نەرىڭىزسېمىز؟ ھەسەل ئاچچىقسۇدا ئورۇقلاش ئۇسۇلى

文摘   2024-11-21 19:53   新疆  




نەرىڭىزسېمىز؟ ھەسەل ئاچچىقسۇدا ئورۇقلاش ئۇسۇلى



1- رەسىم:ئۈستۈنكى  بەدەن قىسمى  سېمىز
سەۋەبى ——ئۆپكە  ئاشقازان  خىزمىتى  ئاجىز  ، تېرىسى مايلىق  ھەم كۆپ تەرلەيدىغان  بەدەننى  زىيادە  ھۆللۈك  ئېلىپ  كەتكەن كىشىلەر  بۇلار ئاساسەن  ھۆللۈكتىن  سەمىرىپ  كېتىدۇ.

 2- رەسىم:كىچىك قورساق چىقىۋالغان ھالەتتە
سەۋەبى ——چوڭ  تەرەت  راۋان  ئەمەس  ، ئۇزاق  مۇددەت  ئولتۇرۇپ  خىزمەت قىلىدىغان ئەمما ھەركىتى  ئاز بولغانلىقتىن  كېلىپ  چىقىدۇ ، تاماقتىن  كېيىن  ھەركەت بولمىغانلىقتىن شۇنداقلا دائىم ئولتۇرۇپ  خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر قەۋزىيەت  سەۋەپلىك  مۇشۇ خىل  كىچىك قورساق چىقىپ قالىدىغان ئەھۋاللار  كىلىپ  چىقىدۇ .  


3-رەسىم:يوتا پۇت تەرەپ  سېمىز
سەۋەبى —— تېتىتقۇلۇق  تاماقلارغا  ئامراق يەنى تاماقنىڭ تۇزىنى ئۆتكۈزۈپ يىيىشكە ئامراق  ، سوغوق ئىچىملىكلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئىسىڭىزدە  بولسۇنكى بىر قۇتا سوغوق ئىچىملىكنىڭ ئۆزى 7~8 پارچە قەنىتنى چاي قىلىپ ئىچكەنگە باراۋەر  ، قەۋزىيەت ، ئۇزاق  مۇددەت  ئۆرە  تۇرغانلىقتىن.

4- رەسىم:ئاشقازان چىقىپ  كەتكەن ھالەتتە
سەۋەبى ——ئۈچ ۋاق  تاماق ۋاقتى  بىنورمال  يىگەندە يەپ يىمىگەندە  يىمەسلىك، ئۇششاق پارچە  يىمەكلىككە  ئامراقلىقىدىن  دائىملا  تۇيۇنۇش  سىزىمى  پەيدا  بولىدۇ، شۇ سەۋەپلىك  سەمىرىيسىز.

 5-رەسىم:ئاستىنقى  بەدەن  قىسمى  سېمىز
سەۋەبى ——جىگەر خىزمىتى ئاجىز ، ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن شۇنداقلا  ئۇزۇن مەزگىل  ئۆرە  تۇرۇشتىن  تاتلىق يىمەكلىككە ئامراقلىقتىن    تاماقنىڭ  تۇزىنى  تېتىپىپ  يەيدىغانلار


6-رەسىم:قورساق چىقىپ كەتكەن
سەۋەبى —— تاماقلىنىش  ئادىتى  ناچار  ھەددىدىن  زىيادە  كۆپ يەۋىلىشتىن  ، ھاراق تۈرىدىكى  ئىچىملىكلەرنى  كۆپ ئىچكەنلىكتىن ، ھەركەت يوق ھالەتتە  سەمىرىيسىز   ئۇنداقتا  قېنى  ئۆزىڭىزنى  بىر  سىناپ  بېقىڭ سىز  قايسى  تۈرگە  تەۋە.

ئايال كىشىدە پۇل بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق قوپال بولماڭ؛ ئاجىز بولۇشقا بولىدۇ، بىراق ھورۇن بولماڭ؛ ئاددىي بولسىڭىز بولىدۇ، بىراق مەنىسىز ياشىماڭ.

ھايات ئۇزۇن مۇساپە، ئەھمىيەتلىك ئىشلارمۇ ناھايىتى جىق. ئۆزىڭىزنى ھەرگىز چەكلەپ قويماڭ. ئەھمىيەتلىك ياشاڭ، باتۇرراق بولۇڭ، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي بولۇڭ، شۇندىلا بۇ يىللارنىڭ قەدرىگە يەتكەن بولىسىز...


