ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان 10 خىل كېسەللىك

文摘   2024-12-13 18:01   新疆  





ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان 10 خىل كېسەللىك


تەننىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقىنى « ئۇخلاش قىياپىتى » گە قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا 10 خىل كېسەللىكنى بىلگىلى بولىدۇ. ئادەم ئۆمرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇخلاش ھالىتىنىڭ ياخشى -يامان بولۇشى ھەتتا بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بەخت تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ.

تۆۋەندە، ئەلداۋا ساغلاملىق سالونى سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن، سىزگە ئەڭ مۇۋاپىق ئۇخلاش ھالىتى تاللاپ بېرىدۇ. خالىسىڭىز بۇ مەزمۇننى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قويسىڭىز، يېقىن-يورۇقلىرىڭىزمۇ پايدىلانسا، رەھمەت!

5 خىل ئۇخلاش ھالىتىنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى
1.ئوڭدىسىغا يېتىش
ئارتۇقچىلىقى: بەل -دۈمبە ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ئومۇرتقا بەدەندە مەلۇم بىر تۈز سىزىق ھالىتىدە  بولىدۇ.
تېرە ئاسراشقا پايدىلىق. يۈز تېرىسى بىلەن ياستۇقنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزۈپ،تېرىدە باكتېرىيە، كانا، كېپەك بولۇشنى ئازايتىدۇ، يۈز تېرىسىنىڭ بوشىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆكرەك قىسمىنى بېسىشتىن كېلىپ چىققان ئىچكى ئەزالارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ.
كەمچىلىكى: تىل تۈۋىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى يۇتقۇنچاق قىسمىنى بېسىپ، خورەك تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش كۆرۈلىدۇ.

2.سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش
ئارتۇقچىلىقى: ئاشقازان بىئارام بولۇشنى يېنىكلىتىش. ئاشقازان كۆيۈپ ئېچىشىش ئالامىتى كەچتە ئېغىرلاپ كېتىدۇ، بۇ ھالەتتە يېتىش قىزىلئۆڭگەچتىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئېقىشىنى ئازايتىدۇ، ئاشقازان كۆيۈپ ئېچىشىشتىن كېلىپ چىققان ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
بۇ ھالەتتە ئۇيقۇغا تىز كىرىشەلەيدۇ، نەپەس ئەركىن بولۇپ خورەك تارتمايدۇ، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارغا ماس كېلىدۇ.
كەمچىلىكى: يۈز قىسىمىغا ئوڭاي قورۇق چۈشىدۇ.

3.ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش
ئارتۇقچىلىقى: يۈرەككە پايدىلىق بولۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك سوقۇشنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. چوڭ مېڭىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. چوڭ مېڭىنى تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئومۇرتقا، نېرۋا سىستېمىسىدىكى « تاشلاندۇق » لارنى تازىلاپ دېۋەڭلىك ۋە باشقا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئەمچەك ساڭگىلاش. ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىت يانچە ياتقاندا ئەمچەك تارىمۇشىنىڭ سوزۇلىشىدىن كۆكرەك قىسمىنىڭ ساڭگىلاش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ.
كەمچىلىكى: يۈز قىسمى بېسىلىش. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا قارىتا، ھەمىشە بىر خىل ئۇخلاش ھالىتىدە ياتسا، ئاسانلا يۈز قىسمىنىڭ ئوڭ-سەل تەرىپى سىممېتىرىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4.تۈگۈلۈپ يېتىش
ئارتۇقچىلىقى: بەدەن بېسىمى يېنىكلەش. بەدەننى يېتەرلىك ئەركىن قويۇۋېتىش، بېسىمى ئېغىر ، جىسمانىي ۋە روھىي ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان ئادەملەرگە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.
كەمچىلىكى: تۈگۈلۈپ يېتىش دۈمبە مۇسكۇل تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۈمبە ۋە بويۇن قىسمىنىڭ بېسىمى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئادەت خاراكتېرلىك دوكلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەن ئىچىدىكى دىئافراگمىنى چەكلەپ، نەپەسلىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

