سۈت بېزى راكى بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغان گۆھەر يېمەكلىك
مەيلى جۇڭگودا ياكى دۇنيا مىقياسىدا بولسۇن، «سۈت بېزى راكى» ئاياللاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان راك كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن 70 مىڭ جۇڭگولۇق ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈرلۈك تېببىي تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، پۇرچاق ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، سۈت بېزى راكى خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» بۇ تەتقىقات ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، پۇرچاق ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ پايدىسىنى بەھىرلىدى.
دائىم پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، سۈت بېزى راكىنىڭ خەۋپى %20 تۆۋەن بولىدۇ، بۇ تەتقىقات شاڭخەي ئاياللىرىنىڭ ساغلاملىق تەتقىقاتىنى ئاساس قىلىپ، تەخمىنەن 70 مىڭ ئايالنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا كىرگۈزۈلۈپ، پۇرچاق بىلەن سۈت بېزى راكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇھاكىمە قىلىندى.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پۇرچاق ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلمايدىغان ياكى ئازراق ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، دائىم پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تەخمىنەن %20 تۆۋەنلىگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، پۇرچاق ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى تەركىبىدە مول بولغان تەبىئىي بىرىكمىلەر بار، مەسىلەن: ئىزوفلاۋون ۋە ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمونى، بۇ بىرىكمىلەر ئادەم بەدىنىدە ھورمۇنغا ئوخشاش رولغا ئىگە بولۇپ، سۈت بېزى توقۇلمىلىرىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
«جۇڭگودىكى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى قوللانمىسى» دىمۇ پۇرچاقدىكى ئىزوفلاۋوننىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ قايتا قوزغىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، سۈت بېزى راكى بىمارلىرىنىڭ پۇرچاقدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ساغلام غىزالىنىشنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىشى، لېكىن مۇناسىۋەتلىك تولۇقلاش رولىغا ئىگە دورىلىرىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.
سەۋەبى ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمونى
پۇرچاق ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىدىكى ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمۇنى «C تۈردىكى» «پۇرچاق ئىزوفلاۋونى» بولۇپ، ئۇ قۇرۇلمىسى ۋە رولى ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك خىمىيىلىك ماددىسى.
پۇرچاق ئىزوفلاۋونى ئەمەلىيەتتە بىر خىل «ئانىلىق ھورمون» بولۇپ، ئۇ ئانىلىق ھورموننى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكىپ، ئانىلىق ھورمونغا ئوخشاپ كېتىدىغان رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
ھورمون سەۋىيىسىدە قوش يۆنىلىشلىك تەڭشەش بولىدۇ
بېيجىڭ ئوزۇقلۇقشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگودىكى رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گۇ جۇڭيىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پۇرچاق ئىزوفلاۋونىنىڭ «ئانىلىق ھورمونغا ئوخشاش رولى» بەدەندىكى ئانىلىق ھورموننى قوش يۆنىلىشلىك تەڭشەيدۇ:
بەدەندە ئانىلىق ھورمون يېتىشمىگەندە، ئۇ ئانىلىق ھورمون قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى ئىگىلەپ، ئانىلىق ھورموننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ؛
ئانىلىق ھورمون زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ئۇ رىقابەتلىك تورمۇزلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھورمون سەۋىيىسىنى بىر قەدەر مۇقىم ھالەتتە ساقلايدۇ.
گەرچە «ئاياللار يىل بويى پۇرچاق سۈتى ئىچسە سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن قاراش تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ھەقىقىي ئەھۋال شۇكى، نۆۋەتتە تەركىبىدە پۇرچاق ئىزوفلاۋون بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا سۈت بېزى راكى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەتقىقات يوق.
ئەكسىچە، ئاسىيا ئاياللىرىغا قارىتا، پۇرچاق ياسالمىلىرىنىڭ سۈت بېزى راكىنى قوغداش رولى بىر قەدەر كۆپ بولغان تەتقىقات ئىسپاتلىرىغا ئىگە بولدى، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئارىسىدا، بۇ خىل قوغداش رولى بىر قەدەر روشەن.
1. مەسىلەن، ئوخشاشلا شاڭخەيدىن كەلگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، شاڭخەي شەھىرىدىكى 20 ~ 75 ياشقىچە بولغان 5042 نەپەر سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان ئايال ئىچىدە، دائىم پۇرچاق ياسالمىلىرىنى يەپ بەرگەن بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكەن.
2. سىنگاپوردا ياشاۋاتقان جۇڭگولۇق ئاياللارغا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتمۇ پۇرچاقنىڭ سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.
3. دۇنيادىكى نوپۇزلۇق مېدىتسىنا ژۇرنىلى «راك كېسىلى» (Cance) دە ئېلان قىلىنغان «خەلقارا ئەمچەك ساغلاملىقى ۋە راك كېسىلى كۆرسەتمىسى» ناملىق ماقالىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى پۇرچاق ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت.