ھەسەل بىلەن ئاق سىركە 3 كۈندە قورساقنى ئورۇقلىتىدۇ ، يەنە پۈتۈن بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ ، ئەرزان ھەم قايتا قوزغالمايدۇ ، شۇنداق قىلىپ مايغا خوش دېيەلەيسىز ، ھەقىقەتەن كىشىنى بەك ھەيران قالدۇرىدۇ ، ئۈنۈمى بەك ياخشى.

ئاق سىركە بىلەن ھەسەل بۇنداق ماسلاشتۇرغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى

1. نىسبەت بويىچە ماسلاشتۇرۇش:
ھەسەل ئاق سىركە ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى نىسبىتى،  ئەڭ ياخشىسى 1 : 4 بولىدۇ. يەنى بىر ئۈلۈش ھەسەلگە ، تۆت ئۈلۈش ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇش ، ئۇنىڭغا يەنە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ ،ئاندىن بىللە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.


2. قانداق ياساش :
بۇ ئىككىسىنى بىۋاسىتە ئارىلاشتۇرۇپ يەنى 4 قوشۇق ئاق سىركە + بىر قوشۇق ھەسەل + 200g  سۇ ئارىلاشتۇرۇپ  ياسايمىز.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل  — بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ، توڭلاتقۇغا سېلىپ توڭلىتىپ ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش كېرەك .

3. ئىچىش ۋاقتى :
ئادەتتە ، نۇرغۇن كىشىلەر ناشتىدىن 20 مىنۇت بۇرۇن ئىچىشنى تەشەببۇس قىلغان ؛ لېكىن چۈشلۈك تاماق ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، بىر رومكا ئىچىش لازىم.


ئاق سىركە ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھېسابلىنىدۇ ، بىراق تەمى ھېچقانچە ئەمەس ، ئىچكەندە كۆيدۈرگەندەك تۇيغۇ بولىدۇ ، ئۇنداقتا ئاق ئاچچىقسۇدا ئورۇقلاشتا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك ؟



1. تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەن ، تاشقى تەسىرگە ئۇچرىغۇچىلار ئىچسە بولمايدۇ ؛ ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر ئىچسە بولمايدۇ .


2.غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، جىسمانىي كۈچ خورىغاندىن كېيىن ، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاق سىركىنى ئىچسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
3. مېۋە سىركىسىنى ئاق ئاچچىقسۇ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.


4. كۆپ مىقداردا ئاق سىركە ئىستېمال قىلغاندا ، ئاشقازانغا بولغان غىدىقلىشى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ كېتىدۇ.
5.ئاق سىركىنى تاللىغاندا گۈرۈچ،  ئاق قوناق، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلار ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگىنىنى تاللاش كېرەك ، تەركىبىدە خىمىيىلىك تەركىب مەۋجۇت بولغىنىدىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك.


6. ئادەتتە ھەيز تەرتىپسىز كېلىدىغان خانىم - قىزلار ياكى ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانماسلىق كېرەك.



كىشىلەردىكى سېمىزلىك ئادەتتە ئاساسلىقى بەدەندىكى ياغنىڭ زىيادە يىغىلىپ قېلىشىدىن بولىدۇ ،ئاق سىركە ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمىنى ياخشىلايدۇ ، ئادەم بەدىنىنى كۆيدۈرۈش سۈرئىتى تېزلىتىدۇ ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىدۇ ، چۈنكى بۇ ئاساسلىقى ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى ماددا ۋە ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار ، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنى غىدىقلاپ ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا كۆپ مىقداردا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى پەيدا قىلىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.


ھەسەل تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ياغ كىسلاتاسى بولۇپ ، بۇ ماددا يەنە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئۈچەينىڭ نورمال لۆمۈلدىشىنى ياخشىلايدۇ. ئورۇقلاش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ، ھازىرغىچە قانداق تېزلىكتە ئورۇقلاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى يوق ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى غەيرەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك ، پەقەت ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ، پەقەت سېمىزلىك مەنبەسىنى تېپىپ قول سالغاندا ، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.


مەزمۇن يارىغان بولسا، ئەجرىمىز ئۈچۈن بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى  بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章