ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەندە، بەدەن نېمىلەرنى باشتىن؟

文摘   2024-12-08 18:00   新疆  





ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەندە، بەدەن نېمىلەرنى باشتىن؟


جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان «پۇشايمان دورىسى » بولۇشى مۇمكىن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى سېتىش بازىرىدا، جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

ھەر يىلى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش، روژدېستۋو بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدىن كېيىن، جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دورىنى ئىچكەندىن كېيىن، بەدەننىڭ قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.



مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى»  مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە خەتىرىنى ھەمدە ئىلمىي ئۇسۇلدا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى بەھىرلىدى.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر:
پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسى كۆپىيىشنى تەڭشەش / پىلانلىق تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن سۇۋېن؛ جۇڭگو جىنسىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى ياش-ئۆسمۈرلەر مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خۇاڭ لىلى؛
جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى خۇ جىڭخۇي؛

جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەندە، بەدەن نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟

جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشتىن كېيىنكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تاسادىپىي ھامىلدار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش دورىسى بولۇپ، ئادەتتىكى ياكى ئالدىن تاللىنىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قىلىشقا بولمايدۇ.

نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئاساسلىقى ئىككى خىل جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بار، يەنى مىفېستېرون ()ۋە لېۋونوپروگېستېرون(). بىز دورىخانىدىن رېتسىپسىز جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى سېتىۋالالايمىز، ئۇنىڭ تەركىبى ئادەتتە لېۋونوپروگېستېرون.

جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ھامىلدارلىق ھورمۇنى مىقدارى ئادەتتىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ھامىلدارلىق ھورمۇنى مىقدارىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچكەندىن كېيىن، بەدەن 3 چوڭ توسۇش ئەندىزىسىنى قوزغىتىدۇ:


تۇخۇم چىقىرىشنى تىزگىنلەش
كۆپ مىقداردىكى ھامىلدارلىق ھورمۇنى بەدەنگە كىرگەندە، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى ئالدى بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، تۇخۇم پۈۋەكچىسىنى غىدىقلىغۇچى ھورمون ۋە سېرىق تەن ھاسىل قىلغۇچى ھورموننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تورمۇزلاپ، تۇخۇمداننى تۇخۇم چىقارمايدىغان قىلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆزگەرتىش
دورا ئىچكەندىن كېيىن، ھامىلدارلىق ھورمۇنى يەنە بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسپېرمىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.


جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئانىلىق ھورمۇنغا قارشى تۇرىدۇ

بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى نېپىزلىتىۋېتىدۇ، «توردىن چۈشۈپ قالغان بېلىق» نىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمى بولسىمۇ، ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىمۇ بەلگىلىك ساغلاملىق خەتىرى ئېلىپ كېلىدۇ.

ھەزىم قىلىش يولى بىئارام بولۇش
نۇرغۇن دورىلار كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆپ ھاللاردا ھەزىم قىلىش يولىنى غىدىقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر دورا ئىچىپ ئىككى سائەت ئىچىدە قۇسۇش يۈز بەرسە، ئەڭ ياخشىسى تولۇقلاپ ئىچىش كېرەك.

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش مەغلۇپ بولۇش
جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى توغرا ئىچسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ئاران %80 تىن يۇقىرى بولىدۇ.

ئىچكى ئاجراتمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ھورمون تۈرىدىكى دورىلار ئىچكى ئاجراتمىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئىچكەندىن كېيىن ئاسانلا ھەيز قالايمىقانلىشىش، بالىياتقۇدىن تەرتىپسىز قان چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش خەۋپ - خەتەر كۆپىيىدۇ
دورا ئىچكەندىن كېيىن، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ لۆمۈلدەش سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن ئۆتكەندە كاشىلىغا ئۇچراپ، ۋاقتىدا بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرەلمىسە، غەيرىي ئورۇندىكى ھامىلىدارلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، يەنى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

شاڭخەي قاتناش شۆيۈەنى تېببىي ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى رۈيجىن دوختۇرخانىسى دورا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى خاۋچياڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى نىسبەتەن بىخەتەر بولۇپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئېھتىياجغا قاراپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، پەقەت بىر خىل قۇتقۇزۇش تەدبىرى
«جۇڭگو سەھىيە - ساغلاملىق ئىستاتىستىكا يىلنامىسى ( 2021 )» دە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش سانى ئىزچىل 9 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش نىسبىتى ‰25 ئەتراپىدا بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرا سەۋىيەگە تەۋە ئىكەن.
بېيجىڭ دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاۋ شياۋدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئېلىپ كەلگەن زىيانغا قارىغاندا، جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىشكە توغرا كەلگەندە كەسكىن ئىشلىتىش كېرەك.