پۇرچاق ياسالمىلىرىنىڭ 2 خىل پايدىسى
سۈت بېزى راكىغا تۆھپە قوشۇشتىن باشقا، پۇرچاق ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنىڭ يەنە سالامەتلىككە تۆۋەندىكىدەك پايدىسى بار.
1. كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ سۆڭەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
پۇرچاقدىكى ئىزوفلاۋون كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ سۆڭەك ماددىسى ساغلاملىقى، مېتابولىزم ئىقتىدارىنىمۇ قوغداش رولىغا ئىگە بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2023 - يىلى نەشر قىلىنغان «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تائاملىرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى» دا، ھەيز توختاشتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ پۇرچاقدىكى ئىزوفلاۋوننى قوبۇل قىلىش قىممىتى كۈنىگە 55 مىللىگرام، ھەيز توختىغاندىن كېيىن كۈنىگە 75 مىللىگرام، ئەڭ يۇقىرى قوبۇل قىلىش مىقدارى كۈنىگە 120 مىللىگرام بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قايسى يېمەكلىكلەر ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمونىنى تولۇقلايدۇ؟
2. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش
پۇرچاق ياسالمىلىرى يەنە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە كۆپ خىل پايدىلىق تەركىبلەر بار، مەسىلەن: پۇرچاق ساپونىن، ئۆسۈملۈك ستېرولى، پۇرچاق تۆۋەن پولىمېرلىق شېكىرى قاتارلىقلار.
كۆپ ئۇچرايدىغان پۇرچاق ياسالمىلىرى ئىچىدە ئاقسىل مىقدارى %24.5 كە يېتىدۇ، قارا گۆشتىنمۇ يۇقىرى؛ ئۇنىڭدىن قالسا دۇفۇ قەلەمچىسى بولۇپ، %21.5 كە يېتىدۇ، بۇ قارا گۆشنىڭ سەۋىيەسىگە باراۋەر كېلىدۇ. گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار بۇ خىل پۇرچاق ياسالمىلىرىنى دائىم يەپ بەرسە، مۇسكۇللارنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022) تەۋسىيەسىدە، ھەر كۈنى 25 گىرام سېرىق پۇرچاققا باراۋەر كېلىدىغان پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. 25 گىرام پۇرچاق، 72.5 گىرام شىمالىي پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، 140 گىرام جەنۇبىي پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، 365 گىرام پۇرچاق سۈتى، 55 گىرام دۇفۇ قېقى، 40 گىرام دۇفۇ قەلەمچىسى، 175 گىرام لاكتون پۇرچاق ئۇيۇتمىسىغا باراۋەر.
سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، 4 خىل يېمەكلىكنى ئاز يېيىش كېرەك
سۈت بېزى راكىنىڭ ئامىللىرى كۆپ، يېمەك - ئىچمەك بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل.
شەنشى ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى سۈت بېزى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دوختۇرى لى فېي كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنە تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش
ياغ تەركىبىدىكى خولېستېرىن ئانىلىق ھورموننى بىرىكتۈرىدىغان مۇھىم خام ئەشيا، شۇڭا، ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: كالا گۆشى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاز يېيىش كېرەك. گۆشتە ئالدى بىلەن بېلىق گۆشى، توخۇ گۆشى تاللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ماي مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن؛
تەركىبىدە تەتۈر شەكىللىك ياغ كىسلاتاسى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش
ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «بىئومېدىتسىنا مەركىزى - مېدىتسىنا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىنى قوبۇل قىلغاندا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. تاتلىق تۈرۈم، ئەتكەن چاي، ماروژنىلارنىڭ تەتۈر شەكىللىك ياغ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تاتلىق تۈرۈملەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، قەنت بىلەن ياغ بەدەندە ئۆزارا ئۆزگىرىپ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
شېكەرلىك ئىچىملىكنى ئاز ئىچىش
شېكەرلىك ئىچىملىكلەر بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى جىنسىي ھورمۇننىڭ قويۇقلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار شېكەرلىك ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە، تۇنجى ھەيز كۆرۈش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈۋېتىدىكەن. تۇنجى ھەيز كۆرۈش ۋاقتى ھەر بىر يىل ئالدىغا سۈرۈلسە، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %5 ئاشىدۇ.
ھاراقنى ئاز ئىچىڭ
ھاراق راك پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىل. ھاراقنىڭ بەدەندىكى مېتابولىزمى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى ۋە بەدەننىڭ نورمال مېتابولىزمىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
سۈت بېزىنى ئاسراشتا يېمەك - ئىچمەكتىن باشقا، تۇرمۇشتا يەنە تۆۋەندىكى ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئەينەككە قاراپ ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئەمچەكنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن - كەتمىگەنلىكى، ئاپېلسىن پوستىدەك ئۆزگىرىش بار - يوقلۇقىغا قاراش؛
ناچار كەيپىياتنى ۋاقتىدا تۈگىتىش، دەردىنى ئىچىگە يۇتماسلىق؛
ھەر يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بىر قېتىم سۈت بېزىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈش؛
قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىش، تۈنىمەسلىك، ئامال بار سائەت 23 تىن بۇرۇن ئۇخلاش كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55