قىشتا باش تېرىڭىز كانىنىڭ ماكانى
كانا تىلغا ئېلىنسا، سىز بەلكىم تەبىئىي ھالدا ياستۇق، يوتقان، لۆڭگە قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇ بۇيۇملاردا پەقەت كانا ئىچىدىكى چاڭ-توزان كانىسى بار، خالاس. ئادەمنىڭ تېرىسى بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر خىل مەددە كانا بار بولۇپ، ئۇ تۈك خالتىسى ۋە تېرە ياغ بېزىدە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، تېرە ئاجرىتىپ چىقارغان تېرە مېيى، چۈشۈپ كەتكەن مۈڭگۈز ماددىلىق ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇق قىلىدۇ. بۇ خىل كانا، قىشتا قايتا پەيدا بولىدۇ، ھەمدە باش تېرىسىدە كۆپ مىقداردا كۆپىيىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كانا قۇرتىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ھەمدە سىزگە كانىنى قانداق يوقىتىشنى بەھىرلىدى.
زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر
جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ جياڭلىن؛
تيەنجىن تېببىي داشۆسى باش دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى يۈچىڭ؛
سىزنىڭ باش تېرىڭىز كانىنىڭ ماكانى
مەددە شەكىللىك كانىنىڭ بەدەن شەكلى ناھايىتى كىچىك، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئاساسلىقى يۈز، باش تېرىسى، دۈمبە قىسمى قاتارلىق تېرە ياغ بېزىنىڭ ئاجرىلىشى كۈچلۈك بولغان جايلارغا تارقالغان. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ تېرىگە تەسىرى يوق، پەقەت ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدىلا، ئاندىن زور مىقداردا كۆپىيىپ، تېرىنى ياكى باش تېرىسىنى غىدىقلايدۇ.
قىش پەسلى كانا قايتا پەيدا بولىدىغان مەزگىل، ئۇلارنىڭ كۆپىيىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرا ℃30~ ℃33، بۇ دەل قىش پەسلىدە ئادەم بەدىنى ئۇخلىغاندا باش تېرىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، تۈن نىسپى بولغاندا ئۆمىلەپ چىقىپ تېرە يۈزىدە جۈپلىشىدۇ، تۇخۇم تۇغىدۇ، كۆپىيىدۇ.
مىكروسكوپ ئاستىدىكى تۈك خالتىسى مەددە كانىسى
ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىدە كىشىلەرنىڭ بېشىنى يۇيۇش قېتىم سانى ئازلاپ كەتكەچكە، نۇرغۇن كىشىلەر يەنە باش كىيىم كىيىشكە ئادەتلىنىپ قالغاچقا، تۈك خالتىسىنىڭ مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى كۆپىيىپ، كانىنىڭ كۆپىيىشى تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، روھىي بېسىمى ئېغىر، خامۇشلۇق ھالىتىدە تۇرغان ياكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىزراق كىشىلەر سازاڭسىمان كانىنى تېخىمۇ ئاسان جەلپ قىلىپ كۆپىيىدۇ، ھەتتا باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
تيەنجىن تېببىي داشۆسى باش دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى يۈ چىڭ بارلىق كانىنى چوقۇم يوقىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. كانىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، جۈملىدىن ئادەمنىڭ تۈك خالتىسى ۋە تېرە ياغ بېزىدە پارازىت ياشايدىغان سازاڭسىمان كانا بىر خىل مەڭگۈلۈك پارازىت كانا ھېسابلىنىدۇ.
نورمال كىشىلەرنىڭ تۈك خالتىسىنىڭ سازاڭسىمان كانا بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %37.28 ~ %86.58 كە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 40 ~ 60 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر پەقەت ئاز ساندا بولىدۇ. پەقەت پارازىت ئىگىسىنىڭ تېرە يېغىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپ ۋە قۇرت تېنىنىڭ كۆپىيىشى كۆپ بولۇپ، تېرە ياغ بېزىنى ئىششىتىپ ئۆستۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرت تېنىنىڭ مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى ۋە ئۆلگەن قۇرت پارچىلانغان ماددىلارنىڭ غىدىقلىشى بىلەن يەرلىك ئورۇندا ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا بولىدۇ.
كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەددە كانا بىلەن يۇقۇملىنىشى كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ، تەن ساغلاملىقىغا تېخىمۇ خەۋپ يەتمەيدۇ، پەقەت مۇۋاپىق تېرە تازىلاش ۋە تېرە ئاسراش ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ.
