ساقال-بۇرتى ئاز ياكى كۆپ بولسا جىنسىي ئىقتىدارى قانداق بولىدۇ؟

文摘   2024-12-06 18:01   新疆  





ساقال-بۇرتى ئاز ياكى كۆپ بولسا جىنسىي ئىقتىدارى قانداق بولىدۇ؟


بىزدە «ساقال-بۇرۇت ئەرلەرنىڭ كۆركى» دەيدىغان گەپ بار. ئەمما، تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرتىنى جىنسىي ئىقتىدار بىلەن باغلاپ، ساقال-بۇرتى ئاز، شالاڭ ئەرلەرنى جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىز دەپ قارىشىدۇ. ۋىسال سالونى بۈگۈن كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ساقال بۇرت ۋە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ھەققىدە ئورتاقلىشىدۇ. دوستلارنىڭ بۇ مەزمۇننى تارقىتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمىز!


ئۇنداقتا، ھەقىقەتەنمەۇ ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرتى ئاز بولسا جىنسىي ئىقتىدارىمۇ ئاجىز بولامدۇ؟
ساقال-بۇرتنىڭ ئۆسۈشى ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجرىلىشى بىلەن زى مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كىشىنىڭ ئەرلىك ھورمونى قانچە كۆپ ئاجرالسا، ساقال-بۇرتى شۇنچە كۆپ، تېز ئۆسىدۇ. ساقال-بۇرتنىڭ ئۆسۈشى يەنە بىر مۇھىم ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ تۈك خالتىسى قوبۇللىغۇچىسىدۇر. تۈك خالتىسى قوللىغۇچىسى قانچە كۆپ بولسا، ساقال-بۇرت شۇنچە قويۇق ئۆسىدۇ. دەل مۇشۇ تۈك خالتىسى قوبۇللىغۇچىسى سەۋەبىدىن، ئەرلىك ھورمون ئوبدان ئاجرىلىۋاتقان ئەرلەرنىڭمۇ ساقال-بۇرتى ھەرخىل بولىدۇ. بۇ خىل تۈك خالتىسى قوبۇللىغۇچى كۆپ بولسا قويۇق، ئاز بولسا شالاڭراق بولىدۇ.
شۇڭلاشقا، نۇقۇل ھالدا ساقال-بۇرتنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئىلمىي ئەمەس.


ساقال-بۇرتنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئېپى
ئەرلىك ھورمون ئاجرىلىشى يېتەرسىز بولۇشىدىن ساقال-بۇرتى ئازراق بولغان كىشىلەر كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ھايۋان جىگىرى، ھايۋان ئىچكى ئەزالىرىغا ئوخشاش تەركىبىدە ئادرېنالىن (肾上腺素) ۋە جىنسىي ھورمون كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئىپتىدائىي ئۇرۇق ھۈجەيرىسىنىڭ بۆلۈنىشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسىلەن، قۇلۇلە، كالا گۆشى، كالا سۈتى، توخۇ گۆشى، توخۇ جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلار ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساقال-بۇرتنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章