بىراق، ئۇ پەقەت بىر خىل ئىشتىن كېيىن قۇتقۇزۇش تەدبىرى بولۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى ياكى ئالدىن تاللىنىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قىلىشقا بولمايدۇ.


قانداق ئەھۋالدا ئىستېمال قىلىش كېرەك؟
مۇداپىئەسىز جىنسىي ھەرىكەت يۈز بەرسە ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى (مەسىلەن، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى، بالىياتقۇدا تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابى) نى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى سەۋەبلەر (مەسىلەن، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى بۇزۇلۇپ ياكى سىيرىلىپ چىقىپ كېتىش، بالىياتقۇدا تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابى چۈشۈپ كېتىش) ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش مەغلۇپ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.


ئۇنى قانداق ئىچىدۇ؟
چۈشەندۈرۈش بويىچە ئىچسىلا بولىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان لېۋونوپروگېستېروننى مىسالغا ئالساق، بىر قېتىمدا ئىچىلىدىغانلىرىمۇ، 12 سائەتتىن كېيىن ئىككىنچى تالنى ئىچىدىغانلىرىمۇ بار. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە ئىچسە ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ، دورا ئىچىش ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا، ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئەگەر دورا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى 3 ~ 4 ھەپتە ئىچىدە يەنىلا ھەيز كەلمىسە، ھامىلىدارلىقنى سىناق قەغىزى ياكى كىچىك تەرەتنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ مەغلۇپ بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىش كېرەك.

ئەگەر دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن داۋاملىق قاناش ياكى قورساق قىسمى ئاغرىش كۆرۈلسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشتىكى تېخىمۇ ياخشى تاللاش
مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇڭ، پەقەت جىنسىي تۇرمۇش بولسىلا، پەقەت تۇغۇش پىلانى بولمىسىلا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى بولىدۇ. ئىشتىن كېيىن قورقۇپ يۈرگەندىن، ئىشتىن بۇرۇن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.


جۇڭگو جىنسىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى ياشلار - ئۆسمۈرلەر مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خۇاڭ لىلى بىر قانچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلدى:

قىسقا ئۈنۈملۈك ئىچىلىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى
ئەمەلىيەتتە، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى جەمەتىدە «ئۈچ ئاچا - سىڭىل» بار بولۇپ، جىددىي، ئۇزاق ئۈنۈملۈك، قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىش دائىم ئارىلىشىپ كېتىدۇ.

جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى «ئىشتىن كېيىنكى دورا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛

ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، بىر قېتىم ئىچسە بىر ئاي ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئەكس تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، ھازىر «يۇشۇرۇن» بازارغا سېلىندى؛


قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ھەر كۈنى بىر تالدىن ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۈنۈمى %99 كە يېتىدۇ، بىخەتەر ھەم قولايلىق، كىلىنىكىدا يەنە ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، دانىخورەك قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تېرە ئاستىغا كۆمۈش دورىسى
بىر خىل ھورمۇنلۇق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىدا، تېببىي خادىملار ھورمۇننى قويۇپ بېرەلەيدىغان بىر ياكى ئىككى دانە كىچىك تىپتىكى ئېلاستىك سىلىتسىيلىق كاپسۇل نەيچىسىنى ئۈستۈنكى بىلەك تېرىسىنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويىدۇ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى %99.95 كە يېتىدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 3 ~ 5 يىلغا يېتىدۇ.

بالىياتقۇ تۇغۇت چەكلەش سايمىنى
تەركىبىدە مىس سىم ياكى مىس تۈۋرۈك بولغان كىچىك تىپتىكى بىر خىل قۇرۇلما بولۇپ، بالىياتقۇ ئىچىگە قويۇلىدۇ، مىس ئىئونىنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ياكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كىرىشىنى توسىدۇ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى %99 كە يېتىدۇ، 5 ~ 10 يىل قويۇشقا بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە خالىغان ۋاقىتتا ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ.


گاندون
قىسقا ئۈنۈملۈك ئىچىلىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىغا سېلىشتۇرغاندا، گاندوننىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، لېكىن ئۇ جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان (مەسىلەن ئەيدىز كېسىلى، جىنسىي كېسەللەر) بىردىنبىر ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «خەلقئارالىق مائارىپ تېخنىكا يېتەكچىلىك پروگراممىسى» دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى تاللاشتا ئادەتتە ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ، جىنسىي تۇرمۇشتىكى ھەمراھ ئىككى تەرەپنىڭ ھەرىكىتىدە، ئەرلەرنىڭمۇ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ئىشلىتىش مەسئۇلىيىتى بار، مەسىلەن: گاندون تاقاش، بوغۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىش قاتارلىقلار، ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش مەسئۇلىيىتىنى ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشتىن مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىنى يالغۇز ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا يول قويماسلىق كېرەك.

قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章