پۇتنى سىلكىپ بەرسە قان تومۇرنى ئاسرىغىلى بولىدۇ|ئاڭلاپ باققانمۇ؟

文摘   2024-11-24 18:02   中国  





پۇتنى سىلكىپ بەرسە قان تومۇرنى ئاسرىغىلى بولىدۇ|ئاڭلاپ باققانمۇ؟

تۇرمۇشتا، ھەر بىر ئادەمدە بەزى كىچىك ھەرىكەتلەر بولىدۇ، مەسىلەن: پۇتىنى سىلكىش دېگەندەك. بەزىلەر جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بەزىلەر ئۇنى بىر خىل ئادەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت دەپ قارايدۇ. ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇتنى سىلكىشنىڭ يەنە بىر يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ  قان تومۇرلارنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ. 


مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، نېمە ئۈچۈن پۇتنى سىلكىشنىڭ قان تومۇرلارغا پايدىسى بارلىقىنى ھەمدە قانداق «سىلكىش» نىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بەھىرلىدى.

پۇتنى سىلكىش كۆپ ھاللاردا تەشۋىشلىنىشنىڭ رېفلېكس ھەرىكىتى دەپ قارىلىدۇ، روھىي ھالەت ئۇزاق مۇددەت جىددىي ھالەتتە تۇرغاندا، بىز پۇت - قول، ھەرىكىتى ئارقىلىق روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشىمىز كېرەك.

بۇ 2 خىل كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇتنى سىلكىش يەنىلا قان تومۇرنى قوغداش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ:

ياشانغانلار
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى ياشانغانلار كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى تيەن شياۋيەن مۇنداق دېدى: ياشانغانلار پۇتىنى سىلكىشنى مەشىق قىلسا، تۆۋەندىكىدەك پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ:


تۆۋەنكى مۈچە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش
ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي كۈچى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۆيدە تۇرسا، يېنىك بولغاندا مۇسكۇللار بوشىشىپ، ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، پۇت چىڭقىلىپ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان ئايلىنىشقا تەسىر يېتىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قان تومۇرلىرى قېتىشىپ، پۇت ـ قوللارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدىكى قان ئايلىنىش ياخشى بولمىغاچقا، پۇتنى مۇۋاپىق سىلكىگەندە، پۇتتىكى قاننىڭ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ قايتىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ؛ يەنە مۇسكۇل، بوغۇم، تارىمۇشلارنى تولۇق بوشىتىپ، مۇسكۇل ۋە بوغۇملارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى ۋە كۈچەيتكىلى بولىدۇ.


تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش
بۇ ھەرىكەتنى ئۇزۇن مۇددەت مەشىق قىلغاندا، ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئادەم چارچاپ ئۇيقۇسى كەلگەندە، پۇتىنى تىترىتىپ بەرسە بىر قىسىم ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.

ئۇزاق ئولتۇرغۇچىلار
بىر كۈن ئولتۇرغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇتنى مۇۋاپىق سىلكىگەندە، پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، پۇتنىڭ چارچاش، تېلىپ كۆپۈشنى پەسەيتىپلا قالماي، يەنە مەلۇم دەرىجىدە قان نۆكچىسى ۋە ۋېنانىڭ ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا مىسسۇرى شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان «ئامېرىكا يۈرەك ۋە قان ئايلىنىش فىزىئولوگىيەسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۇتنى سىلكىشدەك بۇ خىل ھەرىكەت يۈرەك - مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

تەجرىبىدە، تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلارنى جىم ئولتۇرغان مەزگىلدە ئوخشاش بىر پۇتنى قايتا - قايتا سىلكىشكە، بىر مىنۇت سىلكىشكە، بىر مىنۇت ئارام ئېلىشقا بۇيرۇغان، بۇنىڭ چاستوتىسى مىنۇتىغا تەخمىنەن 250 قېتىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر پۇتنى تىنچ ھالەتتە ساقلاش كېرەك. جىم ئولتۇرۇپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن، سىلكىگەن پۇتتىكى قان تومۇرلارنىڭ تىنچ تۇرغان پۇتتىكىدىن ياخشى ئىكەنلىكى بايقالغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىككى پۇتنى دائىم مىدىرلاتقاندا، پۇتقا قان يەتكۈزۈپ، قان تومۇرلارنى مەلۇم دەرىجىدە قوغدىغىلى بولىدىكەن، لېكىن كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، پۇتنى مىدىرلىتىشنى قەرەللىك چېنىقىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدىكەن.


2022 - يىلى ،ئامېرىكا ژۇرنىلى «iScience» ئېلان قىلغان خيۇستون داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلغان «كامبالا بېلىقى مۇسكۇلى يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى» ( پۇتنى سىلكىشكە باراۋەر )، ئىنسانلارنىڭ پاقالچىقىدىكى كامبالا بېلىقى مۇسكۇلىنى غىدىقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇزاق ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ قىسمەن مۇسكۇللىرىنىڭ ماددا ئالمىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە نەچچە سائەت ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ يەنە پۈتۈن بەدەندىكى گلۇكوزا ۋە ياغنىڭ ماددا ئالمىشىش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.


