دوختۇرلار تەۋسىيەسى | بۇ يەرنىڭ سېمىزلىكى ساغلاملىق ئەۋزەللىكى

文摘   2024-12-12 18:00   新疆  





دوختۇرلار تەۋسىيەسى | بۇ يەرنىڭ سېمىزلىكى ساغلاملىق ئەۋزەللىكى


ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بەدەندىكى ماينىڭ كۆپ بولۇشى ياخشى ئىش ئەمەس، لېكىن بىر ئورۇن بۇنىڭ سىرتىدا، بۇ دەل ساغرا قىسمى.
يېقىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا دىئابېت كېسىلى جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى دىئابېت كېسىلىنى پەرۋىش قىلىش ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە:ساغرا قىسمىدىكى ياغنىڭ كۆپ بولۇشى بىر خىل ساغلاملىق ئەۋزەللىكى ئىكەن 2 تىپلىق دىئابېت كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» بۇ تەتقىقات ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ساغرا قىسمىدىكى ماينىڭ سالامەتلىككە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بەھىرلىدى.

ساغرىسى چوڭ كىشىلەرنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەن بولىدۇ

بۇ تەتقىقاتتا، ئالىملار 18 مىڭ ئادەمنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلغان، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساغرىسىدىكى ياغ بىلەن ياغ فاكتورى vaspin سەۋىيەسىدە مەنپىي باغلىنىشلىق بولۇپ، vaspin سەۋىيەسىدە ھەر بىر ئۆلچەملىك پەرق ئاشسا، 2 تىپلىق قەنت كېسىلى خەۋپى 16% ئۆرلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.
تەتقىقات كوللېكتىپى ئىككى تۈرلۈك خەلقئارالىق سەپ تەتقىقاتىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 مىڭ 52 نەپەر ۋە 7840 نەپەر قاتناشقۇچىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تاللىدى. ئىككى رەت ئايلانما vaspin سەۋىيىسىنىڭ 2 تىپلىق دىئابېت كېسىلى خەۋپ - خەتىرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ خەۋپ - خەتەر ئامىللىرىنى تەڭشىگەندە، باغلىنىشلىقى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

قىسقىسى، بۇ تەتقىقات شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ساغرا قىسمىنىڭ سېمىزلىكى 2 تىپلىق دىئابېت كېسىلىنىڭ خەتىرىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ پەقەت ساغرىسىدىكى ماينىڭ ئەۋزەللىكى بولۇپ، تېرە ئاستىدىكى ماي بىلەن ئىچكى ئەزالاردىكى ماينىڭ بۇنداق باغلىنىشى يوق.


ساغرىنىڭ پايدا بولۇشىدىكى ئالدىنقى شەرتى
بۇنىڭغا قارىتا، مۇخبىر تيەنجىن شەھەرلىك تەيدا دوختۇرخانىسى بۆرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى چىڭنى زىيارەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ساغرىسى چوڭ بولسا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ دېگەن يەكۈننى مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.” بەزى ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما ساغرىسى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، مەسىلەن: ئاق تەنلىكلەرنىڭ ساغرىسى چوڭ بولسىمۇ، ئانچە سېمىز ئەمەس. لېكىن ئاسىيالىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ساغرىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ دائىم سېمىزلىك مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ قورساق قىسمى سېمىزلىك، بۇنداق بەدەن ساغلام ئەمەس.

زىيادە ماي يىغىلىپ قېلىش، بولۇپمۇ قورساق قىسمىدىكى ماي ھەممە ئېتىراپ قىلغان مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىك، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئامىللاردۇر.
بەدەن ئېغىرلىقى مۇۋاپىق بولغان ئەھۋالدا، ئەگەر تۇغما ساغرىسىدا ماي كۆپ بولسا ھەمدە قورساق تىپلىق سېمىزلىك مەۋجۇت بولمىسا، بۇ خىل بەدەن شەكلى كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

بېيجىڭ داشۆسى 1 - دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى يۈەن جېنفاڭ مۇنداق دېدى: قورساق تىپلىق سېمىزلىك پۈتۈن ئۆلۈش خەۋپى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بىر ئادەمنىڭ ساغرا ئايلانمىسى چوڭ بولسا، بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ساغرا مۇسكۇللىرى ئاز كىشىلەر، يەنى ئادەتتە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «بىلىكى، پۇتى ئىنچىكە، قورسىقى چوڭ» كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

ساغرىڭىزغا ماي يىغىپ قويۇڭ
نوقۇل ھالدا ساغرا ئايلانمىسى، بەل ئايلانمىسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرگە قارىغاندا، «بەل - ساغرا نىسبىتى» ئادەم بەدىنىدىكى ماينىڭ تارقىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە بالدۇر ئۆلۈش خەۋپىنى تېخىمۇ ياخشى مۆلچەرلىيەلەيدۇ.