5.دۈم يېتىش
بۇ ئەڭ ناچار ئۇخلاش ھالىتى بولۇپ، ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق دېيىشكە بولىدۇ. دۈم ياتقاندا، نەپەس قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم باشنى بىر يانغا قىيسايتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا باش ئاغرىش، بويۇن قېتىپ قېلىش، مۆرە قىسمى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئەگمىسى، ئورنىدىن سىلجىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇسكۇل كۆپىيىپ، بوغۇمغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.
كۆكرەك قىسمدىكى ئەمچەكنى بېسىۋالىدۇ.
نەپەس نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇخلاش ھالىتىنىڭ پايدا-زىيان ئۇنىۋېرسال  ئانالىزى 

زادى قانداق ئۇخلاش كېرەك؟
ئەگەر سىز ساغلام قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بولسىڭىز، سىز ئۈچۈن ئوڭدىسىغا ۋە ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ئۇخلاش، ئەڭ ياخشى بولغان ئۇخلاش ھالىتى ھېسابلىنىدۇ.

10 خىل كېسەلگە ماس كېلىدىغان مەخسۇس ئۇخلاش ھالىتى
1.بەل دۈمبە ئاغرىش
يانچە يېتىش: يانچە ياتقۇچىلار U شەكىللىك ياستۇقنى تىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇپ ياتسا، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشىشنى يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ راھەتلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.

2.بويۇن ئومۇرتقىسى، بەل ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش
تۈز يېتىش: يېنىچە ياتقاندا ئومۇرتقا ئاتېرىيە سىپازمىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەكلىپ، تۈز يېتىش، قاتتىق كارىۋاتتا يېتىش كېرەك.

3.بۇرۇن كېسەللىكلىرى
ئەھۋالغا قاراپ يېتىش:  بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى قىيسىقلىق ۋە بۇرۇن مونچاق گۆشى بار بىمارلار، قارشى يۆنىلىشتە ئۇخلىغاندا بۇرۇندىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى باش ئاغرىش، يۇتقۇنچاق قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

4.ئاشقازان كېسىلى
سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق، بەزى ئاشقازان كېسىلى ۋە ئاشقازان-قىزىلئۆلڭگەچ بىمارلىرىنىڭ ئاچچىقسۇ يېنىش، مەيدە قايناشتەك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ.

5.قىزىلئۆڭگەچ كېسىلى
ئوڭدىسىغا يېتىش: ياندۇرۇش خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى بار بىمارلار ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش كېرەك، ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولسا، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى يېنىكلىتىدۇ.

6.ۋېنا تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش
ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش: پۇتنى سەل يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، يۈرەك ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ھالەتتە يېتىشنىڭ قاننىڭ يۈرەككە قايتىلىنىپ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىكە پايدىلىق بولۇپ، تۆۋەنكى ۋېنا قان توسۇلۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەر توپى ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش كېرەك. تۆۋەنكى كاۋاك ۋېنا قايتما قان ئېقىمىدىكى قان مىقدارىنى ئازايتىدۇ، بۇ يۈرەكنىڭ ئارام ئېلىشىغا پايدىلىق.

8.يۈرەك زەئىپلىكى
يېرىم ئولتۇرغان يېرىم ياتقان ھالەتتە يېتىش ھەممىدىن ياخشى. ئۆپكىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئۆپكىگە قان قېيىشنى ئازايتىدۇ، ئوكسىگېن سۈمۈرۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆكرەك سىقىلىش، دەم سىقىلىش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىنى ئازايتىدۇ.

9.مېڭە قان نوكچىسى
ئوڭدىسىغا يېتىش: ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى ئەڭ ياخشىسى 5 سانتىمېتىر بولۇش، بەك ئېگىز ياكى بەك پاكار بولماسلىق.
پەقەت بويۇن ئارتېرىيەسىنىڭ بېسىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولىدۇ.

10.كۆكرەك بوشلۇقى ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرى
ئەھۋالىغا قاراپ يېتىش:
1.ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار
ئوڭدىسىغا يېتىش كېرەك. ھەمدە ياستۇقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قويسا، نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
2.زىققا كېسىلى بىمارى: زىققا كېسىلى قوزغالغاندا تۈز ياتسا
بولمايدۇ، چوقۇم يېرىم ئولتۇرۇش ھالىتىدە ياتسا، نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋالىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
3.قان تۈكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بىمارلارنى يېنىچە ياتقۇزۇش كېرەك،بۇنداق بولغاندا قان نوكچىسىنىڭ كانايچىغا كەپلىشىپ قېلىپ نەپەسلىنىش قىيىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章