پۇتنى سىلكىش قان نوكچىسىنى يۆتكىۋېتەمدۇ؟
بېيجىڭ داشۆسى خەلقئارا دوختۇرخانىسى قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋراچى ۋاڭ چيەن شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بەزى پۇت سىلكىش قان نوكچىسىنى «تىترىتىۋېتىشى» مۇمكىن.


تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسى ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسىدىكى قان تومۇرلارنىڭ تېرىسىنىڭ قىزىرىپ، قاتتىقلىشىپ، ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، تېيىز ۋېنادا قان نۆكچىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ خىل قان نۆكچىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، پۇتنى سىلكىگەندە چۈشۈپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئۇۋۇلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.


ئورنى بىر قەدەر چوڭقۇر، چوڭقۇر سېرىقئەتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا جايلاشقان ۋېنا تۆۋەنكى مۈچە چوڭقۇر ۋېناسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ بىر پۇتى تۇيۇقسىز ئىششىپ، قىزىپ كەتسە، چوڭقۇر ۋېنادا قان نوكچىسى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر چوڭقۇر ۋېنادا قان نوكچىسى پەقەت پاقالچاق قىسمىدىلا بولسا، تىز بوغۇمى ئەتراپىدا بولمىسا، نورمال ماڭغاندا قان نوكچىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.


ئەگەر قان نوكچىسى تىز بوغۇمىدىن ئېشىپ كېتىپ، يوتىغا چىقىپ قالسا، كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك، پۇتنى سىلكىش، ئۇۋۇلاش، يول ماڭغاندا تىز بوغۇمى ۋە يانپاش بوغۇمىنىڭ ھەرىكىتى قان نوكچىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


ئىلىم - پەندىكى پۇت سىلكىشنىڭ بىر قانچە ئالدىنقى شەرتى
پۇتنى تىترىتىش ھەرىكىتى ئاددىي بولۇپ، تۆۋەندىكى باسقۇچلارغا بۆلۈنىدۇ:


1. بىر ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىككى پۇتنى ئورۇندۇققا تىك قىلىپ، دۈمبىنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىدىن ئايرىپ، تۈز ئولتۇرۇپ، ئاندىن ئىككى پۇتنى سول ئۈستى، ئوڭ ئاستى ياكى سول ئاستى، ئوڭ ئۈستى ئۇياق - بۇياققا تىترىتىش، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 مىنۇت؛
2. بىر تەرەپتىن سىلكىپ بىر تەرەپتىن ئىككى مۇشت بىلەن يوتىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە يان تەرىپىنى يېنىك ئۇرۇش ئاندىن ئىككى پۇتنى ئالدىغا سوزۇپ تۈزلەپ، تىز بوغۇمى ۋە تارىمۇشنى سوزغاندا، ساغرا توقۇلمىلىرى تارتىلىپ، ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىكى مۇسكۇل ئەسلىگە كېلىدۇ؛
3. ئارقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر پەس ماڭغاندا ئۆزىنى ئەركىن ۋە راھەت ھېس قىلىدۇ، ئۇزۇن ئولتۇرغاندا پۇت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ، پۇتنى مىدىرلاتقاندا پۇت مۇسكۇللىرى سەل - پەل ھەرىكەتلىنىدۇ، مەلۇم دەرىجىدە يەنە پۇت ئۇيۇشۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئەگەر ياشانغانلار كارىۋات ياكى كىرىسلودا ئولتۇرسا، چوقۇم تەييارلاپ قويۇلغان ياغاچ ئورۇندۇققا يۆتكىلىشى كېرەك، چۈنكى كارىۋات ياكى كىرىسلو بەك يۇمشاق بولغاچقا، ھەرىكەت قىلىش دەرىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ؛
پۇتنى مىدىرلاتقاندا ئادەتتىكىگە ئوخشاش پۇتنى مىنگەشتۈرمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئۈنۈمى بولمايدۇ؛
ئۇزۇن ئولتۇرغاندىن كېيىن پۇتنى مىدىرلاتسا دەرھال ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە بوش ۋاقىتلاردىمۇ بۇ ھەرىكەتنى قىلىشقا بولىدۇ، بۇ ھەرىكەتنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا پۇتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا زور پايدىسى بار.

ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەزى كېسەللىكلەر (مەسىلەن، پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش، مۇسكۇل ئاغرىش، ۋېنا ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىش، پۇت سۇلۇق ئىششىش، بوغۇم ياللۇغى) ياكى ھەرىكەت مەسىلىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، پۇتنى پات - پات سىلكىگەندە كۆيۈۋاتقاندەك، قىچىشىۋاتقاندەك، چۈمۈلە ئۆمىلەۋاتقاندەك ياكى پەي تارتىشىپ قالغاندەك ھېس قىلغاندا، «پۇتنى تىنچلاندۇرماسلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ( RLS )» ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.


ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان پۇت - قول ھەرىكىتى ھاياجانلىنىش بولۇپ، دائىم دەم ئالغاندا ئېغىرلىشىدۇ، ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن پەسىيىدۇ، ئاساسلىقى كەچقۇرۇن ياكى كېچىدە يۈز بېرىدۇ، ماڭغاندا ياكى ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن بىئاراملىقنى ئازايتقىلى بولىدۇ، پەقەت تىنچلانسىلا بىئارام بولۇش كۆرۈلىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!


سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55



亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章