بۇ خىل سېمىزلىك تىپىدىكىلەر خەتەر ئىچىدە
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئۆزئۆزىدىن مەلۇم، نۇرغۇن جايلاردا سېمىزلىك مەخسۇس ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يان تەرەپتىن شۇنى ئىسپاتلىدى: سېمىزلىك بارغانسېرى ئومۇملىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. يېقىندا، بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، سېمىزلىك يۇقىرى قان بېسىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، %70 يۇقىرى قان بېسىمنى ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، سېمىزلىكنىڭ يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەبىنى ھەمدە سىزگە بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلىنى بەھىرلىدى.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر:
بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ جيەن؛
70% يۇقىرى قان بېسىمى سېمىزلىكنىڭ مەھسۇلى
يېقىندا، ئامېرىكا مىسسۇرى شۆيۈەنى تېببىي ئىنستىتۇتى «يۇقىرى قان بېسىم» ژۇرنىلىدا كۆز قاراش ماقالىسى ئېلان قىلىپ، سېمىزلىك بىلەن يۇقىرى قان بېسىم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا بايقالغانلىقىنى تىلغا ئالدى، فمىنخام تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، %78 ئەرلەر ۋە %65 ئاياللارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىكتىن كېلىپ چىقىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ئېغىرلىقى ھەر %5 ئاشسا، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى %20 ~ %30 ئاشىدۇ. دۆلىتىمىزدە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 1975 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە، جۇڭگودا ئەرلەرنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %7.9، سېمىزلىك نىسبىتى %0.2 تىن %31.3، %5.3 كە، ئاياللارنىڭ %9.6، %0.8 تىن %24.9، %6.3 كە ئۆرلىگەن.
جۇڭگودىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بەل ئايلانمىسى ئوخشاشلا بارغانسېرى چوڭىيىپ، 1993 - يىلىدىكى 76 سانتىمېتىر، 2007 - يىلىدىكى 80.7 سانتىمېتىردىن 2015 - يىلىدىن 2017 - يىلىغىچە 83.4 - 83.5 سانتىمېتىرغا يەتكەن.
ئامبولاتورىيەدە، نۇرغۇن بىمارلار قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبىدىن كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىپ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئىزدىگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە سېمىزلىك، بەل توم بولۇشنىڭ تەھدىتى تېخىمۇ چوڭ.
سېمىز كىشىلەرنىڭ تېرە ئاستىدىكى ماي قېلىنلاپ، قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش مىقدارى نىسپىي ئاشىدۇ. يۈرەك رىتىمى نورمال ئەھۋالدا، يۈرەكنىڭ سوقۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت يۈك زىيادە ئېغىر بولۇپ كەتسە، سول يۈرەك قېلىنلاپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ.
بېلى توم كىشىلەر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن تېخىمۇ ھوشيار بولۇڭ
بىر خىل قاراشتىكىلەر «تېرە ئاستىدىكى ماي بىر سانتىمېتىر قېلىنلىسا، قان تومۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتىر ئاشىدۇ» دېيىشىدۇ. بولۇپمۇ شەرقلىقلەرنىڭ سەمىرىپ كېتىشى ھەمىشە ئالدى بىلەن قورساق قىسمىدىن باشلىنىدۇ، ماي ئاساسلىقى تۆۋەنكى قورساق ئەتراپىغا يىغىلىپ قالىدۇ، بۇ مەركىزىي سېمىزلىك دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ خىل تىپتىكى سېمىزلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا ماي كۆپىيىپ، بەدەندە يىغىلىپ قالسا، ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقى تەكشى سېمىزلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ئۇنى تۈزىتىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ.
مەركەزلىك سېمىزلىك يەنە ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشدىكى خەتەرلىك ئامىل بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇنىڭدىن باشقا، سېمىزلىكنىڭ يۇقىرى قان بېسىمنى پەيدا قىلىشى يەنە يېيىش ۋە ھەرىكەت قىلىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك:
سېمىزلەر كۆپ ھاللاردا يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىك ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، سىمپاتىك نېرۋىنى قوزغىتىپ، بەدەندىكى رېنىن - ئانگىئوتېنسىن سىستېمىسىنى جانلاندۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ؛
ھەرىكەت كەمچىل بولسا، ئارتېرىيە قېتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سېمىز يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن، ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىش تەدبىرى بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش ۋە قان بېسىمىنى كونترول قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك تاكتىكىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.
يېمەك- ئىچمەك
ئورۇقلىغۇچىلار جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش مۇنارىدىكى يېمەكلىك تۈرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئورۇقلىغاندا يەيدىغان يېمەكلىك مىقدارىنى بېكىتسە ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ئاشلىق، گۆش، ماي، شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتسا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ۋە پۇرچاق، دانلىق زىرائەت ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ئىستېمال مىقدارىنى ئاشۇرسا بولىدۇ.
ھەرىكەت
ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن ئېغىرلىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، ئەگەر ئىدارە ئۆيگە يېقىن بولسا، ھەر كۈنى پىيادە ئىشقا بېرىپ كېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا - ئانىلارمۇ كىچىكىدىنلا بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمدە ئۈلگە تىكلەپ، ئۇلارنىڭ تېلېۋىزور ياكى كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىنى ئازايتىشى كېرەك، ئاتا - ئانىلار ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، بالىلارنى ئوقۇش يېشىدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلىسە بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55