يۈرەككە چوقۇم تىرەك قويۇش كېرەكمۇ؟ قايسى ئەھۋالدا قويۇلىدۇ؟

文摘   2024-12-06 18:01   新疆  





يۈرەككە چوقۇم تىرەك قويۇش كېرەكمۇ؟ قايسى ئەھۋالدا قويۇلىدۇ؟


يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندىن كېيىنكى داۋالاشتا، دائىم يۈرەككە تىرەك ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئارتېرىيەنى كېڭەيتىش، بۇ ئارقىلىق قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ياخشىلاپ، كۆكرەك ئاغرىقىنى يېنىكلىتىدۇ، ئەمما كۆپچىلىك دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان كۆرسەتكۈچ، شۇڭا بارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بىمارلىرى تىرەك قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تۆۋەندىكى 4 خىل بىمارغا قارىتا يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى يۈرەككە تىرەك قويۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ.


 بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەر: جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار
جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىشى بىر قەدەر جىددىي بولۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋاقىت دەل ھاياتلىقتۇر. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، دورا قان تومۇرغا تېزلىكتە بارالمايدۇ ، يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيىسى قىلىش بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر: تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى بىمارى
بەزى بىمارلار قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن مەيدىسى ئاغرىيدۇ، بۇ خىل ئاغرىق بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى تەرتىپلىك بولمىغاچقا، ئالدىن دورا ئىشلىتىپ كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، ناۋادا قوزغىلىپ قالسا، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دائىم مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدىغان كىشىلەر يۈرەككە تىرەك سېلىشنى ئويلىشىپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانسا بولىدۇ.

ئۈچۈنچى خىلدىكى كىشىلەر: دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، قان تومۇر توسۇلۇپ قالغان بىمارلار
يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى دىيابېت كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئىچىدە تەخمىنەن %70 تىن %80 كىچە بولغانلار يۈرەك قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ياكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە مۇھتاج. ئەگەر دىيابېت بىمارلىرىدا ئارتېرىيە تومۇرلىرى توسۇلۇش كۆرۈلگەن بولسا، يۈرەككە تىرەك سېلىپ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

تۆتىنچى خىلدىكى كىشىلەر: تاجىسىمان ئارتېرىيە قان تومۇر تارىيىش %70 تىن ئېشىپ كەتكەن بىمارلار
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى بولۇپ، بىمارنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىش دەرىجىسى %70 تىن ئاشقان ۋاقىتتا، قاننىڭ نورمال ئېقىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆكرەك سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ چاغدا، دوختۇر بىمارغا يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر توسۇلۇش تېخىمۇ ئېغىر بولسا، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە كۆۋرۈك سېلىش كېرەك. 

يۈرەككە تىرەك ئورنىتىشنىڭ نۇقسانلىرى
يۈرەك تىرىكى گەرچە قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەلگىلىك ئىشلىتىش ئۆمرى بولغاچقا، ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەككە تىرەك سالغاندىن كېيىن، ئاسپىرىن ۋە قان ئۇيۇشقا قارشى دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا تىرەك جازىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇ دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.



قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章