ
قېرىغان ھۈجەيرە ئۆلىدۇ
دېمەك بىر ئايلىنىپ تۇرىدۇ
ئەگەر بەدەننى جەمىيەت دەپ قارىساق
ھۈجەيرە دەل جەمىيەتتىكى ئادەم
جەمىيەتتە ياخشى ئادەممۇ، يامان ئادەممۇ بولىدۇ
ھۈجەيرىلەر ھەر بىر قېتىم بۆلۈنگەندە
 بىر ئەسكى ئادەم دۇنياغا كېلىشى مۇمكىن
ئۇ بولسىمۇ: راك ھۈجەيرىسى
بىراق سىز بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ،
راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىدۇ.
ئەگەر راك ھۈجەيرىسىنى بىر كىچىك لۈكچەك دېسەك
ئۇنداقتا ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ساقچى
سالامەتلىكىڭىز ياخشى چاغدا
ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى راك ھۈجەيرىلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ.
لېكىن سىز قېرىغاندا
ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىمۇ پېنسىيەگە چىقىدۇ.
بۇ چاغدا راك ھۈجەيرىلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ
كىچىك لۈكچەكتىن بۆلۈنۈپ بىر
تەشكىللىك ئىنتىزامچان قارا جەمىيەتكە ئايلىنىدۇ
ئۇنىڭدىن كېيىن
قارا جەمىيەت تەرەققىي قىلىپ راك كېسىلىگە ئايلىنىدۇ
قەدىمكى پادىشاھلار راك كېسىلىگە ناھايىتى ئاز گىرىپتار بولغان.
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاران 39.8 ياش بولغان
راك كېسىلى تېخى شەكىللەنمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۆلۈپ كەتكەن ......
بۇ ئوردا تېۋىپلىرىنىڭ قولىدىن ئىش كەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى پادىشاھ بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە
جۇڭگو راك كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت
لېكىن ئەمەلىيەتتە
جۇڭگودا راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس
دۇنيا بويىچە 70 - ئورۇندا تۇرىدۇ
ھەقىقىي راك كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي ......
ھەممىسى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر
يەر شارى بويىچە راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى رەت تەرتىپى:
چۈنكى ئۇلار
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ
ياش راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل.
مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن
50 ياشتىن كېيىن راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىردىنلا ئۆرلەيدۇ.

يېشىدىن باشقا
يەنە بەزى كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
مەسىلەن : ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش، جىگەر كېسىلى بىمارلىرى
تاماكا چېكىشنى ئېلىپ ئېيتساق
تاماكا 78 خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆپكە ھۈجەيرىلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭى ھۈجەيرىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشى
راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق بولىدۇ
شۇڭا، تاماكا چەككۈچىلەر ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.


راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش نېمىشقا شۇنچە تەس؟
راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزى كۈچلۈك بولمايدۇ.
نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنى يوقىتالايدۇ
ھەقىقىي تەس بولغىنى: راك ھۈجەيرىسىنى پەرقلەندۈرۈش
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى نىقابلىنىش ماھىرى.


1. ئەڭ دەسلەپكى داۋالاش ۋاسىتىسى
خىمىيەلىك داۋالاش ۋە رادىياتسىيەلىك داۋالاش
بۇ 2 خىل داۋالاش ئۇسۇلىدىن
راك ھۈجەيرىلىرىنى ئوڭايلا يوقاتقىلى بولىدۇ
لېكىن مەسىلە شۇكى:
راك ھۈجەيرىسى بىلەن نورمال ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ئوخشايدۇ.
خىمىيەلىك داۋالاش ۋە رادىياتسىيەلىك داۋالاشتا ئۇلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ
دائىم نورمال ھۈجەيرىلەرنى ئۇقۇشماي يارىلاندۇرۇپ قويىدۇ
شۇڭا بۇ خىل داۋالاشتا چوقۇم  دورا مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك
بولمىسا جاننى ساقلاپ قالالمايمىز
سىز بىلەمسىز؟
ئاق مەرگىمۇشمۇ بىر خىل خىمىيىلىك داۋالاش دورىسى ......
( ئەسكەرتىش: بىمار ھەرگىز قالايمىقان ئىشلەتمەسلىكى، دوختۇرنىڭ رېتسىپى بويىچە توغرا مىقداردا ئىشلىتىشى كېرەك )
بارلىق خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرى
پەقەت مىقدارى يېتەرلىك بولسىلا، ھەممىسى ئادەم ئۆلتۈرەلەيدىغان زەھەرلىك دورا.


2. نىشانغا قاراپ داۋالاش ئۇسۇلى
راك ھۈجەيرىلىرىگە دەل زەربە بېرىش
چۈنكى خىمىيەلىك داۋالاش، رادىياتسىيەلىك داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرى بار
ئالىملار يەنە ئەكس تەسىرى بىر قەدەر كىچىك بولغان دورىلار ياساپ چىقتى
نىشانلىق دورا
بۇ خىل دورا پەيدا بولغان ھامان
بىر قىسىم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى
لېكىن راك ھۈجەيرىلىرىمۇ گۆشسىز تاماق يېمەيدۇ.
ئۇلار ناھايىتى تېزلا نىقابلىنىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ دورىغا قارشى ماسلىشىشچانلىقى كۆرۈلگەن ھامان
نىشانلىق دورىمۇ سەل كۈچىنى كۆرسىتەلمەي قالىدۇ
پەقەت راك ھۈجەيرىلىرىنى بەكرەك چۈشەنگەندىلا
ئاندىن تېخىمۇ ياخشى نىشانلىق دورا ياسىغىلى بولىدۇ

3. ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلى
ئىنسانلارنىڭ يېڭى قورالى
كىشىلەرنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى بار
ئۇ بولسىمۇ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى كۈچەيتىش
پەقەت ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىگە بىر دانە تەكشۈرۈش كۆزەينىكى بەرسىلا بولىدۇ.
ئۇلار نىقابلانغان راك ھۈجەيرىلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ
ھەمدە تازىلاشنى باشلايدۇ.
2012ـ يىلى Emily  ئىسىملىك بىر قىزچاق
بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.
ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئادەتتىكى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان
ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى نائىلاج بىر يېڭى كلىنىكىلىق تەجرىبىنى يەنى


بىر خىل CAR-T دەپ ئاتىلىدىغان ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى تاپقان
ئارقىدىن مۆجىزە يۈز بەرگەن
2012ـ يىلدىكى Emily  نىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالىتى
2013ـ يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ بەدىنىدە راك ھۈجەيرىلىرى قالمىغان
ھەمدە ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى ياشاپ كەلمەكتە
راك كېسىلىنى يەڭمەك
كىشىلەرنىڭ ماڭىدىغان يولى تېخى ئۇزۇن
بۇ قىيىن مەسىلىنى ئالىملارغا تاپشۇرۇپ بېرەيلى


ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن
تېخىمۇ مۇھىمى راك كېسىلىنى توغرا تونۇش
بىر قىسىم ساختا پەنلەرگە ئالدىنىپ قالماسلىق
ئەڭ ئاخىرىدا، يەنىلا بىر نەچچە ئېغىز كونا گەپ
مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش
يېمەك ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش
ھاراق تاماكىنى تاشلاش
راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممىدىن مۇھىم


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章