بەل ساغرا نىسبىتى دېگەن نېمە؟ 

يۆگىمە مېتىر بىلەن بەل قىسمىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە يېرىنى (ئادەتتە كىندىك ئەتراپىنى) بىر ئايلاندۇرۇپ چىقىڭ، ئاندىن يۆگىمە مېتىرنى يانپاشنىڭ ئەڭ كەڭ يېرىگە يۆگەيمىز، ئايرىم ئايرىم ساننى ئالغاندىن كېيىن، ئالدىنقىسىنى كېيىنكىسىگە بۆلسەك، يەنى بەل-ساغرا نىسبىتى چىقىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق تەكلىپ بەردى: بەل ساغرىسى ئەرلەرنىڭ 0.9 چوڭ، ئاياللار 0.85 چوڭ بولسا بەدەن ئېغىرلىقىنى ۋاقتىدا باشقۇرۇش كېرەك. پىرىنسىپ جەھەتتە، بەل ساغرا نىسبىتى قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشى، لېكىن، يەنە ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، مەسىلەن: ياشىنىپ قالغان كىشىلەر ئازراق ماي بىلەن كېسەلگە قارشى تۇرۇشى كېرەك.

بۇ تەتقىقاتتا، تۇغۇلۇشىدىنلا ساغرىسى چوڭ بولۇش بىر خىل ساغلاملىق ئەۋزەللىكى، شۇڭا، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ساغرا پۇتقا ئازراق مۇسكۇل يىغسا بولىدۇ.

ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر سائەت ئولتۇرسا، ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش
ئادەم ئولتۇرغاندا ساغرا مۇسكۇلى بوشىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر كۈن بويى ئولتۇرغاندا ساغرا مۇسكۇلى قانداق ئەسلىگە كېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، بۇ مېدىتسىنادا «ساغرا مۇسكۇل خاتىرىسىنى يوقىتىش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەڭ ياخشىسى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئولتۇرسا، بەدەننى مىدىرلىتىپ 30 سېكۇنتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە زوڭزىيىپ ئولتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ.

«ساغرا كۆۋرۈكى» مەشىقى
ساغرا كۆۋرۈكى ساغرا مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە مۇسكۇل كۈچىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولۇشى، تەدرىجىي ئىلگىرىلىشى كېرەك. 


دەسلەپتە بەش گۇرۇپپا ئىشلەپ سىناپ باقسا بولىدۇ، ھەر قېتىمدا 10 سېكۇنت تۇرۇپ، ساغرا ۋە يوتىنىڭ ئارقا تەرەپ مۇسكۇللىرى ئازراق ئېچىشىپ قالغاندەك ھېس قىلسا بولىدۇ؛ پىششىق بىلگەندىن كېيىن توختاش ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش كېرەك.
دائىم تىزلىنىش ھالىتى
مەشىق قىلغاندىن كېيىن، پۇتنى تەپكەندە ئىككى پۇتنى ئايرىپ تىزلىنىش شەكلىدە بولىدۇ، ئىككى قولى بىلەن مۈرە قىسمىنى تىرەپ تۇرۇش. نەپەس ئېلىش، يادرونى چىڭىتىپ، ئوڭ پۇتىنى كەينىگە كۆتۈرۈش ھەمدە ئۈستىگە قارىتىپ، ئۈستىگە تەپكەندە نەپەس ئېلىش، ناندىن يەنە بىر تەرەپكە ئالماشتۇرۇپ ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش.
30 ياشتىن كېيىن، بەل ئايلانمىسىنى تېخىمۇ كونترول قىلىش
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشى ئاستا - ئاستا نامايان بولىدۇ، شۇڭا 30 ياشتىن كېيىن بەل ئايلانمىسىنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك قىلىپ بەرسە، مېتابولىزمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن بەدەندىكى ماينى ئازايتىشقا پايدىلىق، شۇنداقلا تۈرلۈك بەدەن كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ساغلاملىق ئۆلچىمىگە يېتىشىگە پايدىلىق.

ئۆز لايىقىدا بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنىڭ جۇغلانمىسى، يېمەك - ئىچمەكنى كونترول قىلىش ۋە ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. كۆپچىلىك «لايىقىدا بولۇش» نى تۇرمۇشنىڭ بىر تۈرلۈك مىزانى قىلىشى كېرەك:
تاماق يېيىش مىقدارى ۋە سۈرئىتى مۇۋاپىق بولۇش، يەتتە ئۈلۈش تويسىلا بولىدۇ، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ؛
يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش كېرەك؛

ھەرىكەت مۇۋاپىق بولۇش

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن بەدەننىڭ مېتابولىزمى ۋە جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.



قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!




سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章