باش تېرىسىنىڭ كانا تەرىپىدىن «ھۇجۇم»غا ئۇچرىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟
جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ جياڭلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، تۆۋەندىكى بىر قانچە كېسەللىك ئالامەتلىرى سىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
دائىم قىچىشىش
باش تېرىسىدىكى تۈك خالتىسىدا پارازىت ياشايدىغان كانا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، تۈك خالتىسىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرگەندە، باش تېرىسىنى غىدىقلاپ قىچىشىدۇ. كانا كۆپ مىقداردا باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگەچكە، ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ماي چىقىرىشقا ئامراق
كانا باش تېرىسى ئاجرىتىپ چىقارغان ماينى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باش تېرىسىنى غىدىقلاپ داۋاملىق كۆپ مىقداردا ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. باش كانىسى «ئاپەت» قىلغان باش تېرىسىنى بىر كۈن يۇمىغاندا كۆپ مىقداردا ياغ ماددىسى «ئاق لاي» نى كولاپ چىقىرىدۇ.
دانىخورەك چىقىش
كۆپ مىقداردىكى كانا، مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرى ۋە زىيادە ئاجرىلىپ چىققان ماي تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ، «دانىخورەك» پەيدا قىلىدۇ. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ياكى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە كانا تەرىپىدىن تېرە يۈزىدىن تۈك خالتىسىغا كىرىپ، تۈك خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
چاچ چۈشۈش
كانىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن توسۇلۇپ قالغان تۈك خالتىسى چاچنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىيەلمەي، چاچنىڭ ئىنچىكىلەپ چۈرۈكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، كانا يەنە چاچنى غاجاپ يىلتىزىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئاخىرىدا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قانداق كىشىلەرنىڭ بېشىغا ئاسانلا كانا يىغىلىۋالىدۇ؟
تېرىسى مايلىق كىشىلەر توپى؛ ياشانغانلار ۋە بالىلار؛
پىسخىك بېسىمى ئېغىر، خامۇشلۇق ھالىتىدە تۇرىدىغانلار ياكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىزلار؛
ماي تەپچىرەش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ھاراق قالدۇقى بۇرۇن تۈك خالتىسى ئەسۋىسى، دانىخورەك، ئېغىز ئەتراپى ئەسۋىسى قاتارلىق تېرە كېسىلى بىمارلىرى.
كانىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كانىنى يوقىتىشنى، بۇ بىر قانچە جەھەتتىن باشلاڭ
باش تېرىسىگە يىغىلىپ قالغان كانا قۇرۇتلىرىنى تازىلاش، بازاردا سېتىلىۋاتقان كانا يوقىتىدىغان ھەر خىل سوپۇن، كانا يوقىتىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، كانا يوقىتىش ئەسۋابلىرى قاتارلىقلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرىنى تەكلىپ قىلىپ دىئاگنوز قويدۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمىز.
تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ياخشى قىلىشمۇ كانىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كانىنى يوقىتىشقا پايدىلىق.
ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىش
تۇرمۇشتا كانىنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى «ئاپتاپقا سېلىش» بولۇپ، يېتەرلىك قۇياش نۇرى كانىنىڭ كۈشەندىسى ھېسابلىنىدۇ.
تازىلىققا دىققەت قىلىش
شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش؛ قولنى پات - پات يۇيۇش، قول بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك.
توغرا تاللاش
تېرىسى مايلىق كىشىلەر ماغزىپى مول، ماي يوقىتىش رولى بىر قەدەر ياخشى بولغان يۈز يۇيۇش مەلھىمىنى تاللاپ، يۈز تازىلىغاندىن كېيىن تېرە يۇمرانلاشتۇرۇش سۈيى ۋە ئېمۇلسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن نەملىك ساقلىسىلا بولىدۇ.
ماي تەركىبى بەك يۇقىرى ياكى ئوزۇقلۇق تەركىبى بەك يۇقىرى بولغان تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.
كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەش
تاتلىق، مايلىق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش، ئىمكانقەدەر سۇيۇق - سەلەڭ غىزالىنىش، ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش، تۇرمۇش قانۇنىيىتىنى ساقلاش، تۈنىمەسلىك كېرەك.
ۋاقتىدا داۋالىنىش
كانىنىڭ يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، كۈندىلىك پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولمىسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مېتىل نىترول يېلىمى (甲硝唑凝胶) ياكى پېروكسىد بېنزول يېلىمى (过氧苯甲酰凝胶) بىلەن سىرتتىن داۋالاش كېرەك.
كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسىمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، داۋالاش لايىھەسىنى توغرا تاللاپ پەقەت ۋاقتىدا داۋالىسا، كۆپ قىسىم بىمارلار ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55